تىببى بىلىملەرھەكىملەر

ئابدۇغوپۇر تۇردى ھاجى

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى تىببى بىلىملەر سەھىپىسى

 

كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ، ئابدۇغوپۇر ھاجى

1941-يىلى لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل يېزىسىدا مەشھۇر تېۋىپ تۇردى ھاجىم(1859-1987) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.16يېشىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان كېسەل كۆرۈش، كېسەل داۋلاش، ھاۋانچىلاردا ھەر خىل دورا-ئەشيالارنى سوقۇش ھەمدە دورا ياساشتەك ئۆزگىچە تېبابەتچىلىك پائالىيەتلىرى ئۇنىڭدا كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ، مەشھۇر تېۋىپ بولۇپ يېتىشىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپاھ بولۇش ئىستىكىنى پەيدا قىلغان. شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا دادىسى تۇردى ھاجىمغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىشكە كېرىشكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن دورا ئەشيالارنى تونۇش، دورا تەييارلاش، دادىسى كېسەل كۆرسە، دورا پۈتۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن نەزەرىيە ئۆگىنىشكە كېرىشىپ، دادىسىنىڭ يېتەكلىشىدە «مىزان تىب» ناملىق ئەسەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. 1964-يىلى سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دادىسى تۇردى ھاجىم بىلەنغا ئەگىشىپ تېۋىپلىق قىلىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە، بولۇپمۇ بىر قىسىم جاھىل كېسەللىكلەر ۋە كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش جەھەتتە خېلى مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان. مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، بىر كىشى 16ياش ئەتراپىدىكى ئوغلىنى تۇردى ھاجىمغا كۆرسەتكىلى ئېلىپ كەلگەن. بالىنىڭ چوققىسى پىيالە چوڭلىقىدا ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، گۆشى لىغىلداپ تۇراتتى. تۇردى ھاجىم بالىنىڭ بېشىنى بىرەر قۇر كۆزەتكەندىن كېيىن، داۋالاشقا كىرىشىپ، دادىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر خىل تالقان دورا تەييارلاپ، ئۇنى بالىنىڭ بېشىدىكى جاراھەتنىڭ ئەتراپىغا سىپىپ چىققاندىن كېيىن، قالغان قىسمىنى بالىنىڭ دادىسىغا بېرىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە كۈندە دورا سېپىشنى بىر ئاي داۋملاشتۇرۇشنى تاپىلاپ، ئىچىدىن ئىچىشكە ھەببى شىڭگىرىف بېرىپ يولغا سالغان. بىر ئايدىن كېيىن ھېلىقى بالىنىڭ بېشىدىكى جاراھەت پۈتۈپ سەرەڭگە قېپىدەك قالغان. مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋلاشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن بالىنىڭ بېشى تولۇق ساقايغان. مۇشۇنداق جاھىل ۋە كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئابدۇغوپۇر ھاجىم خېلى پىشىپ يېتىلگەن. 1975-يىلى تۇردى ھاجىم خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئابدۇغوپۇر ھاجىم يېزىلىق شىپاخانىدا داۋاملىق ئىشلەپ، ئۆز ئالدىغا كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەڭ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىر قىسىم دورا-ئەشيالارنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشقان.
1981-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، دادىسىغا ئەگىشىپ كېسەل كۆرۈش، رېتسىپ يېزىش، كېسەل داۋالاش بىلەن بىرگە، يەنە ئىمىننىياز ئاخۇنۇم، غوجى باھاۋۇدۇن ھاجىم، ئەمەت ھاجىم، ئېلىخان ھەزرىتىم، ئابدۇلھىمىت يۈسۈپ ھاجىم، ئابدۇلھىمىت مۇھەممەت قاتارلىق پىشىقەدەم تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتىكى ماھارىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇ مەزگىللەردە داۋاملىق ھالدا «تېببىي ئەكبەر»، «قارابادىن قادىرى»، «دەستۇرۇلئىلاج»، «قارابادىن ئەزەم» قاتارلىق تېببىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ۋە داۋالاش بىلىملىرى جەھەتتە تېخىمۇ يۈكسىلىش ھاسىل قىلغان. ئەنە شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىم سەۋىيەسىنى ۋە داۋالاش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكى، ھەزىم سىستېما كېسەللىكلىرى، پالەچ، خەنازىر(تېرىنىڭ سىرتىغا چىققان لىمفا بەز ئۆسمىسى)، ماي بەز ئۆسمىسى، بالىياتقۇ چىقۇقى، مۇپاسىل، نىقرەس، شېكەر كېسىلى، ئىستىرخا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ كېسەللىكلەرنى روھىي داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەرھىزلەرنى بۇيرۇپ، ئوزۇقلۇقىنى تەرتىپكە سېلىپ، داۋالاش، ھىجامەت قويۇپ داۋالاش قاتارلىق قول ئەمەلىيىتىدا داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
ئابدۇغوپۇر ھاجىم ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ياش ئىزباسرلارنى كەسپىي ئەخلاق ۋە كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ماھارىتى جەھەتتە تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى تايانىچ تېۋىپلارغا ئابدۇغوپۇر ھاجىمنىڭ ئەجىر- تۆھپىسى سىڭگەن. ئابۇغوپۇر ھاجىم خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە دادىسىغا ياردەملىشىپ، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسقىلىرى» ناملىق كىتاپنى تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتاپ 1983-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا باستۇرۇلغان. 2006-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاپقا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كۆپ قوللىنلىدىغان 993 دىن ئارتۇق مۇرەككەپ دورا نۇسقىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىكىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلار ئۈچۈن دەرسلىك بولۇپ كەلگەن.
ئابۇغوپۇر ھاجى كىچىك پىئېل، كەمتەر بولۇپ، كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش جەھەتتە، دادىسى تۇردى ھاجىمنىڭ كەسپى ئىستىلى ۋە ئالىجاناپ تىببىي ئەخلاقىنى ئۆرنەك قىلىپ، كەڭ بىمارلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېسلىنى كۆيۈنۈپ داۋالاپ، كەڭ ئاممىسى ئارىسىدا ياخشى نام قازانغان. ئابدۇغوپۇر ھاجى 2002-يىلى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەل داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتونۇم رايۇن ۋە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىگى ئالىي تېخنىكومى تور بىكىتىدىن ئېلىندى.

ئەمگىكىمزگە ھۆرمەت قىلىڭ : نۇرلۇق

1+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close