خام دۇرىلار

قۇشقاچ مېڭىسى

ئۇيغۇرچە نامى قۇشقاچ مېڭىسى
ئەرەبچە نامى دىماغى ئەسەفىر
ئىنگلىزچە brain of spadger
شەكلى رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، پارقىراق
تەمى تەمى تېتىقسىز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 麻雀脑
پارسچە نامى دىماغى كۇنجۇشك
ئوردۇچە نامى چىرىياكى دىماغ
جىسمى سەل بېلىق پۇرىقى پۇرايدۇ.
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

قۇشقاچ مېڭىسى بولسا ئـاق قـۇشـقـاچ(Stenneger Passer montanus saturatus) نىڭ مېڭىسى بۇلۇپ،بەدەننى قىزىتىش، سەمرىتىش، باھنى قوزغاش، مەنىينى كۆپەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

چۈشەندۈرۈشى

قۇشقاچ  بولسا ھـەمـمـىـگە تـونـۇش بـولـغـان ئـاق قـۇشـقـاچ(Stenneger Passer montanus saturatus)  نىڭ مېڭىسى بۇلۇپ،رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، پارقىراق سەل بېلىق پۇرىقى پۇرايدۇ.  تەمى تېتىقسىز،3~4-ئايلاردا يېتىلگەن قۇشقاچنى تۇتۇۋېلىپ(ئەركەك قۇشقاچ بولسا تېخىمۇ ياخشى)، بېشىنى كېسىپ، تېرىسى، ئېغىزى ۋە ئارتۇق گۆشلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ۋاقتىدا قۇرۇتىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1.قۇشقاچ مېڭىسىنى ياغ بىلەن قورۇپ يىسە، پالەچ، ئىستىرىخا، ھەر خىل جىگەر كېسىلى، يەرقان، بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قۇشقاچ مېڭىسى بىلەن تۇخۇم سېرىقىنى زەيتۇن يېغىدا قورۇپ يەپ بەرسە، مەنىي كۆپەيتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. قۇشقاچ مېڭىسىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ پەرجىگە ھەمەل قىلسا، تۇغمىغان ئاياللار ھامىلىدار بولىدۇ.

دورىلىق ئورنى

قۇشقاچنىڭ مېڭىسى

مىقدارى

1 دانىدىن 2 – دانىغىچە

ساقلاش

كۈن نۇرى تەگمەيدىغان ھەم قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ. ياكى تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن دەرھال مېڭىسى ئېلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ئانار، غورا سۈيى،ئاچچىق چۈچۈك مېۋە سۇلىرى،سىركەنجىبىل

ئورۇنباسارى

ئانار، غورا سۈيى،ئاچچىق چۈچۈك مېۋە سۇلىرى،سىركەنجىبىل

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۇنى لوبۇبى كەبىر، ھەبىبە قوشقاچ مېڭىسى.

كېسەللىك مىسالى

پالەچ، ئىستىرىخا، پۇت – قول قولۇشۇش،  بۆرەك ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، كۆپ چۈش كۆرۈش، تۇغماسلىق، قۇلاق گاسلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button