پىشقەدەم ئۈستازلار

بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر تېۋىپ ئابدۇللا مەھمۇد

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋراچ ئابدۇللا مەھمۇد 1943- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى خەلىپە كەنتىدە مەھمۇد ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1951- يىلىدىن 1962- يىلى 6- ئايغىچە دىنىي مەكتەپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بولغاچقا، 1962- يىلى ئەللامە كەنتىدىكى داڭلىق تېۋىپ مۇھەممەد ئاخۇنۇمغا شاگىرت بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە بىلىملىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار بىلەن تونۇشۇپ چىققان. جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسىلەن: كېزىك، بالىلاردىكى قىزىل، سۇ چېچىكى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى نەزەردە تۇتۇپ، باغچى يېزىلىق شىپاخانىغا غەرب تېبابەت ئىلمى بويىچە ئۈچ ئاي تەربىيەلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن باغچى يېزىسى ئەللامە كەنتى خەلىپە مەھەللىسىنىڭ» يالاڭئاياغ دوختۇرلۇقى» غا قويۇلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن مەھەللە دوختۇرلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 1963- يىلى باغچى يېزا سومى كەنتىدىكى مەشھۇر تېڭىقچى 86 ياشلىق ساۋۇر ئاخۇننى ئۇستاز تۇتۇپ، ئەنئەنىۋى تېڭىقچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلەپ، مەجرۇھ بىمارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا نائىل بولغان.
ئابدۇللا مەھمۇد كەنتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، 1964- يىلى مەشھۇر تېۋىپ، » ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى تۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇمغا شاگىرتلىققا كىرىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك جەھەتتىكى بىلىم ۋە تەجرىبىسىنى پىششىقلاشقا كىرىشكەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازىنىڭ خەلق ئارىسىدە كۆپ ئۇچرايدىغان، داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇللىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، بۇ خىل كېسەللىكلەرگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئۈنۈملۈك دورا رېتسېپلىرىنى توپلاپ چىقققان. ئۇستازىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھۇماما، ئىسپىغۇل، گاۋزىبان، شەھمەنزەل، بادرەنجى بۇيا، شومشا، كاسىنە، سۇزاپ ئۇرۇقى، سېرىق چېچەك قاتارلىق 18 خىل دورا ئۆسۈملۈكىنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمدە ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن بويىچە» مۇنەۋۋەر مەھەللە دوختۇرى»،» دورا تېرىپ ئۆستۈرۈش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان.
ئابدۇللا مەھمۇد ئۇستازى تۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 1966- يىلى خوتەن ناھىيە باغچى بازارلىق شىپاخانىغا ئورۇنلىشىپ، ئۇيغۇر تېبابەت بۆلۈمىدە تېڭىقچىلىق ۋە تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەڭ بىمارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە پىشقەدەم تېۋىپ ۋە دورىگەر توختىمۇھەممەد ھاجىدىن دورا تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى؛ مەتتۇردى ئاخۇندىن ھىجامەت قويۇش، خەتنە قىلىش ماھارىتىنى؛ گۇما ناھىيەسىدىكى مەخسۇت ئاخۇنۇمدىن قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى تاكاماللاشتۇرغان. 1970- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېيجىڭ ھەربىي قىسىم دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن جۇڭيى تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرىدىن سۆڭەك- بوغۇم كېسەللىكى، پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن.
ئابدۇللا مەھمۇد دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىپ ئۆستۈرۈش، دورا تونۇش،پەرقلەندۈرۈش، دورا ئۆسۈملۈك مەنبەسىنى پىششىق بىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت دورا ئەشيالىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىنى باشلاپ، يول شارائىتى ناچار، ئىسسىق- سوغۇقلۇق مۇھىتى ئىنتايىن ئۆزگىرىشچان بولغان لاڭرۇ تېغىنىڭ مېتىز، سۇنسەلدۇي، بەتنىش، سۇنۇس، چامبۇش، پۇشا قاتارلىق جايلىرىغا چىقىپ، 60 خىلدىن ئارتۇق ئوت- چۆپ دورىدىن 112 تاغار يىغىپ كېلىپ، يەرلىك دورىلارنى كەڭ- كۆلەمدە ئىشلىتىشكە تۆھپە قوشقان.

1975 – يىلى 10- ئايدا تېبابەتچىلىكتە كامالەتكە يەتكەن، ئەل يۇرت ئارىسىدا نامى چىققان پىشقەدەم تېۋىپلار توپلاشقان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ، خوتەن دىيارىدا نام چىقارغان تېۋىپ ۋە دورىگەردىن تەلىم ئېلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان. 1978- يىلى 10- ئايدىن 1980- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاتۇش سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا مەشھۇر تېڭىقچى سامساق ئۇستامغا شاگىرت بولۇپ، ئۆزىنىڭ تېڭىقچىلىق ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. 1981- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تايانچلىق رول ئويناپ، سۇنۇق- چۇقۇق كېسەللىكلىرىگە قوشۇلۇپ كەلگەن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا نەتىجە قازانغان. ئابدۇللا مەھمۇد تەسلىكتە قولغا كەلگەن پايدىلىق پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇستازلىرىنى قەدىرلەپ، ھەر ۋاقىت بېرىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇ پىشقەدەم ئۇستازى تۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇمدىن» مىزانىتېب» ناملىق كىلاسسىك ئەسەرنى ئوقۇش بىلەن بىللە، مەخسۇس ئەرلەر تاناسىل ئەزا كېسەللىكلىرى، يۈرەك، نەپەس كېسەللىكلىرى ۋە ئاق كېسەلنى داۋالاشنى؛ تۇردى ھاجىمدىن ھەزىم سىستېما كېسەللىكلىرى ۋە تېرە تاشقى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى؛ ئىمىننىياز ئاخۇنۇمدىن داۋاسازلىق ئىلمىنى؛ غوجى باھاۋۇدۇن ھاجىدىن مېڭە كېسەللىكى ھەم سېمىزلىك كېسەللىكىنى داۋالاشنى؛ ئەيسا ھاجىدىن يەل، قاداق تۇرۇپ قىلىش ھەم چىقۇق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى؛ غوپۇر ھاجىدىن نۇقرەس كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى؛ ئوبۇل ئاخۇنۇمدىن مۇپاسىل، ئاياللار كېسەللىكلىرى، سىفلىس كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى؛ ئەمەت ھاجىدىن خاپخان، سەرئى، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالاشنى؛ ئېلىخان ھەزرىتىمدىن تومۇر ئىلمىنى، ئەرلەر جىنسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى؛ ئابلىمىت مۇھەممەدتىن جىگەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى ئۆگەنگەن. كېيىن يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىمى ئابدۇلھىمىت يۈسۈپنى ئۇستاز تۇتۇپ» تېببىي ئەكبەر» ناملىق كىلاسسىك ئەسەرنى ئوقۇش بىلەن بىرگە، تومۇر ئىلمىنى پىششىق ئۆگەنگەن. بۇنداق كۆپ ئۇستازلارنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىش، ئابدۇللا مەھمۇدنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر تېۋىپ بولۇپ يېتىلىشىگە چوڭ تۈرتكە بولغان. 1987- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا سۆڭەك كېسەللىكى دەرسىنى ئۆتۈپ، ئۇلارنى ئەمەلىي پىراكتىكا شارائىتى بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە» ئۇيغۇر تېبابىتى تېڭىقچىلىق ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئىلمى» دېگەن دەرسلىكنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، تېڭىقچىلىق ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرى بويىچە ئىز باسار يېتىشتۈرۈشكە ھەسسە قوشقان.
1994 – يىلى 6- ئايدا دوختۇرخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بۈگۈرگە بېرىپ، 1996- يىلى 6- ئايغا قەدەر بۈگۈر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنى قۇرۇش ھەم ئىز باسار يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۈگۈردىكى ھەر دەرىجلىك تارماقلار ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.
ئابدۇللا مەھمۇد 1996- يىلى 6- ئايدا بۈگۈردىن خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېرە، سۆڭەك، ئەرلەر كېسەللىكىنى داۋالاش ئاساس قىلىنغان تاشقى كېسەللىلەر بۆلۈمىدە ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن كلىنىكىلىق داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئۆگەنگەن بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئىلمىي ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەن. 2003- يىلى» ئۇرۇق دورىلارنىڭ شىپالىق رولى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. » ئۇيغۇر تېبابەت خەزىنىسى» ناملىق ئەسەرنى تۈزۈپ چىققان( نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا). شۇنىڭ بىلەن بىرگە، » كىچىك بالىلاردىكى باش سۆڭەك ئاجراش كېسىلىنى داۋالاش»، » ھەر قايسى كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان تومۇر ئىپادىلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان.
ئابدۇللا مەھمۇدنىڭ مول داۋالاش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، 2008- يىلى دۆلەتنىڭ» 11- بەش يىللىق پىلان» دىكى پەن- تېخنىكىنى تىرەك قىلىش تۈرى » پىشقەدەم تېۋىپلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىغا قارىتا قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ۋارىسلىق قىلىش تەتقىقاتى» نىڭ ئوبيېكتى قىلىپ تاللىنىپ، ئۇنىڭ ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى ئاساس قىلغان كلىنىك تەجرىبىلىرىگە قارىتا سىستېمىلىق تەتقىىق قىلىش، يەكۈنلەش ئېلىپ بېرىلىش ئاساسىدا» ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش» ناملىق قوللانما تۈزۈپ چىقىلدى( نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا).
مۇدىر ۋراچ ئابدۇللا مەھمۇد ھازىر دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتۇرىيەسىدە ئىچكى- تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە كېسەل كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلە شارائىتىدا كېسەل كۆرۈش، داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button