پىشقەدەم ئۈستازلار
ئەمەت ھاجى
(مىلادى 1882~1994)
ئەمەت ھاجى مىلادى 1882 – يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، ئاتاقلىق تېۋىپلاردىن مۇھەممەتنىياز ھاجىم، ئابدۇجاپپار ئاخۇنۇملاردىن تېبابەتچىلىك ئۆگەنگەن. 1954 – يىلدىن 1975 – يىلغىچە خۇسۇسى ۋە كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانا قارمىقىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش يولىدا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان. ئۇ 1975 – يىلدىن ئاخىرقى ئۆمرىگىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا مۇدىر ۋىراچ دوختۇر بولۇپ ئىشلەپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر تېبابەت ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغان. ‹ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى› 1- تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.
ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسى نەزىرىيەلىرى ئىلىمىدىن ئېلىندى.