سۆئلەپ چىنى

سۆئلەپ چىنى بولسا سۆئلەپنىڭ قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك غولى بولۇپ، «سۆئلەپ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئىششىق قايتۇرۇش، گۆش ئۈندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.
چۈشەندۈرۈشى
سۆئلەپ چىنى بولسا سۆئلەپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك غولى بولۇپ، «سۆئلەپ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان پارچە غولى ساغۇچ ئاق رەڭلىك، يىلتىز غولى توم، تەڭگى ئاق ۋەسۈزۈك كېلىدۇ.پۇراقسىز كېلىدۇ، ھەمدە يېپىشقاق خۇسۇسىيىتى بار. ئازراق ئاچچىق،كۈزدە كولاپ ئېلىپ تازىلاپ يېغۋىلىنىدۇ .ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.
خۇسۇسيىتى
ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، گۆش ئۈندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.
خاس تەسىرى
قان توختاتقۇچى دورا
ئەكىس تەسىرى
باش ئاغرىتىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. قان توختىتىدۇ، تەركىبىدىكى شىلىمشىق ماددا قان توختىتىدۇ. سۇپۇپى ياكى قايناتمىسى، ئىشلىتىلسە، قان توختىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
2. ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش رولىغا ئىگە.
3. بۇ ئۆپكە تۇبىركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىلىرىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە
ئۈنۈملۈك تەركىبى
يېڭى ئېلىنغان تۈگۈنەك غولىدا %14.6 سۇ %30.48 كراخمال، گليۇكوزا، ئۇچۇچان ماي، شىلىمشىق ماددا قاتالىقلار بار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1. سۆئلەپ چىنى، شاقاقۇل، بەھمەن قاتارلىقلارنىڭ قايناتمىسىدىن 50~30 گرامغىچە ئىچىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئىششىق قايتۇرىدۇ.
2. خۇنسىياۋشان، ئەنجىباھار، ئاقاقىيا، سۆئلەپ چىنى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى سىرتقى جاراھەتلەرگە سەپسە، ئىچىكى – تاشقى جاراھەتلەرنىڭ قاناشلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دورىلىق ئورنى
قۇرۇتۇلغان تۈگۈنەك غولى
مىقدارى
3~9 گرام
ساقلاش
قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
ئورۇنباسارى
كەھرىۋا
تۈزەتكۈچىسى
بىنەپشە
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
سۇپۇپى بېتىللا
كېسەللىك مىسالى
ئۆپكىدىن قان كېلىش، قان تۈكۈرۈش، غەلۋىرەك، ھەر خىل يارىلار، پۇت – قول يېرىقلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئىلگىـرى بۇ دورا «سۆئلەپ مىسىرى» غـا ئوخشاپ كەتـكەچكە «سۆئلەپچىنى»نامىدا دورىغا ئىشلىتىپ كېلىنگەن، كېيىنىكى تەكشۈرۈشلەردىن بۇ دورىنىڭ سۇ بىلەن بەدەل بولالمايدىغانلىقىئېنىقلانغاچقا «سۆئلەپ چىنى» دېگەن نامى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، «بېتىللا» دېگەن نام بېكىتىلگەن.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى)