تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

ھۆكىمالارنىڭ ئىيىتقانلىرى

ھۆكىمالارنىڭ ئىيىتقانلىرى

ئىبنى مايۇسە مۇنداق دەيدۇ :

كىمكى 40 كۇن پىياز يەپ يۇزىگە داغ چۇشۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن ، كىمكى قان بەرگەندىن كىيىن تۇزلۇق يەپ بەھەق ، ياكى قوتور كېسلىىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن ، كىمكى تۇخۇم بىلەن بېلىقنى بىر قوساققا  يىغىپ پالەچ ياكى لەقۋا بۇلۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن ، كىمكى سۇت بىلەن بېلىقنى بىر قوساققا يىغىپ جوزام ، بەرەس، نىقرەس بۇلۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن ، كىمكى سۈت بىلەن شاراپنى بىر قوساققا يىغىپ بەرەس، ياكى نىقرەس بۇلۇپ قالسا بۇلۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن، كىمكى ئىللىتىلغان سوغۇق تۇخۇمنى تويغىچە يەپ زىققا بۇلۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن.

ئىبنى بەختۇشە مۇنداق دەيدۇ:

تۇخۇم بىلەن بېلىقنى بىرلا ۋاقىتتا يىيىش قۇلۇنجى ، يەللىك بوۋاسىر ، ۋە چىش ئاغرىقىغا سەۋەپ بۇلىدۇ . تۇزلۇق تاماق ياكى تۇزلانغان بېلىق يىگەندىن كىيىن قان ئالدۇرۇش بەھەق ۋە قوتۇر كېسلىگە گىرىپتار قىلىدۇ ، خام بېلىق يىگەندىن كىيىن سوغوق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش پالەچكە سەۋەپ بۇلىدۇ .

بەقەرات مۇنداق دەيدۇ :

پايدىلىق يىمەكلىكنى بىراقلا كۆپ يىۋالغاندىن ، زىيانلىق يىمەكلىكنى ئازراق يىگەن ياىشى ، ھۇرۇنلۇقنى ۋە ئىچىملىكلەرنى تويغىچە ئىستىمال قىلىشنى تەرىك بىلەن ساقلىقنى داۋاملاشتۇرۇڭلار .

ھۆكۇمالار مۇنداق دەيدۇ :

كىمكى ساقلىقنى ئارزۇ قىلىدىكەن ، ياىشى ئۇزۇقلانسۇن ، ئاچمىغىچە يىمىسۇن ، ئۇسسۇمىغىچە ئىچمىسۇن ، سۇنى ئاز ئىچسۇن ، ناشتىدىن كىيىن ئارام ئالسۇن ، كەچلىك غىزادىن كىيىن پىيادە مېڭىپ بەرسۇن ، توق قورساق ئۇخلىمىسۇن ، قوساقنى تويغۇزۇپلا ھامممغا كىرمىسۇن .

ھەرىس مۇنداق دەيدۇ :

كىمكى ئۇزاق ئۆمۇر كۇرۇشنى خالىسا ئەتىگەنلىك چە كەچلىك تاماقنى بالدۇر يىسۇن ، كىلماتقا قاراپ كىيىنسۇن .

شاپىئى مۇنداق دەيدۇ :

تۆت ئىش بەدەننى كۇچەيتىدۇ : گۆش يىيىش ،خۇشپۇراق پۇراپ بىرىش ، كۆپ غۇسلى قىلىش، چىگە رەختتىن كىيىم كىيىش،
تۆت ئىش بەدەننى ئاجىزلاشتۇردۇ: كۆپ جىما قىلىش، كۆپ غەم يىيىش، ناشتىدا كۆپ سۇ ئىچىش، چۇچۇمەل نەرسىلەرنى كۆپ يىيىش،
ئۈچ ئىش كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ : ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇرمە تارتىش، يېشىللىققا قاراش، مۇھىتنى پاكىزە تۇتۇش،
تۆت نەرسىنى ئىستىمال قىلىش بەھ قۇۋۋىتىنى ئاشۇردۇ: قۇچقاچ گۆشى، ئىتتىرپىل كەبىر ، پىستە، خەرنوپ
تۆت ئىش ئەقىلنى زىيادە قىلىدۇ : ئارتۇق گەپنى تەرىك ئىتىش، مىسۋاك قىلىش، ياخشى كىشىلەر بىلەن بىرگە بۇلۇش، ئالىملار بىلەن سۆھپەت قۇرۇش.

سىلى نىمىشقا كېسەل بولمايلا دەپ سورالغاندا جالىنۇس مۇنداق دەيدۇ :

چۇنكى مەن ئىككى ناچار تاماقنى بىر قورساققا يىغمىدىم ، تاماق ئۇستىگە تاماق يىمىدىم ، سىڭمىگەن تاماقنى قورسىقىمدا ساقلىمىدىم ، يەنە مۇنداق دەيدۇ :
ئۇچ نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭلار : چاڭ – تۇزان ، تۇتۇن، سېسىقچىلىق
خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۇزەڭلارغا ھەمرا قىلىڭلار ، ۋاقتا- ۋاقتىدا ھاممامغا كىرىپ تۇرۇڭلار ، تاماق ئۇستىگە تاماق يىمەڭلار، كەچتە ياڭاق يىمەڭلار، زۇكام بۇلۇپ قالغاندا ئۇڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىماڭلار، غەمكىن ھالىتىڭلاردا چۇچۇمەل نەرسىلەرنى يەمەڭلار، قان ئالدۇرغاندا تىز ماڭماڭلار ئۆلۇم خەۋپى بار، كۇزۇڭلار ئاغرىق ۋاقتىدا قەي قىلماڭلار، يازدا كۆپ گۆش يىمەڭلار، قىش پەسلىدە كۇنىگە بىر قەدەھ قايناق سۇ ئىچىپ بىرىڭلار كېسەل بولمايسىلەر ، ھاممامغا كىرگەندە ئانار پوستى بىلەن بەدىنىڭلارنى ئۇۋلاپ بەرسەڭلار قوتور ، قىچىشقاققا ئوخشاش تېرە كېسىلى بىلەن ئاغىرمايسىلەر.

<< تىببى نەبەۋىي >> دىن
ئىسىڭىزدە بولسۇن يۇقارقىلار گەرچە ماتىريالدىن ئېلىنغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنى ئېلان قىلىش ئۇچۇن ئەجرىمىز سىڭگەن ! شۇڭا  پايدىلانغاندا ماتىريال مەنبەسىنى ۋە كۇچۇرۇلگەن تور بەت ئادرىسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ !

ماقالە ئەسلى مەنبەسى : ئەل ھېكمەت تور بىكىتى

 


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button