خام دۇرىلار

قۇندۇز قەھرى

قۇندۇز قەھرى بولسا ياۋروپا قامىسى (Castor fiber Linnacus) ياكى كانادا چوڭ قامىسىنىڭ پۇراقلىق ئۇرۇق خالتىسىنىڭ ئاجرالمىسى بۇلۇپ، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار .

چۈشەندۈرۈشى

قۇندۇز قەھرى بولسا  قۇندۇزلار ئائىلىسىدىكى ھايۋان ياۋروپا قامىسى (Castor fiber Linnacus) ياكى كانادا چوڭ قامىسىنىڭ پۇراقلىق ئۇرۇق خالتىسىنىڭ ئاجرالمىسى بۇلۇپ، رەڭگى قىزىلغا مايىل قوڭۇر خۇش پۇراق، بىر ئاز بەزلەشرەك كېلىدۇ. تەمى ئاچچىق،ياۋرۇپا قامىسى ئاساسلىقى  شىنجاڭ، يەنە روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن، كانادا قامىسى كانادا، شىمالى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاجلىقلارغا زىيان قىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

قۇندۇز قەھرىنىڭ تەركىبىدە كاستورىن (Castorin) بار.  بۇ ئاساسلىقى كاستـورامـىـن (Castoramin)، بـېـنـزول ئـالـكوھـول (Benzyl-Alcohol)، ئاتسىدوم بېنزوئىكوم (Acid Benzuic) قاتارلىق 18 خىل بىرىكمىلەردىن ئىبارەت.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

قۇندۇز قەھرى1. 30 گرام قۇندۇز قەھرىنى سالايە قىلىپ، 100 مىللىلىتىر زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، 5-7 كۈن ئاپتاپتا قويۇپ، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرىخا، مۇپاسىل كېسەللىرىگە سىرتتىن چېپىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. تۇخۇم سېرىقى 3 دانە، سۆئلەپ، جويۇز، قۇندۇز قەھرى، زەنجىۋىل، ئاقىرقەرھا 10 گرامدىن. تالقان قىلىپ ئىچسە، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. ئودسەلىب، قۇندۇز قەھرى، ئاسارۇن 10 گرامدىن، ناۋات 7 گرام. تالقان قىلىپ ئىچسە، ئۇنۇتقاقلىققا شىپا بولىدۇ.

دورىلىق ئورنى

قامىنىڭ پۇراقلىق ئۇرۇق خالتىسىنىڭ ئاجرالمىسى.

مىقدارى

0.5 ~ 1 گىرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

تۈزەتكۈچىسى

ئورۇنباسارى

ئىپار، ئەنبەر، زەپەر، يېرىم ھەسسە قارامۇچ، باراۋەر مىقداردا ئىگىر،

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

نۇپۇخى سۇبات. لوبۇبى كەبىر،مەجۇنى سۆئلەپ، خېمىرى مەرۋايىت.

كېسەللىك مىسالى

مالىخولىيا، ھىستېرىيە، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى (موپاسىل)، سەرئى، جىنسىي ئاجىزلىق، باش ئاغرىقى، ھەيز تۇتۇلۇش، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button