تارىخى شەخىسلەر

سوقرات (سوكراتس)

تىببىي ئالىم سوقرات مىلادىدىن بۇرۇن 470- 399- يىللاردا [زامانىمىزدىن 2400 يىل بۇرۇن ] يۇنانىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلا سوپ بۇلۇپ، بۇكىشىنىڭ تىبابەت ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان بىرەر ئەسرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەخلاق ۋە پەلسەپە تارىخىدا ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ . سۇقراتنىڭ ئەسىرى يالغۇز قەدىمكى يۇناندىلا شۆھرەت قازىنىپ قالماستىن، بەلكى ھازىرقى زاماندىمۇ چوڭ ھۈرمەتكە ئىگە . سۇقرات تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئەخلاقىي بىلىم ۋە پەلسەپىنىڭ ئۇرۇقىنى سالغان ئىقتىدارلىق شەخىس بولۇپ ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەفلاتۇن، ئارستوتېل، قەسۇنۇفۇن، فىساغىرۇس قاتارلىق  ھۆكۈمالارمۇ ئىنسانىيەت مەنىۋى تارىخىنى زىننەتلىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىي، ئىجتىمائىي  سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئىلمىي ئاساسلارنى قۇرۇپ چىققانلار بۇلۇپ، كىشىلىك دۇنياسىنىڭ نۇرلىرى دەپ ھېسابلىنىدۇ . ھازىرقى ئىلىم –پەن تەرەققىياتىنىڭ ئەسلى نەزەرىيىۋى ئاساسىنى يېزىپ چىققان، مەسلەن ،ھازىرقى [ ئاتوم ] ماددىسىنىڭ ئەسلى نەزەرىيىسىنى دەسلەپكى قېتىم كەشىپ قىلغان كىشى سۇقراتنىڭ شاگىرتلىرىدىن دىموكرتس دېگەن كىشىدۇر . 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پەقەت نوقۇل نەزەرىيە باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلگەن بۇ نەزەرىيەھازىر 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە ئەملىيەتكە ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ .
سۇقرات بەك كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ بىر نەرسە يازمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاغزاكى قىلغان تەلىمات ۋە نۇتۇقلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلارنى  تەربىيىلەپ چىققان . سۇقرات كىشىلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى بەك كۈچلۈك سىڭدۈرگەننىڭ سىرتىدا، خۇراپاتلىقتىن
بۇلۇپمۇ بۇتپەرەسلىكتىن چېكىندۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، شۇ جايدىكى يۇنانىستانىڭ بۇتپەرەس ھۆكۆمرانلىرى تەرىپىدىن [ياشلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇزغان ] دېگەن ئەيىپ بىلەن زەھەر ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۆم قىلىنغان . بەزى شاگىرتلىرى ئۇنى تۈرمىدىن قېچىپ كېتشكە دەۋەت قىلغان . ئۇ ،بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ : [ۋەتىنىمىزنىڭ ھاكىمىيىتى ماڭا ئىلىم نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قارىمىغان، ماڭا ناھەق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۆم قىلغان بولسىمۇ، ئۆز ۋەتىنىمنىڭ قانۇنىغا سادىق بولۇشۇم لازىم ] ،-دەپ تۈرمىدىن قاچقىلى ئۇنىمىغان .
سۇقراتنىڭ ئىنسانىيەت ئەخلاقى ۋە مەنىۋى ھاياتىغا دائىر سۆزلىگەن سۆزلىرى بولغىنىدەك، تىبابەت ۋە ساقلىقنى ساقلاش ھەققىدە نوقۇل دورا ۋە ماددىي  ئەشيالار ئارقىلىق داۋالاش بىلەنلا ئەمەس، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە داۋالاشقا دائىر سۆزلىگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى بار :

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت قامۇسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button