ساغلاملىق بىلىملىرى

ساقلىق ۋە كېسەللىك ھەققىدە چۈشەنچە

ساقلىق–بەدەندەكېسەللىك ياكى كېسەللىك ئازابى بولمايلا قالماستىن بەلكى بەدەن جەھەتتە،روھى جەھەتتە ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە، جەمىيەتكە ماسلىشىش جەھەتتىكى ياخشى بولغان نورمال ھالەتنى كۆرسىتىدۇ . بۇخىل نورمال ھالەت ئورگانىزىمنىڭ تۈزۈلىشى ۋە خىزمىتىنىڭ نورمال بولىشىغا ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىچكى مۇھىت تۇراقلىقىنى ساقلىشىغا تايىنىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك تەندە كېسەللىك بولماسلىق، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ تۈزۈلىشى نورمال بولۇش، روھى ھالەت نورمال بولۇش،ئەخلاقى پەزىلەت ياخشى بۇلۇش، ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان بولۇش،باشقىلارغا زىيان سالمىغان ئاساستا،ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

كېسەللىك –ئىچكى تاشقى مۇھىتتىكى بەلگىلىك كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بەدەن جەھەتتىكى، روھ جەھەتتىكى، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى يەنى جەمئىيەتكە ماسىلىشىش جەھەتتىكى ئورگانىزىمنىڭ تۇراقلىق ھالىتى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان ئىچكى مۇھىتنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشىشنى كۆرسىتىدۇ .

ھەرقانداق كېسەللىك ماھىيەت جەھەتتىن ھەم شەكىللىنىپ چىقىش جەھەتتىن يالغۇز كېسەللىك ۋە مۇرەككەپ كېسەللىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بەدەندە ياكى يالغۇز بىر ئەزادا بولغان بىر خىللا كېسەللىك يالغۇز كېسەللىك دەپ ئاتىلىدۇ .

مۇرەككەپ كېسەللىك بولسا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يالغۇز كېسەللىكلەرنىڭ قوشىلىشىغا قارىتىلغان.

يالغۇز كېسەللىكلەر:مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلىنىدۇ.

مۇرەككەپ كېسەللىكلەرمۇ ماھىييەتتە مۇشۇ ئۈچ خىل كېسەللىكنىڭ دائىرسىگە كىرىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button