خام دۇرىلار

قۇرتئوت

قۇرتئوت «قىشتا قۇرت، يازدا ئوت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ جۇڭگۇ ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق ئەڭ ئەتىۋارلىق قۇۋۋەت دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئوت-چۆپ بولمىغاچقا «قىشتا قۇرت، يازدا زەمبۇرۇغ» دېسە توغرا بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھاشارەت بىلەن زەمبۇرۇغنىڭ بىرىكمە تېنى بولۇپ، خالتىلىق زەمبۇرۇغلار سىنىپى، باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغلىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قۇرتئوت
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە
خەنزۇچە ئىسمى 冬虫夏草

مۇندەرىجە

  • 1سۈرەت ۋە ۋىدىيولار
  • 2سىرتقى شەكىلى
  • 3بېقىش ئۇسۇلى
  • 4ئىشلىتىلىش قىممىتى
  • 5تارقالغان رايۇنلار
  • 6ئالاقىدار ئىشلار
  • 7سۆزلۈك ئالبۇمى

1سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۈرەتلەر

2سىرتقى شەكىلى

قۇرتئوتتىكى قۇرت تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن3 ~5 سانتىمېتىر، توملۇقى5.0 سانتىمېتىر بولۇپ، سىرتقى قېپى سارغۇچ ئاق ياكى ساپسېرىق رەڭدە بولىدۇ. تېنىدە ھالقا سىزىقچىلىرى بولۇپ، قورساق قىسمىدا سەككىز جۈپ پۇتى بولىدۇ. قۇيرۇقى چۈرۈك بولۇپ ئاسان سۇنىدۇ، پۈتۈن كۆرۈنۈشى خۇددى قاتقان پىلە قۇرتىغا ئوخشايدۇ. ئۆسۈپ چىقىدىغان ئۈستۈنكى قىسمى خالتىلىق سپورا تەنچىسى بولۇپ، لىچىنكىنىڭ باش قىسمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن4 ~11 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بىر ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن سېپى بولىدۇ. سېپىدا بىر سىلىندىر شەكىللىك باش قىسمى بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇنلىغان خالتىلىق سپورا قاپلىرى ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەجدادىنى ئەۋلادقا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرىدىغان خالتىلىق سپورىلىرى بولىدۇ.

3بېقىش ئۇسۇلى

ئۇ، دېڭىز يۈزىدىن3000 −4000 مېتىر ئېگىز تاغلاردىكى چاتقاللىقلاردا ۋە ئېگىز تاغ چىملىقلىرىدا ئۆسىدۇ. ھەر يىلى يازنىڭ تومۇز پەسلى كەلگەندە ئەسلىدە شەپەرەڭسىمان پەرۋانىنىڭ لىچىنكىسىدا پارازىت ياشاۋاتقان سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغنىڭ سپورىلىرى پىشىپ چېچىلىپ چىقىدۇ. مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا، مۇۋاپىق نەملىك شارائىتىدا بۇ سپورىلار باسقۇچقا بۆلۈنۈپ بىخلىنىپ زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى تۇپراققا كۆمۈلۈپ قىشلىق ئۇيقۇدا ياتقان باشقا لىچىنكا(قۇرت) تېنىگە ئۇزىراپ كىرىدۇ-دە، لىچىنكا ئوزۇقلۇق قىلىپ پارازىتلىق بىلەن ياشاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن لىچىنكا تېنىنىڭ ئىچكى قىسىم تۈزۈلۈشى بۇزۇۋېتىلگەنلىكتىن لىچىنكا ئۆلۈپ بوش قېپىلا قېپقالىدۇ-دە، ئىچىگە زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى تولۇپ كېتىدۇ. قىش كېتىپ باھار كەلگەندە ئۇيقۇدا ياتقان زەمبۇرۇغ تۈگۈنى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلاپ ئۆلۈك لىچىنكىنىڭ باش قىسمىدىن توقماقسىمان بىر سپورا خالتا تەختىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياز كەلگەندە يەر ئۈستىگە ئۆسۈپ چىقىپ بىر تۈپ «قۇرتئوت» قا ئايلىنىدۇ.

 

4ئىشلىتىلىش قىممىتى

قۇرتئوت ئەزەلدىنلا «ئۈنۈمى مېھرىگىياھقا ئوخشاش» دەپ قارىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە زەمبۇرۇغ تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەمى تاتلىق، تەبئىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، ئۆپكە ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەش، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش، قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە بەل-پۇتلارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرتئوت تەركىبىدىكى كوردىتسېپىننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يامراپ ئۆسۈشىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولىدىكەن. گۇاڭجۇلۇقلار قۇرتئوت قوشۇلغان گۆش شورپىسى ۋە ساپ قۇرتئوت شورپىسى قاينىتىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى بولمىسا «قۇرتئوتلۇق ئۆردەك» پىشۇرۇپ قىش پەسلىدىكى قۇۋۋەت يېمەكلىكى قىلىدۇ.

 

5تارقالغان رايۇنلار

قۇرتئوت سىچۇەن، يۈننەن، چىڭخەي، شىزاڭ، گۈيجۇ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كۆپرەك تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button