روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى

خامۇشلۇق

تونۇش
جىمغۇرلىشىپ ، ئۈمىدسىزلىنىدىغان، داۋاملىق غەم قايغۇ  ھالەتتە  يۈرىيدىغان ،تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمتىگە  نىسبەتەن  قىزىقىش، ئىشەنىچ،  قىزغىنلىقى تۆۋەنلەيدىغان ، لېكىن ئەتراپتىكى ، مۇھىتقا ماسلىششچانلىقى  ياخشى بولغاچقا  ، باشقىلار تەرىپىدىن  ئاسانلىقچە  بايقىيالمايدىغان پىسخىك  خاراكترلىك روھىي نورمالسىزلىق .سەۋەبى:
1.روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
ئۇزاق مۇددەت قوزغىتىش   تەسىرىگە  يېقىن تۇققانلىرىنىڭ ئايرىلىپ قېلىش، ئېغىر روھىي بېسىم ، غەم قايغۇ،  ئۇيقۇغا قانماسلىق، چۈشكۈنلىشىش، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىدىيىۋى كۈرەش ، مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق  قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن روھىي نەپسانىي قالايمىقانلىشىپ ئىچكى سېزىم روھلىرى ئاجىزلاپ ،  بىماردا كەيپىياتى خامۇشلۇق تۆۋەن بولۇش،  قايغۇرۇش،  تەشۋىشلىنىش قاتارلىق روھىي كەيپىيات شەكىللنىپ خامۇشلۇق كېلىپ چىقىدۇ
2.ئىجتىمائى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك  سەۋەب
خىزمەتتكى ئوڭۇشسىزلىقلار، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، كۈتۈلىمىگەن ھادىسە ، مېيىپ بولۇپ قېلىش، باشقىلارنىڭ بۆزەك قىلىشى، كىشلىك مۇناسىۋەت يېرىكلىشىپ كېتىش، بەدىنى ئاجىز  ئېغىر جىسمانى  كېسەلگە گىرپتار بولۇش  قاتارلىق سەۋەبلەردىن بىماردا بېشى چۇشۇپ كېتىش، قايغۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر  شەكىللنىپ خامۇشلۇق كېلىپ چىقىدۇ.

.3.نازۇك مىجەزلىككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
كەمسۆز ، باشقىلارغا  ئارىلاشمايدىغان ، سېزىمچانلىقى كۈچلۈك، ئۈمىدسىز  كىشلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
4.ئائىلە بەخىتسزلىككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەب
5.مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە  يېتەلمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەب
6. مەسىت قىلغۇچى ناركوتىك بۇيۇملاغا  مۇناسىۋەتلىك سەۋەب مەسىت قىلغۇچى بۇيۇملارنى ، مەسىلەن: ھاراق،نەشە ،ئەپيۈن قاتارلىقلارنى ئىسراپ قىلىشتىن روھىي خوراپ خامۇشلۇق كېلىپ چىقىدۇ.
7.قۇۋۋەت  ئاجىزلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب
كىلنىك ئىپادىسى
بىمار مەلۇم سەۋەبلەردىن تەدرىجىي خامۇشلىشىدۇ، لېكىن بەك ئېغىر  بولمايدۇ. ئاز بىر قىسىم كېسەللكلەرنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەر زارلىنىدۇ. جىمغۇر بولىدۇ. غەم قايغۇغا چۆكىدۇ. ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بىر نەرسىلەرنى كۆرگەندە قارا كۆزەينەك  تاقۋاالغاندەك تۇتۇق كۆرۇنگەندەك ھېس قىلىدۇ. داۋاملىق روھسىز يۇرۇيدۇ. بەزىلەردە قايتا تۇغۇلۇپ قالسام  بوپتىكەن دېگەن خىياللار  پەيدا بولىدۇ.
خامۇشلۇق ۋاقىت، ئورۇن، بىمارنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ياكى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خامۇش يۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ  ئۆگىنىش، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا چوڭ  تەسىر  يەتمەيدۇ.
بۇنداق كىشلەرنىڭ ئەتراپتىكى   مۇھىتقا ماسلىشىچانلىقى ياخشى بولىدۇ.  شۇڭا،  كىشىلەر ئۇلارنى خامۇشلۇققا گىرپتار بولغان دەپ قارىمايدۇ.  خامۇشلۇققا ئادەتتە  بەزى بەدەن ئالامەتلىرىدىن باش ئاغرىش، مۇرىسى ئاغرىش، پۇت قول ئاغرىش  قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ.  بۇ خىل ئاغرىشلارنى سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا ئاشقازىنى بىئارام بولۇش، ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر  كۆرۇلىدۇ.
دىئاگىنوزى:
1.تىپىك كىلنىك ئىپادىسىگە قاراپ دىئاگنوز  قويۇلىدۇ.
2.كېسەللىك تارىخىغا قاراپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
3.خامۇشلۇقنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق دىئاگنوز  قويۇلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى
1.قورقۇنچاقلقتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ
2.ئۆزىنى كەمسىتىشتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
ئەگەشمە ھالىتى :
1.قورقۇنچاقلىق كېلىپ چىقىدۇ
2.ئۆزىنى كەمسىتىش كېلىپ چىقىدۇ
ئاقىۋىتى : ۋاقتىدا  داۋالاپ ئالدى  ئېلىنمسا تەرەققى قىلىپ ئەڭ ئاخىردا  جۇنۇن كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ.
داۋااش  پىرىنسىپى:
1.پىسخكىلىق داۋالاش، يەنى بىمارنى قوللاش، بىمار بىلەن سۆھبەتلىشپ ئىشەنچ ئورنىتىش ئارقىلىق بىمارنىڭ ئىدىيە ھېسياتىنى ئۆزگەرتىش پىسخكىلىق  ئازاپلىرىنى تۈگىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دااۋالاش ئۇسۇلى
بىمارغا كۆڭلىنى ئەركىن –ئازادە  تۇتۇشقا ،ئۆزىگە  ئىشىنشكە  دەۋەت قىلىش، ئۆزىنىڭ ساقىيىشغا  ، دوختۇرغا ، دورىغا ئىشەندۇرۇش لازىم .
2.مۇھىتى پاكىز،ھاۋاسى ساپ  ئىشەندۇرۇش لازىم .
3.مۇۋاپىق  ، جىسماني ھەرىكەت ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش  پائالىيىتىگە  قاتناشتۇرۇپ ، روھنى كۈچلەندۈرۈش، ئىرادىسنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق ساقىيىشقا شارائىت ھازىرلاش تۇرمۇشىنى تاماقنى تەرتىپكە سېلىش لازىم.
4.كوللىكتىپ پائالىيەتكە  قاتناشتۇرۇپ ، بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش، بىمار بىلەن سردىشىپ كۆڭلىدىكى چېگىشنى يېشىش پىرىنسىپى  بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.
5.مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، روھنى كۈچەيتىش  مەقسىتىدە  لاچىندانە، رەيھان، قەلەمپۇر، بەدىيان، گۇلدارچىن ، سازەچ ھىندى، 15 گىرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلىندۇ.
پىششق دورلاردىن  خېمىرى مەرۋايىت، مەتبۇخى پەرەنجىشمىكى ،مۇپەررھى ياقۇت، داۋائىمىشكى، مۇپەررھى ئەۋرىشىم، مۇپەررھى سەغىر، خېمىرى گاۋزىبان قاتارلىقلار تاللاپ بېرلىدۇ.
دىققەت قىلدىغان ئىشلار:
بىماردا  داۋالىنش جەريانىدا   روھىي زەربىگە ئۇچراش، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقىلىنىش، ھاراق ، تاماكا ئىستېمال قىلىشتىن چەكلەش لازىم.
( ئۇيغۇر تىبابىتى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىدىن ئېلىندى )


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button