ئەنبەر
ئەنبەر مېڭە، يۈرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئۇيغۇرچە نامى | ئەنبەر |
---|---|
ئەرەبچە نامى | ئەنبەر ئەشھەب |
ئىنگلىزچە | Ambergris, Grdno Ambra |
شەكلى | رەڭگى قوڭۇر رەڭ |
چىقىش ئورنى | ئامېرىكا، ياپونىيە، بېنگال، ھىندىستان |
ئورۇنباسارى | ئىپار، زەپەر |
تۈزەتكۈچىسى | ئەرەب يېلىمى، تاباشىر |
خەنزۇچە نامى | 龙涎香long xiang xing |
---|---|
پارسچە نامى | ئەنبەر |
ئوردۇچە نامى | ئەنبەر |
تەمى | تەمى ئاچچىقراق |
تەبىئىتى | ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق |
مىقدارى | 0.5 ~ 1 گرامغىچە |
ھايۋان ئىسغىرەم ۋىل ناملىق بىر خىل قارا كىتنىڭ ئۈچەي ئاجرالمىلىرىنىڭ قۇرۇتۇلمىسى
قارا كىت ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئىسغىرەم ۋىل ناملىق بىر خىل قارا كىتنىڭ ئۈچەي ئاجرالمىلىرىنىڭ قۇرۇتۇلمىسى.
ئەنبەرنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %25 ئەنبىرئىن (Anbrein) بار. يەنە ئۇچۇچان ماي ۋە ئانئورگانىك تۇزلار بار.
مېڭە، يۈرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش.
مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
1. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كىچىك دوزىسى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. چوڭ دوزىسى تورمۇزلايدۇ.
2. نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: يۈرەكنى قوزغىتىدۇ، ئەنبەر تىنكىتورىسى توشقان ۋە ئىتنىڭ كۆك قان تومۇرىغا كىرگۈزۈلگەندە، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
3. بالىياتقۇغا بولغان تەسىرى: بالىياتقۇنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوزغىتىدۇ. ھامىلىدار بولغانلار، ھامىلىدار بولمىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ.
4. باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى: ئەنبەر تىنكىتورىسىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغىنى تەجرىبە نەتىجىسىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلايدۇ. بۇنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى پىنىل بوكازولدىن كۈچلۈك.
1. ئەنبەرنى يېنىدا ساقلاپ دائىم پۇراپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ.
2. ئىپار 1 گرام، ئەنبەر 2 گرام، پەنەرمايە 10 گرام، سۆلەپ مىسىرى 20 گرام، خولىنجان 10 گرام، مەستىكى 5 گرام. سوقۇپ ھەب تەييارلاپ، كۈندە بىرقېتىم 2 دانىدىن ئىچسە، سۈرئىتى ئىنزالغا شىپا بولىدۇ. نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3. ئۈستقۇددۇس 10 گرام، بىستىپايەنج 10 گرام، ئەنبەر 2 گرام، ئىپار 1 گرام، قۇندۇز قەھرى 2 گرام، زەپەر 2 گرام، ھەسەل 60 گرام. مەجۈن تەييارلاپ يىسە زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.
مېڭە، نېرۋا ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى، بولۇپمۇ يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، بوغۇم ئاغرىقى، ئومۇمىي بەدەن سوۋۇپ كېتىش، باھ ئاجىزلىقى، بىھوشلۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور