زەنجىۋىلنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، بەدەندىكى سوغۇقلۇقنى ھەيدەش، ئاشقازان، تالنى ياخشىلاش، زەھەرنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار.
ياپونىيە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، زەنجىۋىل ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن؛
ئەنگلىيە مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، زەنجىۋىل قان تەركىبىدىكى ماينى ئازايتىدىكەن؛
ئامېرىكا مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، زەنجىۋىل قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن؛
گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، زەنجىۋىل شەربىتى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، بەدەننىڭ راكقا قارشى ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.
0 5,565 بىر مىنۇت كەتمەيدۇ