ئاياللارساغلاملىقى

ھەيز كەلمەسلىك

ھەرخىل سەۋەبلەردىن قىزلار بالاغەتكە يېتىش يېشىدىن ئۆتكەندىمۇ ياكى 18 ياشتىن ئاشقاندىمۇ بىرەر قېتىممۇ ھەيز كەلمىسە بۇ ھەيز كەلمەسلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ھەيز كەلمەسلىك ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە«ئىھتىباسۇت تەمەسسۇ» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھەيز كەلمەسلىك
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ
خەنزۇچە نامى 原发性闭经
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

مۇندەرىجە

  • 1سۈرەت ۋە ۋىدىيولار
  • 2چۈشەنچە
  • 3سەۋەبى
  • 1. جىنسىي ئەزالاردىكى غەيرىيلىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ
  • 3. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
  • 4. خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  • 4دىئاگنوزى
  • 1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ
  • 2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ
  • 3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ
  • 5داۋالاش پىرىنسىپى
  • 6داۋالاش ئۇسۇلى

2چۈشەنچە

ھەرخىل سەۋەبلەردىن قىزلار بالاغەتكە يېتىش يېشىدىن ئۆتكەندىمۇ ياكى 18 ياشتىن ئاشقاندىمۇ بىرەر قېتىممۇ ھەيز كەلمىسە بۇ ھەيز كەلمەسلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ھەيز كەلمەسلىك ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە«ئىھتىباسۇت تەمەسسۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەيز كەلمەسلىك كلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ، ھەقىقىي ھەيز كەلمەسلىك ۋە غەيرىيي ھەقىقى ھەيز كەلمەسلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ھەقىقى ھەيز كەلمەسلىك-تۇخۇمدان، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە بالىياتقۇدىكى نورمالسىزلىقلاردىن كېلىپ چىققان ھەيز كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىيي ھەقىقى ھەيز كەلمەسلىك-تۇخۇمدان، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە بالىياتقۇنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمىتى نورمال تۇرۇپ باشقا سەۋەبلەردىن ھەيز كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

3سەۋەبى

1. جىنسىي ئەزالاردىكى غەيرىيلىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ

ھەيز كەلمەسلىك1)تۇغما خاراكتېرلىك غەيريلىكلەر: تۇخۇمدان بولماسلىق، بالىياتقۇ بولماسلىق، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى پۈتەيلىكى، قىزلىق پەردە پۈتەيلىكى، تولۇق بولغان جىنسىي يول توغرا كىرگىتى، جىنسىي يول چاپلىشىپ قېلىش، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان قاتارلىقلاردا ھەيز كەلمەسلىك كۆرۈلىدۇ.

[ 2) جىنسىي ئەزالارنىڭ تولۇق يېتىلمەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىدىن ھەيز كەلمەسلىك كۆرۈلىدۇ. 2. تۇخۇمداننىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇمدان رادىئوئاكتىپ نۇرلارنىڭ تەسىرىدە زەخىملىنىپ ئۆزىنىڭ نورمال پائالىيەت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقانلىقتىن ھەيز كەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

3. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

. پۈتۈن بەدەندىكى سوزۇلما، خوراتقۇچى كېسەللىكلەر، ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر، ئوزوقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، ھېپوپىز تەنچىسىنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى ياكى فۇنكسىيىسىنىڭ تەڭپۇڭسىز، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ دورىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش، مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4. خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1) بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىپ، ئىچكى جىنسىي ئەزالار ۋە بەدەندىكى ھەر خىل بەزلەرنىڭ يېتىلىشى كېچىكىپ، تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇ خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ھەيز بەك كېچىكىپ كېلىدۇ ياكى ھەيز كەلمەسلىك كۆرۈلىدۇ.

2) سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سەۋدا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە، جىنسىي ئەزالار جۈملىدىن تۇخۇمداننىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، چىقىرىلىشقا تېگىشلىك ماددىلارنىڭ تولۇق چىقىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەردە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، تۇخۇمداننى ئورىغۇچى پەردىلەرنىڭ بەك قېلىن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇخۇمدان خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن ھەيز كەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

4دىئاگنوزى

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ

زەخىملىنىش، جىنسىي ئەزا غەيرىيلىكى ۋە جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بىر قېتىممۇ ھەيز كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ

جىنسىي ئەزالاردا غەيرىيلىك بار-يوقلۇقى، قىزلىق پەردە ۋە جىنسىي يولنىڭ پۈتەي ياكى پۈتەي ئەمەسلىكى، جىنسىي يولنىڭ راۋانلىقى، بالىياتقۇ ۋە ئۇنىڭ يېتىلىشىدە نورمالسىزلىق بار-يوقلۇقى، تۇخۇمدان، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە غەيرىيلىك بار-يوقلۇقى … قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدۇ.

3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ

1) بالىياتقۇ-تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى سايىلاندۇرۇش: بۇنىڭدا بالىياتقۇ، بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ.

2) بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ھايات توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇ دىئاگنوز خاراكتېرلىك قىرىپ تەكشۈرۈلىدۇ.  بۇ ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ بار-يوقلۇقى، بالىياتقۇدىكى كېسەللىكلەر، تۇخۇم چىقىرىش ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ تۇخۇمدان ھورمۇنىغا بولغان رېئاكسىيىسى بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ.

3) تۇخۇمدان خىزمىتى تەكشۈرۈلىدۇ.  ئاساسىي تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، ھورمونلارنى ئۆلچەش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4)بويالغۇچى تەنچە يادرو تىپى ئانالىز قىلىنىدۇ.

5داۋالاش پىرىنسىپى

1. سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبلىرىگە قارىتا قاراتمىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە غەيرىيلىكلەردىن كېلىپ چىققان بولسا غەيرىيلىكنى داۋالاش پرىنسىپى بويىچە داۋالىنىدۇ.

2. مۇھىت ئامىلىدىن كېلىپ چىققان كېچىكىپ يېتىلىش خاراكتېرلىك ھەيز كەلمەسلىكنى داۋالاش ھاجەتسىز، بۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىدۇ.

3. خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4. جىنسىي ئەزالارنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

6داۋالاش ئۇسۇلى

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن لاچىندانە، سۇمبۇل قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئۈزۈم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ ئەنجۈر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 30 مىللىلىتىردىن 10 ~ 7 كۈن بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى ئايارەج پەيقىرا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 7 ~ 5 گرام ياكى ئايارەج لوغانزىيا كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن، (كەچتە) 5 ~ 3 دانىدىن 5 ~ 3 كۈن بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىدىن قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 80 مىللىلىتىردىن ياكى ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 40 مىللىلىتىردىن ياكى بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 30 مىللىلىتىردىن ياكى گاۋزىبان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن 20 ~ 15 كۈنگىچە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى مەتبۇخى ئەفتىمۇندىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. جىنسىي ئەزالارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىنسىي ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۈنى سۆئلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھالۋائى بادام كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 20 گرامدىن؛ ھالۋائى سۆئلەپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ھەمدە توسالغۇلارنى ئېچىپ، ھەيزنى راۋان قىلىش مەقسىتىدە مەجۈنى خىيار شەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۈنى سانا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 7 ~ 5 گرام ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۇنى نۇجاھ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ داۋائىمىشكى ھەر كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. قىزلىق پەردە پۈتەي بولسا، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button