ساغلاملىق بىلىملىرى

كېسەللىك سەۋەپلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

  1. ئىچكى سەۋەپ

ئىچكى سەۋەپ بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەۋجۇت بولغان سەۋەپلەر بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزىلىشى، ياشنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، بەدەن كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى، مىزاجنىڭ قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق سۇغۇق، ھۆل سۇغۇقلۇقى، جىنسىنىڭ ئەر- ئاياللىقى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەجداتلارنىڭ قانداق كېسەل بىلەن ئاغرىغانلىقى قاتارلىق بەدەننىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بۇلىدىغان ئامىللارغا باغلىق ھالدا كېسەل پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىچكى سەۋەپلەر تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1)    ياشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

ياش پەرقىگە ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى، ئورگانىزىمدىكى خىزمەت پائالىيىتى ۋە تۈزۈلىشى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن:

چىش چىقىشتىن ئىلگىرى- تارتىشىپ قىلىش، بالىلار سەرئىسى، قاتما، ئىچ سۈرۈك، تولغاق، مەددە قۇرت كېسىلى، قىزىل، كۆكيۆتەل، يۆتەل قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ.

چىش چىقىۋاتقان مەزگىلدە – مېڭە، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئىچ سۈرۈك، قان تولغاق، قىچىشقاق قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

چىش چىققاندىن باشلاپ 7 ياشقىچە بولغان بالىلاردا قىزىتما، كۆز ئاغرىقى، زۇكام، نەزلە ۋە تېرە كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

7 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلاردا بۇرۇن قاناش، ھەزىم بۇزۇلۇش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان بالىلاردا ھەزىم سېستىما كېسەللىكلىرى، قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، بويۇن بەز سىلى، خوراتقۇچى قىزىتما، تۇتقاقلىق كېسەل، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ھېستېرىيە قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

25 ياشتىن ئاخىرقى ياشقىچە بولغانلاردا جىنسى كېسەللىكلەر ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا يۆتەل، دەم سىقىلىش، بوغۇم ياللۇغى، پالەچ، لەقۋا، تېترەش، بۆرەك ۋە ئۆت كېسەللىكلىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

2)   جىنسىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

جىنس پەرقىدىكى بەدەن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن كېسەل پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كېسەلىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، بەزى كېسەللىكلەر بولسا ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئەرلەردە قەنت سىيىش كېسىلى، كىچىك بوغۇم ياللۇغى، سەرئى، قان -تومۇر قېتىشىش، سۈيدۈك يول كېسەللىكلىرى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.ئاياللاردا ھېستىرىيە، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى، ئاشقازان يارىسى، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت تاش كېسەللىكى، قەۋزىيەت، نېرۋا- روھى كېسەللىكلەر كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

3)   بەدەن تۈزۈلۈشكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلىشى ئۇنىڭدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن:بەدەن تۈزۈلىشى چىڭ، ئۆزى سېمىز كىشىلەر يۈرەك – قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىئابېت، رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

4)   «تەبىئەت كۈچى»گە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

«تەبىئەت كۈچى»بەدەندىكى بارلىق قۇۋۋەتلەرنىڭ يېغىندىسى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەڭشەپ ماشلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.ئەگەر بەدەندە بىرەر نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، بەدەن ئاجىزلاپ قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ كەتسە «تەبىئەت» كۈچىمۇ ئاجىزلاپ كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش كۈچىمۇ ئاجىزلاپ ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ھەر قانداق ئادەمنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى كغچلۈك بولسا، شۇ ئادەمنىڭ « تەبىئەت كۈچى» مۇ كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش كۈچىمۇ كۈچلۈك بولغانلىقتىن ھەر خىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنالايدۇ.

5)   مىزاجغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل سوغۇق دەپ تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ.ھەر قايسى مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئوخشىماسلىقتىن ئۇلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: قۇرۇق ئىسسىق مىزاجدىكى كىشىلەر روھى- نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ.ھۆل ئىسسىق مىزاجدىكى كىشىلەر ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى، يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرىگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ.ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلەر چوڭ-كىچىك بوغۇم ياللۇغى، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا قاتارلىقلارغا ئاسان گېرىپتار بولىدۇ. قۇرۇق سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلەر روھى- نېرۋا كېسەللىكلىرى، سۆڭەك ئۆسمىلىرى، ھەر خىل ياخشى- يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئاسان گېرىپتار بولىدۇ.

6)   كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

بەزى كېسەللىكلەر مەخسۇس كەسىپ ۋە كەسپى مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق سەۋەپلەردىن بولىدىغان كېسەللىكلەر كەسپى كېسەللىكلەر دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ساتىراچ، ئەسكەر، ئوقۇتقۇچىلار دائىم ئۆرە تۇرىدىغان بولغاچ تۆۋەنكى مۆچە قانتومۇرلىرى ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىپ كېىتىش كېسەللىگىگە، مەتبە ئىشچىلىرى ۋە قوغۇشۇن ئېرىتىش كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغانلار قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە، گىلەمچى، توقۇمىچى ھەم كاندا ئىشلەيدىغانلار چاڭلىق ئۆپكە كېسىلىگە، نەم ھۆلۈك مۇھىت ۋە سۇدا ئىشلەيدىغانلار بوۋاسىر كېسىلىگە، تۈمۈرچى، قەلەيچى قاتارلىقلار كۆز ئاجىزلىقى كېسەللىكلىرىگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ.

7)   ئىرسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

ئىرسىيەتلىك سەۋەپلەر ئەجدادلىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا مىراس قېلىشى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار نەسلىدىكى غەيرىي تەبىئي ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئەۋلاتلارغا مىراس قىلىپ، ئەۋلاتلار بەدىنىدە مىراس قېلىشى بولۇپ، ئاتا- ئانىلار گېن تېنىنى تۈزگۈچى ئاساسى بىرلىكلەرنىڭ نورمال بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان ئېرسىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى، ساراڭلىق، دېئابىت، مۇپاسىل، نۇقرەس، بۇۋاسىر، تاز، پوقاق، ئاق كېسەل،، سىفلىس، پاڭلىق، كۆرۈش ئاجىزلىقى قاتارلىقلار.

  1. تاشقى سەۋەپ

تاشقى سەۋەپ بولسا ئادەم بەدىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولماستىن،بەلكى سىرتقى قىسمىدا مەۋجۇت بولغان سەۋەپلەر بۇلۇپ،ئۇلار مۇھىت،تازىلىق،يېمەك –ئېچمەك، كىيىنىش، دەم ئېلىش ۋە ئىشلەش، تاناسىل ئەزالار قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر ۋە ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، روھى زەربە، پەۋقۇلئاددە مىزاج بۇزۇلۇش، توك سوقۇۋېتىش، زەھەرلىنىش ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.

تاشقى سەۋەپ ئادەتتىكى تاشقى سەۋەپ ۋە پەۋقۇلئاددە تاشقى سەۋەپ دەپ ئىككىگە بۈلىنىدۇ.

1)ئادەتتىكى تاشقى سەۋەپ:

(1)مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ :

مۇھىت يەنى ھاۋانىڭ بېسىمى، ھۆل- قۇرۇقلىقى،ئىسسىق- سوغۇقلىقى قاتارلىقلارنىڭ نورمالسىزلىغىمۇ مەلۇم كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ. ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلار ۋە كۆيدۈرگۈچى، بوققۇچى، گاز زەررىچىلىرىنىڭ ئارلىشىپ قېلىشى ھەر خىل ئۆپكە، يۈرەك،تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئىگىزلىكلەردىكى ھاۋا بېسىمنىڭ شالاڭلىشىپ قېلىشى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، دەم سىقىش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىقلارغا سەۋەپ بولىدۇ. ھەتتا بەزىدە بەزى قانتومۇرلارنىڭ يېرىلىپ كىتىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەكسىچە تۆۋەن جايلار، ئويمانلىقلار، يەر ئاستى كانلىرىدا ھاۋا بېسىمى يۇقۇرى بولغاچقا نەپەس قېيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تاغلاردا ياشىغۇچىلاردا كۆپىنچە يۈرەك كېسىلى يۈز بېرىدۇ.بەك پەس ئورۇنلاردا ياشىغۇچىلاردا بەزگەك كېسىلى، ھېيزە(خولىرا)، سىل قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ.بەك ھۆللۈك جايدا ياشىغۇچىلاردا يۆتەل، دەم سېقىلىش، رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بەك ئىسسىق ھاۋادا ياشىغۇچىلاردا قورساق ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، جىگەر كېسەللىكلىرى، تەپلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ.سوغۇق ھاۋادا ياشىغۇچىلاردا ئۆپكە، بۆرەك كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

(2)تازىلىققا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

تازىلىققا ياخشى رىئايە قىلماسلىق كۆپلىگەن كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. مەسىلەن: كىيىم- كىچەك تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىېمەك- ئېچمەكلەرنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا ھەر خىل تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يۈز بېرىدۇ.

(3)يېمەك- ئېچمەككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

يېمەك- ئېچمەكنىڭ ۋاقتى، ئۆلچىمى، سۈپىتىنىڭ نورمال بولىشى تەن- سالامەتلىكنى ساقلاشتا مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەكسىچە، كۆپ مىقداردا يېيىش ۋە يېگەن تاماق ھەزىم بولماي تۇرۇپ تاماق ئۈستىگە تاماق يېيىش، ئېھتىياج بولماي تۇرۇپ كۆپلەپ سۇيۇقلۇق ئېچىش، ۋېتامېنلار تولۇق بولمىغان ھەمدە ھۆللۈك، قۇرۇقلۇق، سوغۇقلۇق، ئىسسىقلىقى مۇۋاپىق بولمىغان ئاماقلارنى يېيىش مۇناسىپ ھالدا بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.

(4)كىيىنىشكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

ھاۋا ۋە تۆت پەسىلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېيىنىشمۇ سالامەتلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا كىيىم- كېچەكنىڭ خېمىيەلىك تەركىۋى، پاسونى ھەم ئۇنىڭ تازىلىقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

(5)دەم ئېلىش ۋە ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

نورمال دەم ئېلىش ۋە ئىشلەش ياكى چېنىقىش سالامەتلىكنى ئاسراشقا پايدىلىق.مەيلى ئەقلى ياكى جىسمانى جەھەتتە بولسۇن كۆپ ئىشلەش ياكى كۆپ دەم ئېلىش، بەدەننى چېنىقتۇرماسلىقلارمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدا بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ.

(6)تاناسىل ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ:

تاناسىل ئەزالارنىڭ نورمال ئىشلىشى تەن- سالامەتلىككە كۆپ پايدىلىق. ئەكسىچە قالايمىقان ئىشلىتىلسە، مەسىلەن، جىنسي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى، جەلەق ئادىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە باشقا يامان ئادەتلەر رەئىس ئەزالارنى زەئىپلەشتۈرۈپ، بەدەن ئاجىزلىقى، تۇتقاقلىق، ساراڭلىق قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

2)پەلقۇلئاددە تاشقى سەۋەپ:

بۇ پەۋقۇلئاددە تاساددىپى يۈز بىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(1) ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش،جاراھەتلىنىش،يېقىلىش،زەخمىلىنىش قاتارلىقلار

(2) تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن روھى زەربە، غەم قايغۇ، قورقۇش قاتارلىقلار

(3) مىزاجنىڭ پەۋقۇلئاددە بۇزۇلىشى، مەسىلەن: پەۋقۇلئادە ئىسسىق ياكى سوغۇق ئۆتۈپ كىتىش، ئوت ۋە سۇيۇقلۇقلاردا كۆيۈش ياكى قاتتىق سوغۇقتا توڭلاپ قېلىش قاتارلىقلار.

(4) توك سوقۇۋېتىش، چېقىن سوقۇۋىتىش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىقلار

(5) زەھەرلىنىش، ھەرخىل زەھەرلىك نەرسىلەرنى بىلمەي ياكى قەستەن يەپ سېلىش، مەسىلەن: ئەپيۈن، كۇچۇلا، ئاق پارپا، سەنكىيا، كۆكتاش، ۋاڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يەۋىلىش ياكى زەھەرلىك ھاشارەتلەر چېقىۋىلىش قاتارلىقلار.

(6) قىزىل، چىچەك، خولىرا ۋە باشقا ئۇفۇنەتلىك ۋە يۇقۇملۇق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بىلەن جىددى ئاغرىش قاتارلىقلار.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button