ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺧﯘددى «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺗﺎرﯨﺦ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮيلاپ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎمىللارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚز ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. 2500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﺎﻛﻰ ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮرۇن ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ داۋالاش، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ساقلاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﻐﯘﭼﻪ (ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ 20–ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻏﻪرب ﻣﯩﺴﻴﯘﻧﯩﺮﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮﻟﺠﺎ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ راﻳﻮنلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن، 1940 – يىللاردىن ﻛﯧﻴﯩﻦ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮرۇن ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ داۋالاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘللاﻧﻐﺎن) دىيارىمىزدىكى ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎقلاش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، داۋالاش، ﺷﯘﻧﺪاقلا ساغلام ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚز ﺋﻮرﻧﻰ ۋە ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎقلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺮاس ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ.

 

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە، ﮔﻪرﭼﻪ ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﯧﻨﯩﻨﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە، ﻣﺎﻟﯧﻜﯘلا ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘرۇپ ﻛﯚزﯨﺘﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ قىلالاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ داۋاﻟﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪۋﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى دورىلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪدەﻧﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎدا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺋﯩﻨﺴﺎنلارﻧﯩﯔ ﺳﺎغلاﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﺋﯘﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟاﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮ– ﺋﻪﺳﺮاﻟﯩﺮى ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰدەﻧﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق زۆرۈرﯨﻴﻪت ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻰ، ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎبلاﻧﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪت دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ «80 ﺧﺎﻟﺘﯩﭽﻰ» دەپ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎراﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎراش ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﻗﺎراش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە داۋالاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎغلام ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ داۋاﻣﯩﺪا ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘلارﻧﻰ ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ دەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜپ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن. ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ، ﺋﻪزا، ﻗﯘۋۋەت، روھ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎقلاش زۆرۈر ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺷﺨﯩﺲ (دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش) ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى، داۋالاش ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﻛﯜﺗﯜﻧﯜش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ. ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎرﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎسلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1000 – 1400 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮىلا ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻛﯚز، ﻗﯘلاق، ﺑﯘرۇن ۋە ﺑﻮﻏﯘز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﭼﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻧﯧﺮۋا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻧﻪﭘﻪس ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻳﯜرەك ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﮬﻪزﯨﻢ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺗﯜرﻟﯜك ئىچكى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر، ﺳﯜﻳﺪۈك ﻳﻮﻟﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺟﺎراﺳﯩﻢ (ﻣﯩﻜﺮۇپ) ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ۋە ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 12 ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎن. ﺑﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮىلا ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮق، داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە دورﯨﻠﯩﺮى ﻗﺎلاق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﺎن ﺑﯧﻘﯩﺶ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ، ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ داۋالاش ۋە دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻤﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﻮﻧﯘپ، ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ رﯦﺌﺎل دۇﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎغلاﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

 

– نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق تورى

0

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button