تېرە كېسەللىكلىرى

يەلتاشما ۋە ئۇنىڭ داۋاسى

ئىنگىلىزچە نامى:urticaria

خەنزۇچە ئاتىلشى:荨麻疹

بۇ ئىنتاين كۆپ ئۇچرايدىغان بىرخىل تېرە كېسەللىكى بۇلۇپ ،تېرە شىللىق پەردە قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان،تېرىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە ھەرخىل چوڭلۇقتىكى مودۇرلار يەككە يەككە ياكى غۇجىمەكلەشكەن ھالدا پەيدا بولىدىغان،قاتتىق قىچىشىدىغان،كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىمايدىغان،بەزىدە يەڭگىل قىزىتما بولىدىغان،ئېغىرلىرىدا كانايلاردا سۇلۇق ئىششق،نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان ،ۋاقتىدا داۋالانمىسا سۇزۇلما ھالەتكە ئۆزگۈرۈپ كېتىدىغان تېرە كېسەللىكى.

1.      تۇنۇش

ھەسساسىيەت تۈپەيلىدىن تىرە شىللىق پەردىلەردىكى قان-تۇمۇرلاردا رىئاكىسيە يۈز بىرىپ، قان تۇمۇرلار ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىققان ۋاقتىلىق ، قزىل رەڭلىك مۇدۇر ياكى سۇلۇق ئشىشىق پولتايسىمى يەلتاشما دەپ ئاتىلىدۇ.

2. كىسەللىك سەۋەپلىرى.

1) خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى- يەنى غەيرى تەبىئىي بەلغەم ، قان سەپرا ۋە سەۋدا ۋە ئۇلاردىن ھاسىل بولغان يەللەردىن، ياكى قاننىڭ سەپراغا قۇشۇلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

2) يىمەك ئىچمەك ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

3) ھەر خىل دورىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

4) ھەر خىل يۇقۇملىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

5) روھىي ئامىللار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

6) فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

7) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

8) باشقا ئامىللار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

3. كىلىنكىدا تۈرلەرگە بۆلىنىشى:

1) جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما.

2) قان تۇمۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق.

3)سۈنئىي يەلتاشما

4) كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما..

5) سۇغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما.

6) خولىن ئىنىرگىيەسى خاراكتېرلىك يەلتاشما.

كىلىنىك ئالامىتى:

ئاددىي يەلتاشما تىرىنىڭ ھەر قانداق قىسىمدا، ھەتتا شىللىق پەردىلەردە ھەر خىل چوڭلۇقتا، سۇس قىزىل ، تاتارغان ياكى نۇرمال تىرە، رەُڭگىدىكى ئەسۋە پەيدا بولۇپ، چىگىرىسى ئېنىق، ئەتراپىدا قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ.

قاتتىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. تىرىدىكى زەخمىلەر يېرىم سائەتتىن بىر نەچچە سائەتكىچە داۋاملاشقاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن يوقۇلىدۇ. ئىز قالمايدۇ. ئەمما بىر كۆتۈرلۈپ بىر پەسىيىپ بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم قۇزغىلىدۇ، بەدەننىڭ ئۆخشىمان ئورۇنلاردا كۆرلىدۇ.

ئەگەر يەلتاشما سەپرادىن بولسا، ئەسۋە كىچىك، ساغۇچ بولۇپ قاتتىق قىچىشىدۇ ۋە ئېچىشىدۇ.

ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ھىسسىي بەلگۈلەر تىپىك بولماي بۆرۈتمە رەڭگى تاتارغان رەڭدە، ئەۋە ھەجىمى چوڭراق بولىدۇ.

دىمەك، يەلتاشما قايسى خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا، بەدەندە شۇ خىل خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بىرگە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يەلتاشما ئىچكى ئەزالاردا بولۇپمۇ ھەزىم سىستىمىسىدا كۆرۈلسە كۆڭۈل ئېلىشش قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق ھەزىم سىستىمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.

ئەگەر كىكىردەك ۋە يۇتقۇنچاق  قىسىملىرىدا بولسا، يۇتقۇنچاق سولۇق ئىششىقى كۆتۈرلۈپ، نەپەس قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش، گال تۇسۇلۇش، ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇپ قىېلىشتەك ھاياتقا خەۋىپ يىتىش ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ.

يەلتاشمىنىڭ تىپى:

1- جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما، (بۇ يۇقىردا سۆزلەندى)

2- قان تۇمۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق، بۇ كۆپىنچە قاپاق، كالپۇك، سىرتقى جىنسىي ئەزالاردا كۆپ كۆرلىدۇ. يەرلىك ئۇرۇندا يىنىك دەرىجىدە قىچىشىش ۋە چىڭقىلىش سىزىمى  بولىدۇ. تىرە زەخمىلىرى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك دائىرلىك سۇلۇق ئىششىق بولۇپ، چىگىرسى ئىنىق ئەمەس، رەُڭگى نۇرمال تىرە رەڭگىدە ياكى ئازراق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، كۆپىنچە كىچىدە قۇزۇغۇلىدۇ.

3- سۈنئىي يەلتاشما : گاھال تىغ بىلەن تىرىنى جىجىغاندا، جىجىغان سىزىقنى بويلاپ، يەلتاشما چىقىدۇ، قىچىشىدۇ.

4- كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما : بۇبىر بۆلۈك ئۆز بەدەنلىك ئىممونىتلىك ھالەت ئۆزگىرىشى رىئاكىسىەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۈن نۇرىغا يولۇققان ھامان يەلتاشما ئەسۋىلىرى چىقىپ قىچىشىدۇ.

5- سوغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما: بۇ كۆپىنچە تۆۋەن تىمپۇراتۇرغا سەزگۈر بولۇپ، تۆۋەن ھارارەتكە يولۇققان ھامان ئەسۋە چىقىدۇ.

6- روھىي جىددىيلەشكەندىن بولغان يەلتاشما رۇھىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

دىئاگىنوزى:

كىلىنىك ئىپادىسى: كىسەل تارىخى، تىرىگە جىجاش سىنىقى مۇسپى بولۇش

داۋالاش:

1.      داۋالاش پىرىنسىپى:

(1)              ئالدى بىلەن سەۋەپكە قارىتا چارە قىلىندۇ.

(2)             بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كىسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرلىدۇ.

(3)              قان تازىلىغۇچى زىيادە سىزىمچانلىقنى تۆۋەنلەتكۈچى ، زەھەر قايتۇرغۇچى ، سۈيدۈك ھەيدۈگۈچى دورىلار بىرلىدۇ.

(4)      سىرتىدىن: قىچىشىش ۋە ئېچىشىشنى پەسەيتكۈچى ، تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلدۇ. سۇۋۇتقۇچى ۋە ھۆللەشتۈرگۈچى دورىلار ئشىلىتىلىدۇ.

2-    داۋالاش ئۇسۇلى: ماددىغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىپ ماددا پىشقاندىن ۋە تازىلانغاندىن كىيىن ئەھۋالىغا قاراپ: ئانار شەربىتى، قارا ئۈرۈك سۈيى، مەتبۇخ شاھتەررە ، سىركە غىبىىللەر ، ئەرقى گۈل ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.

سىرتىدىن: ئەرقى گۈل، سىركە ۋە گۈل ياغلىرى ئشىلىتلىدۇ. ياكى سەندەلنى سىركە ، كافۇلارنى ئىزىپ چېپىلىدۇ. قىچىششنى پەسەيتىش ئۈۈن شاھتەررە، موزا ئاق لەيلى، ئەمەن، بىنەپشە پوستى، قىزىل گۈل ، كاۋاۋىچىن ، نىلۇپەر ، ئانار پۇستى، يۇمغاقسۈت، قاتارلىقلارنى قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ.

-مەنبە-غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى مۇنبىرى-


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button