ساغلام يىمەكلىك

كۆكتاتلار ھەققىدە

ئومۇمەن كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە %90 سۇ، %2 ئاقسىل، %4 كۈل ماددىسى، %0.5 ياغلار ۋە باشقا ئورگانىك تۆمۈر، تۇزلار، ۋىتامىنلار بار. كۆكتاتلار قان تەركىبىدىكى تۇز ۋە ياغلارنى ئېرىتىشتە ياخشى رول ئوينايدۇ. كۆكتات يېمەيدىغان ئادەملەردە كەم قانلىق ئوڭاي سادىر بولىدۇ. قەۋزىيەت يۈز بېرىپ، ئىشتىھا تۇتىلىدۇ، كۆز خىرەلىشىدۇ، ئومومىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. خۇسۇسەن ئۇزاق مۇددەت كۆكتات، بولۇپمۇ يېڭى كۆكتاتلار يېيىلمىسە، ھەرخىل ۋىتامىن يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرى، جۈملىدىن ۋىتامىن C يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان سىكاربوت (سىنگا) كېسەللىكى، ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

 

    كۆكتاتلار ئىچىدە زەردەك، چامغۇر، تۇرۇپ، پىياز، قاپاق، تەرخەمەك، كۆكمۇچ، شوخلا، كەرەپشە، پالەك، سامساق، موگۇلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئالاھىدە داۋالىق رولى بار. كۆپ ساندىكى كۆكتاتلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى《يەككە دورىلار》دەرسلىكىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. كۆكتاتلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئوبدان يۇيۇپ تازىلاش، ياخشى چايقاش (ئىلاجى بولسا قىزىق سۇ بىلەن چايقاش) كېرەك. بۇنىڭ بىلەن كۆكتاتلار ئارقىلىق مەددە قۇرت تۇخۇملىرى، باشقا جاراسىملار يۇقۇپ كېسەللىنىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. كۆكتاتلارنى پىشۇرۇپ (ئىلاجى بولسا چالىراق پىشۇرۇپ) ئىستىمال قىلىش پايدىلىق. بۇنداقتا كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ئىسسىق سۇ، ياغ تەسىرىدە بۇزۇلۇپ زايا بولۇشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ. خام يېيىلىدىغان كۆكتاتلارنى تېخىمۇ پاكىز تازىلاشقا، قايناق سۇدا چايقاشقا توغرا كېلىدۇ. تەبئىي ئوغۇت (قىغ،گەندە) بىلەن ئوغۇتلاپ ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارغا ھەرخىل مەددە قۇرۇت تۇخۇملىرى، جاراسىملار چاپلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەددە قۇرۇت كېسەللىكلىرى، تولغاق، ھەتتا ۋابا قاتارلىق كېسەللىكلەر يۇقۇشقا ۋاستىچى بولۇشى چوقۇم.
پىشۇرۇلغان قورۇمىلارنى ئۇزاق تۇرغۇزماي ئۆز ۋاقتىدا يېيىش لازىم. يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك، ئادەملەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئەشيالىرى ھايۋانات، ناباتاتلاردىن كېلىدۇ. بۇ ئىككى جىنىستىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار: ئۆسۈملۈكلەردىن كەلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئادەم بەدىنىدە ئاساسەن تەڭشەش ۋە تازىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ ھەم ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، كالتىسىي، فوسفور، باشقا ئورگانىك تۇزلار، مەدەنىي ماددىلار،ۋىتامىنلار مول بولغاچقا، سۆڭەكلەر، پەيلەرنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىلارنىڭ مەنبەسى بولىدۇ. كۆكتاتلار بەدەنگە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش، ئىچىنى بوشىتىش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. بولۇپمۇ يېڭى چىققان يۇمران كۆكتاتلارنىڭ قان تازىلاش، قاندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولدۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ياخشى ساقلانمىغان، بولۇپمۇ قىشىچە ساقلانغان كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرى، جۈملىدىن ۋىتامىنلار بارغانسېرى يوقىلىپ كېتىدۇ. كېسەللەرگە كۆكتاتلارنى بۇيرۇشتا بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button