تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

بۆرە دوختۇر ھەققىدىكى ھېكايە (چېنىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى)

بۆرە دوختۇر توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار: ئورمانلىقتا بۆرىمۇ، بۇغىمۇ بار ئىكەن، كىشىلەر بۇغىنى قوغداش ئۈچۈن، ئوۋچىلار ئارقىلىق بۆرىنى يوقىتىپتۇ، ئۇلار مۇشۇنداق قىلساق، بۇغىلارنى قوغداپ قالالايمىز دەپ ئويلىغان ئىكەن. كىم بىلسۇن، ئىش ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە بولۇپ چىقىپتۇ. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن بۆرە بولمىغاچقا، بۇغىلار قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئوتلاقتا ئېغىناپ يېتىپتۇ. ئاپتاپقا قاخلىنىپ دەم ئاپتۇ، نەتىجىدە ئۇلار سەمىرىپ كېتىپتۇ، جىگىرىنى ماي قاپلاپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ. بۇغىلارنىڭ ئۆزىدە كېسەل كۆپىيىپ، بالدۇر ئۆلگىلى تۇرۇپتۇ، سانى بارغانچە ئازىيىپ، نەسلى قۇرۇغىلى باشلاپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ دوختۇر ئەۋەتىپ بۇغىلارنى داۋالىماقچىمۇ بوپتۇ، ئەمما بۇغىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالايدىغان ئادەم چىقماپتۇ. ئۇلار ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، بۆرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىش قارارىغا كەپتۇ-دە، بۆرە سېتىۋېلىپ كېلىپ بۇغىلارنى يېسۇن دەپ ئورمانلىققا قويۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە بۇغىلارنى قوغلاپتۇ، بۇغىلار قېچىپتۇ، بۇ جەرياندا بۇغىلار چېنىقىپتۇ.
تەبىئەت دېگەن ئاجايىپ نەرسە، مۇشۇنداق ئۆز ئارا رىقابەتلىشىش جەريانىدا، ئۆزلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇغىلار ھەرىكەت قىلمىغاچقا ئىش چاتاقلىشىپ، تېخىمۇ تېز ئۆلۈشكە باشلىغان، بۆرە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار بۇغىلارنىڭ دوختۇرى بولۇپ قالغان.

(«ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز» ناملىق كىتابتىن)


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button