روھ ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
روھنىڭ ئادەم بەدىنىدە ئۈچ خىل مەركىزىي ئورنى ۋە بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل خىزمىتى بولۇپ، ئۇلار « روھىي تەبىئىي»، «روھىي ھايۋانى»، «روھىي نەپسانىي» دىن ئىبارەت.
1. روھىي تەبئىي: روھىي تەبىئىينىڭ ئاساسى مەركىزى جىگەر بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ھەزىم ئەزالىرى سېستىمىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىمىيىۋى ۋە فىزىئولوگىيىلىك، مېخانىك خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ روھنىڭ تارماق ئورنى ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت خالتىسى، ئۆت يوللىرى، تال قاتارلىق ھەزىم ئەزالىرى ۋە ھەرخىل بەزلەر بولۇپ، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە خىمىيىۋى خىزمەتلىرىنىڭ نورمال جارى بولۇپ تۇرۇشىغا شۇ تەبئىي روھ نازارەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ باشقۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ خىزمىتىدە چاتاق چىقسا دەرھال ئۇنى تۈزۈشكە پۈتۈن ئەزالارنى ھەرىكەتكە سالىدۇ ۋە چاقىرىدۇ. مەسىلەن: ئادەم بەدىنىدە قان ئازلاپ كەتسە ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىش ئۈچۈن باشقا سۇيۇقلۇقلارنى قان ئورنىدا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرىدۇ. بۆرەكنىڭ سۈيدۈك چىقىرىشىنى ۋاقىتلىق تىزگىلەيدۇ. ئۇ ئىشلار ناھايىتى ئاڭلىق تەرتىپ بىلەن داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر روھىي تەبىئىينىڭ ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمەي قالسا، ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. دېمەك: بىماردىكى بەدەن بەلگىلىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى. روھىي تەبىئىينىڭ ئىچكى تەرەپتىن چىقارغان سىگىنالى.
2. روھىي ھايۋانى: بۇنىڭ مەركىزى ئورنى يۈرەكتە بولۇپ، يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش، ماددا ئالمىشىش خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ. روھىي ھايۋانىي مەركەزلىرىنىڭ روھىي نەپسانىي مەركىزى بلىەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولۇپ، روھىي نەپسانىينىڭ خىزمىتىدە يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئۆزگىرىشلەردىن ئىنتايىن تەسىرلىنىدۇ. مەسىلەن: ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بەرگەن غەزەپ- نەپرەت، ئىشقى- مۇھەببەت، قورقۇنچ ۋە خۇشاللىق قاتارلىق ھالەتلەردە، يۈرەك خىزمىتىدىمۇ غەيرىي نورمال ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى سىرتقى جەھەتلەردە سېزىلىدۇ.
3. روھىي نەپسانىي: ئۇنىڭ مەركىزىي ئورنى مېڭىدە بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى مېڭىنى ئىچكى- تاشقى ھېس- تۇيغۇ، ھەرىكەت، تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، خىيال قاتارلىق نەپسانىي خىزمەتلەرنى پۈتۈن بەدەندىكى ھېس ئەسەبلىرى ۋە ھەرىكەت ئەسەبلىرىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
دېمەك: روھىي نەپسانىي دېگەن كۈچ ئەسلىدە ماددىدىن پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى تۇغۇلغان ماددىغا ئوخشىمايدىغان ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئەۋزەل تۇرىدىغان ئىنتايىن لەتىف ( يەڭگىل، شالاڭ) گاز خاراكتېرلىك ماددا بولۇپ، بەش سەزگۈ ئەزالىرى ياردىمى بلىەن بايقاش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن «روھ» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ماددىي ئاساسى چوڭ مېڭە ئاپپاراتىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمىي ھۆكۈمالار روھىي نەپسانىينىڭ مەركىزى مېڭە دەپ كۆرسەتكەن. روھىي نەپسانىي بولمىسا، بۇ ئاپپارات ھەر قانچە مۇكەممەل بولسىمۇ، ئۇ ھېچقانداق ھەرىكەت قىلالالمايدۇ (پائالىيەت بېجىرەلمەيدۇ). روھىي نەپسانىي ئىنتايىن ئاڭلىق، ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئادەم جىسمىدا بولغان ھەر قانداق ئۆزگىرىشلەرنى سېزىش ۋە باشقۇرۇشتىن سىرت، تاشقى دۇنيادىكى نۇرغۇن سىر- ئەسرالارنىڭ سېزەلەيدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. شۇڭا، روھىي نەپسانىي چەكسىز بىلىم- تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان مۇكەممەللىكتىن ئىبارەت بولۇپ، سىرتقى دۇنيا ۋە ئىچكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەركەزلىرىدىن كەلگەن ۋە ئىچكى ھېسسىياتلاردىن يەكۈنلىگەن ھەرخىل تەسىراتلارنى قوبۇل قىلىپ ئىنساننىڭ بىلىش، ھېسسىيات، ئىرادە ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلاردا سىياسىي، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم- پەن، ئۆرپ- ئادەت جەھەتلەردە يېڭى- يېڭى ئۆزگىرىش، كەشپىيات، ئىجادىيەتلەر مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.
دۇنيادىكى تۈرلۈك- تۈمەن ئىشلارنىڭ جارى بولۇپ تۇرۇشى روھىي نەپسانىنىينىڭ چوڭ مېڭىدىن ئورۇن ئېلىشىغا باغلىق. چوڭ مېڭىنىڭ نورمال ئاناتومىيىلىك ۋە نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالىتى بولمىسا روھىي نەپسانىيمۇ ئۇ يەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. روھىي نەپسانىي بولمىسا پۈتۈن مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى بولمايدۇ. مەسىلەن: مېڭىسى يوق تۇغۇلغان بالا باشقا ئەزالىرى تولۇق بولسىمۇ، 1~2 كۈن ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بېشى بەك كىچىك بولۇپ، باشقا ئەزالىرى نورمال توغۇلغان بالىنىڭمۇ ئەقلى ۋە ھەرىكىتى جايىدا بولمايدۇ. مېڭىسى ئوبدان يېتىلمىگەن، نېرۋىسى ئوبدان تەرەققىي قىلمىغان بالىلارنىڭمۇ ئەقلىي تەپەككۇرى جايىدا بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ پۇت- قول ھەرىكىتى قالايمىقان ياكى يېرىم پالەچ بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، روھىي نەپسانىينىڭ ئوبدان ئىشلىشى، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ جايىدا بولۇشى ئۈچۈن مېڭىنىڭ ۋە بەدەننىڭ ساغلام بولۇشى شەرت. مېڭە ساغلام بولۇپ ئۇنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك پائالىيتى نورمال بولسىمۇ، ئەمما نەپسانىينىڭ نورمال ئوزۇقى ياكى ۋاستىسى بولغان تەبئىي روھىي كەيپىياتلار ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ھەرخىل ئىلىم- مەرىپەت، پەن- تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي دۇنيا ھادىسىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن ئالغان روھىي ئوزۇق، بىلىم- تەجرىبە بولمىسا، روھىي نەپسانىي بولغاندىمۇ ئۇنىڭ رولى تولۇق بولمايدۇ. تەرەققىي قىلمايدۇ. مەسىلەن: سىرتقى دۇنيا ھادىسىلىرىدىن ئاجراپ ئادىمىزات بىلەن ئۇچراشمىغان، يېمەك- ئىچمەكتىن باشقنى كۆرمىگەن، بىلىمسىزلەر ئەقىل جەھەتتە ھايۋانات بىلەن ئوخشاش چوڭىيىدۇ، جەمئىيەت ۋە خەلق ئارىسىدىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ كەتكەنلەر بۇرۇنقى بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. دېمەك، روھىي نەپسانىي ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ ئەمەلىي روھىي نەپسانىي ئەقلىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ ئەمەلىي ھادىسىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، كۆزىتىشى، يەكۈنلىشى، قوبۇل قىلىشى شەرت.
ئۇيغۇر تېبابىتى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى