ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرگۈچى دورىلار

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر قايسى خىلىتلار(سەپرا خىلىتى، بەلغەم خىلىتى، سەۋدا خىلىتى) دا سۈپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
    بۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا كېسەل پەيدا قىلغۇچى غەيرىي تەبىئىي خىلىتنى پىشۇرۇش، بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىش سالاھىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل خۇسۇسىيەتتىكى دورىلار ئادەتتە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلار، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلار، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
   1. غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار
   ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەۋدا خىلىتىدا سۈپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
    بۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پىشۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن، بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار ياكى سەپرانىڭ مۇسھىل دورىلىرى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى مۇسھىل سەپرا Ⅰ، مەتبۇخى مۇسھىل سەپرا Ⅱ، مەتبۇخى مۇسھىل سەپرا Ⅲ، مەتبۇخى شاھتەررە، مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى تەرەنجىبىن، مەتبۇخى سانا، شەربىتى سانا ھەمدە قۇرسى مۇرمەككى Ⅰ قاتارلىقلار.
    2. غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار
    ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتىدا سۈپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
    بۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن، بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار ياكى بەلغەمنىڭ مۇسھىل دورىلىرى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى مۇسھىل بەلغەم، مەتبۇخى سۆرۈنجان، مەتبۇخى قەنتەرىيۇن، مەتبۇخى سۆرۈنجان ھار، مەتبۇخى بەرەس، مەتبۇخى غارىقۇن، مەتبۇخى مۇسھىل بەرەس، مەتبۇخى سۆرۈنجان Ⅰ، مەتبۇخى سۆرۈنجان Ⅱ،  مەتبۇخى سۆرۈنجان Ⅲ، مەتبۇخى سۆرۈنجان Ⅳ، شەربىتى تۇربۇت، مەجۈنى لوغانزىيا، مەجۈنى تۇربۇت، جاۋارىش تۇربۇت Ⅲ، ئايارەج لوغانزىيا، ھەببى سەكبىنەچ Ⅰ، ھەببى سەكبىنەچ Ⅱ، ھەببى سەكبىنەچ Ⅲ، ھەببى پەرفىيۇن، ھەببى ئىستەمخىقۇن، ھەببى تۇربۇت Ⅰ، ھەببى تۇربۇت Ⅱ، ھەببى تۇربۇت Ⅲ، قۇرسى لوغانزىيا ھەمدە ئايارەج پەيقىرا بارىد، سۇپۇپى سۆرۈنجان ھار، ھەببى سۆرۈنجان Ⅱ، ھەببى سەبرە Ⅰ قاتارلىقلار.
   2. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار
   ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەۋدا خىلىتىدا سۈپەت جەھەتتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
    بۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن، بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار ياكى سەۋدانىڭ مۇسھىل دورىلىرى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى مۇسھىل سەۋدا ، مەتبۇخى بىستىپايەج، مەتبۇخى خىيارشەنبەر Ⅰ، مەتبۇخى ئەينۇلا، مەتبۇخى ئۈستقۇددۇس Ⅰ، مەتبۇخى چىلان، مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅵ، مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅰ، مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅱ، مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅲ، مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅳ، مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅴ، مەتبۇخى خىيارشەنبەر Ⅱ، مەتبۇخى ئۈستقۇددۇس Ⅱ قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

 


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button