ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ شەكىللىرى

كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ۋە سىرتقى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا بۆلىنىدۇ.
ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ دورا شەكىللىرى: مەجۇنات (خېمىر دورا)، ھەببىيات (يۇمىلاق كىچىك پىلۇلە)، قۇرسات (تابلىت)، سۇپۇپ (تالقان، پاراشۇك)، بەنادىق (كۇمۇلاچ)، شەربەت (قىيام)، كاشكاپ(چىلانما ۋە دەملەنمە)، ئەرقىيات (دورا پارلىق سۈيى)، لوئۇقات (شىرە) لەر قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى، ئىشلىتىش ۋاقتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ.

سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ شەكىللىرى: ياغلىمىلار (سىرتتىن ياغلايدىغان دورىلار)، مەلھەملەر (ئونگىۋېنتۇنلار)، زىماتلار(پىلاستىرلار)، غەر- غەرلەر (ئېغىز چايقايدىغان دورىلار)، ھوقنەلەر (كىلىزمىلار) ۋە كۆز، قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورىلار قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىش مىقدارى، ئۇسۇلى، ۋاقتى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى بار. دورا شەكىللىرىنىڭ خىلمۇ- خىل بولۇشى داۋالاشتا، ئىشلىتىشتە ئەپلىك بولۇش، داۋالىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يۆتكەش، ساقلاشقا ئەپلىك بولۇشتەك جەھەتلەردە كۆزدە تۇتۇلغان.

 

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button