پىشقەدەم ئۈستازلار

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى سىراجىئەخمەت ئابدۇللا

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى غەربىي يۇرتتا ياشىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن باشلاپ تەبىئەت سىرلىرىنى ئېچىش، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تۈرلۈك ئاغرىق- سىلاقلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى تونۇش داۋامىدىكى ماتېرىيالىستىك قاراشلىرىنى ئۆزىگە تۈپكى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا رەھىمسىز تەبىئەت ئاتا قىلغان پەۋقۇلئاددە قىيىن تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا، ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇنۇشلىرى داۋامىدا ئىنساننىڭ كېسەللىك ۋە سالامەتلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇپ، نورمال تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مانا مۇشۇنداق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن ئەمچى، ئاتاچىلار يېتىشىپ چىقىپ، تېبابەتچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى سىراجىئەخمەت ئابدۇللا ئەنە شۇ ئەجدادى تېۋىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ 40 نەچچە يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە بېغىشلاپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئىز باسارلىرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىگە ئىشتىياق باغلاپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، پىشقەدەملەرنى ئۇستاز تۇتۇپ، كەسىپنى پۇختا ئىگىلەش، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تۈپكى نەزەرىيەلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئىزدىنىش روھى، ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە مول تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە، تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا قوللىنىشىمىزغا ئەرزىيىدۇ. بىز بۇ ماقالىدە سىراجىئەخمەت ئابدۇللانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەمدە ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ھاياتىنى قىسقىچە يەكۈنلەپ چىقتۇق.
1. ئاتا ئىزىنى بېسىپ، تېبابەتچىلىك ئىلمىگە ئىشتىياق باغلاش
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسى سىراجىئەخمەت ئابدۇللا 1941- يىلى لوپ ناھىيە بازىرى ئىچىدە شۇ زاماننىڭ داڭلىق تېۋىپلىرىدىن بولغان ئابدۇللا ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇللا ئاخۇن 1898- يىلى لوپ ناھىيەسىدە تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1924- يىلىغا قەدەر دىنىي مەدەرىسلەردە ئوقۇش بىلەن بىللە، تاغىسى ئاتاقلىق تېۋىپ موللا غوغىئاخۇننى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ، خېلى كامالەتكە يەتكەن، 1924- يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا تېبابەتچىلىك قىلىشقا كىرىشىپ، لوپ بازىرى ئىچىدە ئامبولاتۇرىيە ئېچىپ، داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ۋاقىتلاردا تېخى غەرب تېبابەتچىلىكى بۇ يۇرتلارغا تارقىلىپ كىرمىگەن بولۇپ، خەلق ئاممىسى پەقەت ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە تايىنىپ ساقلىقىنى ساقلاپ، كېسەل داۋالىتاتتى. ئابدۇللا ئاخۇن مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كۆرۈپ دىئاگنۇز قويۇپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. 1941- يىلى ئابدۇللا ئاخۇننىڭ ۋارىسى سىراجىئەخمەت ئاخۇن تۇغۇلدى. ئابدۇللا ئاخۇن بۇ ئوغلىنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دەسلەپتە ئۇنى دىنىي مەكتەپكە بېرىپ ساۋاتىنى چىقاردى ھەمدە ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي نەزەرىيەلىرىدىن ساۋات بېرىش بىلەن بىرگە، دوراسازلىق ئىشلىرىغا مەشغۇل قىلىپ، كۆزىنى پىشۇرۇپ، قولىنى كۆندۈردى. 1957- يىلىغا كەلگەندە ئابدۇللا ئاخۇن ئوغلى سىراجىئەخمەت ئاخۇننىڭ ئىلمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرگە ئەۋەتتى. سىراجىئەخمەت ئاخۇن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن قەشقەردىكى داڭلىق مەدرىسەلەردىن چاسا مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى پىششىقلاپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، دىنىي ئىلىم، مەنتىقە ئىلمى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىگە تېخىمۇ ياخشى ئاساس سالدى. 1959- يىلى ئۇ قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن داۋانلىق تۈردە دادىسىغا ئەگىشىپ ئۇغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي كېسەل داۋالاش ماھارىتىنى ئىگىلىدى. 1971- يىلى ئۆزىنىڭ زىرەك ھەم قابىللىقى بىلەن لوپ ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، تېبابەتچىلىك ماھارىتىنى جارىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن كېسەل داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن دادىسى ئابدۇللا ئاخۇننىڭ بىر قىسىم مۇرەككەپ، جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئىگىلەپ ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىسىنى پۇختىلىغان. بۇ ئارقىلىق شىپاخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. 1975- يىلىغا كەلگەندە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، 1991- يىلىغا قەدەر ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ئىچكى كېسەل، تاشقى كېسەل بۆلۈملىرىنىڭ تېۋىپى، مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ، خىزمەت ۋە ئەمەلىي كېسەل داۋالاش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ يۈرەك سانجىقى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر قېتىشىش، جىگەر قېتىشىش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، پالەچ، ئىستىرخا كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بىر قەدەر مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، داۋالاش پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كېسەللەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قېتىرقىنىپ داۋالاپ، بىر قەدەر يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.
1989- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ئىشلىرى قېلىپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 1991- يىلى سىراجىئەخمەت ئابدۇللا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش ڧاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى، ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈش، دەرس تەييارلاش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئىزچىل ھالدا يۇقۇملۇق كېسەل، ئىچكى كېسەل دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان. 1994- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىلمىي نەتىجىلەرنى باھالاش- بېكىتىش ئىشلىرىدا تايانچلىق رول ئوينىغان. 1999- يىلى ئۇنىڭ بىلىمى ۋە قابىلىيىتىگە ئاساسەن مۇدىر ۋراچلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. 2001- يىلى يېشى توشۇپ قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پېنسىيەگە چىقىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەل داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى توختىتىپ قويمىغان. ئەپسۇس بۇ ئىجتىھاتلىق مۇتەخەسسىس 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2. ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ كەسىپ ئىگىلەش.
سىراجىئەخمەت ئابدۇللانىڭ ھاياتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىشلىرىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، ئاتا- بوۋىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئاغرىقلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش بىلەن ئۆتتى. مەيلى مەدرىسەلەردە ئوقۇغان ياشلىق دەۋرلىرىدە بولسۇن، مەيلى دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن يىللىرىدا بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدا ئىشلەپئەمەلىي كېسەل داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش مۇساپىسىدە بولسۇن ھامان خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسى، ھايات بەخش مەنىۋى بايلىقى بولغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىگە رارىسلىق قىلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، ئاۋامنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت روھنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈپ، ئاخىرى كۆپكە قادىر، بىرگە ماھىر ئاتاقلىق تېۋىپقا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر مۇتەخسسىسى بولۇپ يېتىلىشىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىكى ئامىلللارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
2.1.ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش: سىراجىئەخمەت ئاخۇننىڭ دادىسى ئابدۇللا ئاخۇنغا ئوغلىنى ئۇقۇمۇشلۇق، ياراملىق بىر تېۋىپ قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئارزۇسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت- ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىنى سىستېمىلىق ئۆگىتىشكە ئاساس يارىتىش ئىدى. چۈنكى، شىنجاڭغا ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشى بىلەن ئەرەب تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ، ئەدىبلەر، تېۋىپلار، تەتقىقاتچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يازىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنىدى. يەنە بىر تەرەپتىن يۇنان، ئىسلام تېبابىتى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنىدى. مۇشۇ تۈپەيلىدىن تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىشتە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئەرەب، پارس تىللىرىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. سىراجىئەخمەت ئابدۇللا تىل ئاساسىنى يارىتىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي نەزەرىيەلىرى ۋە ئەمەلىي داۋالاش، دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ، خېلى بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، 1957- يىلى ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ چاسا مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، دادىسى ئۆگەتكەن» مىزانى تىب»،» تېببىي ئەكبەر»،» تېببىي ھازىق» قاتارلىق ئەسەرلەرنى پىششىقلىدى، ئۇ 1959- يىلى قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ،» ئىكسىر ئەزەم»،» ئەلقانۇن ڧىتتىب»،» قارابادىن ئەكمەل ئەزەم»،» تېببىي ھازىق» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، بىر قەدەر يۇقىرى نەزەرىيە سەۋىيەسىگە ئىگە بولدى. ئۇ ئاساسنى ئەنە شۇنداق پۇختا سالغاچقا، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى داۋالاش، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە تېلىپ قالمىدى.
2.2.ئۇستازلىرىنى قەدىرلەپ، داۋالاش تەجرىبىلىرىنى پىششىق ئىگىلەش: سىراجىئەخمەت ئاخۇننىڭ دادىسى ئابدۇللا ئاخۇن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمى جەھەتتە خېلى كامالەتكە يەتكەن، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، خەلقچىل تېۋىپ ئىدى. كېسەللەرنى ئىمكان بار ئاددىي، تەننەرقى ئەرزان دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتىشقا تىرىشاتتى. ئوغۇللىرىغا( ئابدۇللا ئاخۇننىڭ ھازىر 65 ياشقا كىرگەن ئىسراپىل ئاخۇن ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، لوپ ناھىيەسىدە تېبابەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ) نەسىھەت قىلىپ:» تېۋىپلىق بىر ساخاۋەتلىك ئىش، 10 كېسەل داۋالىساڭلار، بۇنىڭدىن بەش كېسەل ساقىيىپ، ئىش- ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانسىمۇ سىلەرگە ساۋابى يېتىدۇ، شۇڭا ئوبدان ئەقىدە قىلىپ ئۆگىنىڭلار» دەيتتى. گەرچە بۇ ئاددىيغىنە بىر جۈملە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىر ئاتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللىتنىڭ ئۈمىدى سىڭگەنىدى. بۇ سۆزنى سىراجىئەخمەت ئاخۇن قۇلىقىدا چىڭ تۇتۇپ، دادىسىنىڭ تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك جەھەتتە ئۆگەنكەن ھەر بىر بىلىم، ھەر بىر تەجرىبىسىنى پۇختا ئىگىلىدى. بولۇپمۇ دادىسىنىڭ كېسەللىكلەرگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتىكى بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى تومۇر تۇتۇپ دىئاگنۇز قويۇش بىلەن سوراپ تەكشۈرۈش، قاراپ تەكشۈرۈش، تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتە بىر قەدەر مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان. كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب مەسىلىسىدە، ئۇ دادىسىنىڭ ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىپ،» كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنى نەزلە پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن نەزلىنى داۋالاش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىلەمچى كېسەللىكنى داۋالاش زۆرۈر» دەپ قاراپ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ماددىلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ئالدى بىلەن مۇنزىج، مۇسھىل بېرىپ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى غەيرىي تەبىئىي ماددىنى بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىش، ئاندىن كېيىن ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋالاش پىرىنسىپى بويىچە، ئالدى بىلەن نەزلىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرى ئۈنۈم قازانغان.
        1975 – يىلى ئۇ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن كېسەل داۋالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتاقلىق تېۋىپلاردىن تۇردى ھاجى، ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجى قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تېبابەتچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنداق قىلىپ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر قېتىشىش، جىگەر قېتىشىش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، پالەچ، ئىستىرخا كېسەللىكلىرىنى، شۇنداقلا ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بىر قەدەر مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كېسەللەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قېتىرقىنىپ داۋالىدى. ئۇ خوتەننىڭ يېزا- قىشلاقلىرىغا بېرىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش، ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، خەلق ئارىسىدىكى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى توپلاش، يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. 1987- يىلى خوتەن ۋىلايىتىدە يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلگەنىدى. مەركەزمۇ داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا سىراجىئەخمەت ئابدۇللا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، داۋالاش ئەترىتىنى باشلاپ ئەينى ۋاقىتتىكى لوپ ناھىيەسىگە قاراشلىق جىيا يېزىسىغا بېرىپ، كېسەلدىن يۇقۇملىنىىپ قېلىشتىن قورقماي، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرى بويىچە جىگەر كېسەللىكلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داۋالاپ ساقايتىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى رولىنى نامايان قىلىپ، پۈتكۈل ۋىلايەتنىڭ يۇقۇملۇق جىگەر كېسەللىكلىرىنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ ساقايتىش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ تەقدىرلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر غەرب تېبابەتچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ جىگەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. سىراجىئەخمەت ئابدۇللا بۇ قېتىمقى داۋالاش خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، دوكلات يېزىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا تاپشۇرغان، داۋالاش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.
سىراجىئەخمەت ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يەنى 1991- يىلى 11- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن پېشقەدەم تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىملىي تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى سۈپىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپنىڭ پەخرىي مۇدىرى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمى ئابدۇلھەمىد يۈسۈپى( 1989- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىدىن مەكتەپكە يۆتكەلگەن، 1994- يىلى 11- ئايدا 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن) گە شاگىرت بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك نەزەرىيەسى، كلىنىكا ۋە دورىگەرلىك پەنلىرىنى تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، بىر قەدەر زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان. شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇدىر ۋراچى ئابدۇلھەمىد مۇھەممەد( شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 2001- يىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن) قاتارلىقلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگىنىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋىي بىلىمنىڭ ئۆز جەمەتى ئىچىدە مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە پەرزەنتى ۋە نەۋرىسىنى تەربىيەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھازىر دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ.
2.3.نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزۈكسىز يەكۈنلەش: سىراجىئەخمەت ئابدۇللا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ھاياتىدا نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، خاتىرە قالدۇرۇشنى بىلىم توپلاش ۋە ئەمەلىي ماھارەت يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلغان. ئۇ مەيلى كىتاب كۆرۈپ نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئۆگەنسۇن، مەيلى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ۋە پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىسۇن، ئومۇمەن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە داۋالاش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە ئوقۇتۇش داۋامىدىكى نەزەرىيەۋى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ» كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاشتىن ئىلگىرى ئىگىلەشكە تېگىشلىك پىرىنسىپلار»،» مىزاجنىڭ ماددىسىز بۇزۇلۇشىدىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا» دېگەندەك 20 نەچچە پارچە ئىلمىي- نەزەرىيەۋى ماقالە يېزىپ، ئاپتونۇم رايون ۋە خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرغان ھەمدە ھەر دەرىجلىك ژورناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. بولۇپمۇ جىگەر كېسەللىكلىرىنى تونۇش،دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش توغرىسىدا بەزى ماتېرىياللارنى يېزىپ، كلىنىكىدا قوللىنىشقا سۇنغان، 40 نەچچە يىللىق ئەمەلىي كېسەل داۋالاش داۋامىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن» ئۇيغۇر تېبابىتى ئەمەلىيىتى»،» ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۈرەك قەن تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش» ناملىق قوللانمىنى تۈزۈپ چىقىپ نەشرىياتقا تاپشۇرغان. ھېكىن غولام جىلانىخاننىڭ» يەككە دورىلار بىلەن كېسەل داۋالاش» ناملىق ئەسىرىنى نەشرگە تەييارلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ داۋالاش تەجرىبىلىرىنى، تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسېپلىرىنى خاتىرىلەپ مېڭىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. سىراجىئەخمەت ئابدۇللانىڭ تېبابەتچىلىك ھاياتى، ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
سىراجىئەخمەت ئابدۇللانىڭ ھاياتى ئاتا ئىزىنى بېسىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان، داۋالاشتا نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، داۋالاش ئۈنۈمى ئۈستىدە ئۈزۈكسىز ئىزدەنگەن ھايات بولدى. ئۇنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button