بالىلار ساغلاملىقى

قىزىل كېسىلى

قىزىل كېسەللىكى ھەققىدە

قىزىل

قىزىل كېسلى قىزىل ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى تارقىلىشچان كېسەللىكى بولۇپ، كلىنكىلىق ئالاھىدىلىكى قىزىتىش، يۆتىلىش، ماڭقىسى ئېقىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش، تېرىگە ئەسۋە چىقىشتىن ئىبارەت.

قىزىل ۋىرۇسى ئىسسىققا تۇراقسىز، ئولترا بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر بولۇپ، قۇياش نۇرى ۋە ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيىلەش دورىلىرى بىلەن دېزىنفېكسىيىلەشكە بولىدۇ. بىمار بىردىنبىر يۇقۇش مەنبەسى بۇلۇپ، يۇشۇرۇن دەۋرنىڭ ئاخىرى ۋە ئەسۋە چىقىپ بەش كۈن ئىچىدە ئوخشاشلا يۇقۇشچانلىققا ئىگە.

بۇ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپرەك تارقىلىدىغان، ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپادىلىندىغان  ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بۇلۇپ، ھەر قانداق كىشى ئۆمرىدە بىر قېتىم بۇ كېسەل بىلەن ئاغىرىيدۇ. ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتى

قىزىلدەسلەپكى ۋاقىتلاردا بالىنىڭ بەدەنلىرىگە ئەسۋە چىقىش، كۆز جىيەكلىرى قىزرىش، ئىشتىھاسى ئازىيىپ ماغدۇرسىزلىنىپ بارغانسېرى قاپاقلىرى ئىشىش، تىتىرەش، قىزىش، جۇغ-جۇغ بۇلۇش، باش ئاغىرىش بىلەن بىرگە قىزىتما ئۆرلەپ بىئارام بۇلۇپ ئەس-ھوشىنى يوقتىش، بەدەندىكى ئەسۋە تەدىرىجى ئۇمۇمىي بەدەنگە تاراش، چۈشكۈرۈش بىلەن بىرگە بۇرنىدىن سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىششىغا ئەگىشىپ قىزىتما داۋاملىق ئۆرلەش، بالا ئېمەلمەسىلىك، قىزىل ئەسۋىلىرى بىرلىشىپ ئاي شەكىلىدە قاپارتما پەيدا بولۇش. قاپارتمىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، بالىنىڭ لەۋلىرى كۆكىرىپ، تىلى قارا گەز باغلاش، سۈيدۇكى قۇيۇق، قىزىل كېلىش،بەزىدە يۆتەل ۋە ئۆپكە ئىششىقى كۆرۈلۈش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قىزىل چىقىش ئالاھىدىلىگى

•قىزىتىپ قالغاندىن 3-4 كىيىن قىزىل چىقىشقا باشلايدۇ.

•قىزىل چىقىش تەرتىۋى: قۇلاقنىڭ كەينى، چاچنىڭ ئەتراپى، پىشاينا، يۈز، بويۇن، كۆكرەك، قوساق، قول پۇت، ئەڭ ئاخىرىدا ئالقان ۋە تاپانغا چىقىدۇ. ئادەتتە 2 كۈندىن 5 كۈنگىچە پۈتۈنلەي چىقىپ بولىدۇ.

•دەسلەپتە بەدەندە سۇس قىزىل رەڭلىك دانچىلار ئۆرلەيدۇ، كېيىن رەڭگى قارامتۇل قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ. باسسا ئاقىرىدۇ. قىزىل چىقىش مەزگىلىدە بالىلار تېخىمۇ قاتتىق قىززىتىپ گىرادۇسى 40 قا چىقىدۇ ۋە ئۆپكە يالۇغى پەيدا بولىدۇ.

•قىزىل چىقىپ بولۇپ 3-5 كۈندىن كىيىن بەدەندىكى قىزىللار چىقىش تەرتىۋى بويىچە يوقايدۇ. لېكىن قىزىل چىققان يەردىن ئازراق كىپەك تۆكۈلىدۇ ۋە داغ قالىدۇ.

قىزىل كىسىلىنىڭ يۇقۇش ئالاھىدىلىگى

•يۇقۇش مەنبەسى: قىزىل كىسىلى بولغان ئادەمدىن كىسەل بولۇشتىن 2 كۈن بۇرۇن ۋە قىزىل چىققاندىن كىيىنكى 5 كۈن ئىچىدە كۆزىدىكى چاپاق، ئېغىز، بۇرۇن ۋە نەپەس يوللىرىدىكى ئاجراتمىلار ئارقىلىق يۇقىدۇ.

•يۇقۇش يوللىرى: ئاساسلىقى نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ. كىيىم ، ئويۇنچۇقلارنى بىۋاستە تۇتۇش ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.

•ئاسان يۇقىدىغان كىشىلەر: قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزمىغان ياكى بۇرۇن قىزىل چىقىپ باقمىغان ئادەملەرگە يۇقىدۇ. يۇقۇملۇق دەرىجىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، يۇقارقىدەك بالىلارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەكلا يۇقىدۇ.

•تارقىلىش ئالاھىدىلىگى: قىش ۋە ئەتىياز مەزگىلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. 6 ئايدىن بەش ياشقىچە بالىلاردا ئەڭ كۆپ تارقىلىدۇ.

قىزىل كىسىلىنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كىسەللىكلىرى

•ئۆپكە ياللۇغى: 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق بالىلاردا بولىدۇ.

•ئېغىز ياللۇغى، ئېغىز يارىسى، كۆز ياللۇغى قاتارلىقلار كۆپىنچە بالىلاردا كۆرىلىدۇ.

•يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى: ئادەتتە ئاجىز، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

•كاناي ياللۇغى: كىچىك بالىلارنىڭ كاناي بوشلۇقى كىچىك ۋە تار بولغاچقا ئاسانلا كاناي توسۇلۇپ تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

•مىڭە ياللۇغى: ئاز كۆرىلىدۇ، لېكىن ئۆلۈش نىسپىتى يۇقىرى.[1]

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

قىزىل كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كېسەللىككە قارشى قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش، يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى كونترول قىلىش، كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن يىراق تۇرۇش، كېسەل يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئۆي ھاۋاسنى پات-پات ئالماشتۇرۇلۇپ، بالىلارنىڭ تازلىق ۋە يېمەك-ئىچمىكگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، سوغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

داۋالاش

ئادەتتىكى داۋالاش

ئادەتتىكى داۋالاش.  يەنى: بىمار يېتىپ دەم ئېلىشىقا ئەھمىيەت بېرىشى،  ئۆي ئىچىدە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك ساقلاپ، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى.  ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاپ، بەدەننىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى يېتەرلىك مىقداردا تۇلۇقلاپ تۇرۇشى. تېرە ۋە ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز  تۇتۇپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۇز سۈيىدە ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم قايتا-قايتىلاپ ئېغىزىنى چايقاپ بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق قىزىل كېسىلنى داۋالىغىلى بولىدۇ. [0]

كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ داۋالاش

كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ داۋالاش. يەنى، يۇقىرى قىزىتما ۋاقتىدا، ئاز مىقداردا قىزىتما قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، ئىككىلەمچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارشى ئانتىبىئوتىك دورىلارنى بېرىش ياكى قىزىل كېسىلىگە قارتا ئۇكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ.

جۇڭيى دورىلىرى بىلەن داۋالاش

جۇڭيى دورىلىرى بىلەن داۋالاش. يەنى : كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قىزىتمىنى پەسەيتىپ قىزىلنى سىرتقا تەپتۈرگۈچى دورىلار ئاندىن كېيىن ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدىغان دورىلار ئىشلىتىش . يەنى: ئەينۇلا، تەمرىھىندى، گۈلبىنەپشە، نېلۇپەر، كۆك ئۈزۈم، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، چىلان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چايلىق قىلىپ بەرسە قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، ئەگەر قىزىل سىرتقا تېپىپ چىقمىسا، ئەرقى چىلان ياكى چىلان قاينىتىلمىسىغا قومۇش يىلتىزى، كۆك كىشمىش ئۈزۈمنى چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ قىزىق ھالەتتە ئىچكۈزسە بولىدۇ. بۇمۇ مەنپەئەت قىلمىسا يۇمغاقسۈتتىن 30 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى بالىنىڭ بەدىنىگە سۈركىسە تېز مەنپەئەت قىلىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالسا ئوسمىدىن 15 گىرام ئېلىپ قاينىتىپ، شېكەر قوشۇپ بېرىلىدۇ ياكى قارا كۈنجۈتتىن بىر پىيالىنى قورۇپ، لاتىغا يۆگەپ، بالىنىڭ پۈتۈن ئەزاسىغا سۈركىسە قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ. بالىنىڭ نەپىسى قىستاپ، يۆتىلىپ بىئارام بولسا يۇلغۇننىڭ قۇرۇق يۇپۇرمىقىنى سوقۇپ مۇۋاپىق مىقدارا ئىچكۈزسە بولىدۇ. گالدا ئىششىق ياقى مۇدۇر بولسا گۈلبىنەپشە، شاتۇت، شوخلا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گىرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە ياكى ئېغىز چايقىسا بولىدۇ.

مۇرەككەپ دورىلاردىن خېمىرى مەرۋايىت، ئەرقى گۈل، ئەرقى گاۋزىبان، ئەرقى سەندەل قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ بەرسە بولىدۇ. بىمارغا يېشىل ماش، ھۆل قاپاق، تەرخەمەك قاتارلىقلار سېلىنغان سۇيۇق- سەلەڭ تائاملار، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىپ، قورۇغان ۋە ئاچچىق- چۈچۈك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. ئۆي ھاۋاسى پات-پات ئالماشتۇرۇلۇپ، تازلىق ۋە يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىپ، سوغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش.

كېسەللىك ئەسلىگە كەلگەندە قىزىتمىسى، ئىشتىھاسى ۋە روھى ھالەتلىرى تەدىرىجى نورماللىشىپ، ئەسۋە قىچىشىپ ۋە قاقاچ بولۇپ يوقايدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button