ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك مېڭە كېسەللىكلىرى بولسا شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا، يەنى ئەڭ ئېغىرلاشقاندا كېلىپ چىقىدىغان، ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتىدە ۋە ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشىدە ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇشتىن بولغان مېڭە كېسەللىكلىرىنى دورا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ئوپراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەگەر ئوپراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا يېمەك- ئىچمەك پەرھىزىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىچى ۋە سىرتىدىن مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرغۇچى، قان- تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلىغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، خېمىرى مەرۋايىت، مۇپەررىھ ياقۇت، لوبۇبى كەبىر، داۋائىلمىشكى… قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقىلارغا بىرلەشتۈرۈپ روھىي جەھەتتىن داۋالاش، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، قان ئېلىپ داۋالاش… قاتارلىق ئومۇمىي قىسىمدا سۆزلەنگەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button