ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى
روھى ئامىل چىش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ
چىش مۇتەخسسىلىرى مۇنداق دېيىشتى:«پەقەت %10 چىش ئاغرىقىلا چىش تازىلىقىغا ئېتىبار بەرمىگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ، قالغان چىش ئاغرىقلىرىغا مۇنداق روھى ئامىل سەۋەب بولىدۇ: ئاز ئۇخلاش ــــ ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان چىش ئاغرىقى % 52 كە يېتىدۇ، شۇڭا دائىم ھارغىن يۈرىدىغان ئۇيقۇسى ئاز كىشىلەردە چىش ئاغرىقى دائىم قوزغىلىدۇ. خىزمەت جىددىيلىكى ــــ يەنە %43 ئاغرىق خىزمەت داۋامىدا ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان بولىدۇ. خاتىرجەمسىزلىك: % 38 ئاغرىق تۇرمۇشتا خاتىرجەملىكنى يوقاتقان روھىي چۈشكۈن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا كېسەللىكلەرگە دۇچار بولمىقىمۇ ئاسان».