ئۆزىنى كەمسىتىش
تونۇش
ئۆزىنى كەمسىتىشتە، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزنىڭ پەزىلىتى، ۋە ئىقتىدارىنى باشقىلادىن تۆۋەن مۆلچەرلەپ ئۆزىدىكى يوقىلاڭ يېتەرسىزلىكلەردىن نومۇس قىلىپ،ئۆز –ئۆزىدىن نەپرەتلىنىپ ، ئادەم بار يەردىن قاچىدىغان ،باشقىلارنىڭ ئازغىنا نەتىجلىرىگە ، ئارتۇقچىلىلىرىغا ھەۋس قىلىپ كېتىدىغان پىسخىك خاراكتىرلىك روھىي نورمالسىزلىق.
1.روھي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب .
ئۇزاق ۋاقىت غەم قىلىش، قورقۇنىچ، ۋەھىمە، ئىدىيسىدىكى چىگىشلەر ، بەك خىجىل بولۇش، ئىزا تارتىش، تەشۋىشلنىش، چۇشكۇنلىشش، ھەسرەتلىنىش قاتارلىق روھىي كەيپىياتلارنىڭ تەسىرىدىن روھىي نەپسانىي چۇشكۇشلىنىش، ئىچكى بەش سىزىم رولھىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەت بۇزۇلۇپ خىيا ل قىلىش روھىي كۈچييىپ بىمار قالايمىقان خىيال قىلشتىن ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخكىسى شەكىللنىپ كېلىپ چىقىدۇ.
2.ئائىلە ئاملىىغا مۇناسىۋەتلىك .
ئائىلنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ، ئائىلىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە بىر بىرىنى چەتكە قېقىش ، ئاتا ئانىنىڭ بالىلارغا كۆيۇنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ، تاشلىۋېتىش ،بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشنىڭ توغرا بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بالىلاردا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، تەشۋىشلىنىش، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارنى تۆۋەن مۆلچەرلەش قاتارلىق پخسىك ھالەت شەكىللىنىپ ئۆزىنى كەمسىتىش كېلىپ چىقىدۇ.
3.مەكتەپ تەربىيىسى ياخشى بولماسلىق ۋە ئىجىتمائى ئامىللار:
مەكتەپ تۇرمۇشىدا ھاقارەتلىنىش، ئۆگىنىشتە داۋاملىق مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇش، ئىقتسادى قىيىنچىلىق، مەدىنيەتتكى ۋە تۆۋەن ئىچ مىجەز، باشقىلارغا ئارلاشمايدىغان نازۇك كىشىلەر دائىم ئۆزىنى تۆۋەن چاغلىغاچقا ، يۇقۇرقىدەك پىسخىك ھالەت شە كىللىنىدۇ.
شۇنداقلا يۇقۇرقىدەك پىسخىك ھالەت شەكىللىنىشى بىماردا ئۆزىنى كەمستىش پىسخكىسىنى شەكىللەندۇرۇدۇ.
4.ئىرسىيەت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك
5.ئۆزىنى توغرا تۇنۇماسلىققا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب
ئۆزىنى ئوبىكتىپ ئوموميۇزلۇك باھالىمايدۇ. ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىگى ، كەمچىلىكلىرىنىلا كۆرۇپ ئارتۇقچىلقىنى ۋە مۇۋاپىقييەتلىرىنى كۆرمەيدۇ. ئوزىنىڭ بىرلا كەمچىلىگى ئالدىدا ئارتۇقچىلىقىنى يۇققا چىقىرىدۇ.
كىلىنىك ئىپادىسى:
بىمار ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىندۇ.
ئۆزىدىكى يېتەرسىلىكلەردىن نومۇس قىلىدۇ. بىئارام بولىدۇ. ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتە ئۆزنى چۈشەپ قۇيۇپ ،ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ.
كىشلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ، كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ باشقىلارنىڭ ئۆزنى چۇشىنىۋېلىپ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن قورقىدۇ. بەزى ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەر مۇشۇ سەۋەپتىن يالغۇز يۈرىدۇ.
تۇرمۇشتىكى ئادەتتكى ئىشلادىمۇ ئىزا تارتىپ بىئارام بولۇپ، تەمتىرەشتىن بىرەر ئىشنى قىلىشتىن باش تارتىدۇ. روھىي نەپسانىي قالايمىقانلىشىپ خىيال قىلش قۇۋۋىتى بىلەن گۇمان قىلىش قۇۋۋىتى كۈچىيىپ تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ نورمال ئەقلى ھۆكۇم چقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئىقتىدارى ۋە پەزىلىتىدىن تېخىمۇ گۇمان قىلىدۇ. ئىچى تىتىلداپ قايغۇرىدۇ. ئۇمىدسىزلىنىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنە بەزى ئۆزىنى كەمسىتكۇچىلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك ،كۆڭلى زىيادە نازۇك بولغاچقا باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا كۆڭلى ئاسانلا ئازار يەيدۇ. ئادەمگە ئارىلاشماق تەستەك تۇيۇلىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزىنى كەمسىتىش كىيپىياتى ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتدۇ.
يەنى روھىي ۋە فىزولوگىيەلىك جەھەتتىن رول ئوينىشى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىدا ئاسانلا كاشلا كۆرۇلۇپ ، بەزى جىسمانىي كېسەللىككە گىرپتار بولىدۇ.
دىئاگىنوزى :
1.تىپىك كىلنىك ئىپادىسىگە قاراپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
ئۆزنى كەمسىتىشتە، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئۆزنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىقتىدارنى باشقىلاردىن تۆۋەن مۆلچەرلەپ ئۆزىدىكى يوقلاڭ يىتەرسىلىكلەردىن نەپرەتلىنىپ ئادەم بار يەردىن قاچىدىغان ، باشقىلارنىڭ ئازغىنە نەتىجىلىرگە ، ئارتۇقچىلىرىغا ھەۋەس قىلىپ كىتىدىغان كىلنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قۇيۇلىدۇ.
2.كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قۇيۇلىدۇئىلگىرى بىمارنىڭ نازۇك،زىيادە سىزىمچان، باشقىلار بىلەن ئارلاشمايدىغان خاراكتىرىگە ئىگە بولۇشى ۋى كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش ۋە ھاقارەتكە ئۇچراش تارخىغا قاراپ دىئاگنوز قۇيۇلىدۇ.
سېلشىتۇرما دىئاگىنوزى:
1.قورقۇنچاقلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئورۇنسىز ئېتىيات قىلىپ قورقىدىغان ،تەشۋىشلىنىدىغان ، ھۇدۇقىدىغان ، باشقىلاردىن ئۆىنى چەتكە ئالىدىغان ئالامەتلەرگە ئاساسەن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
2.خامۇشلۇقتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
خامۇشلۇقتا جىغۇرلىشىپ، ئۇمىدسىزلىنىدىغان، داۋاملىق قىزقىش، غەم قايغۇلۇق ھالەتتە يۇرىيدىغان، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمتىگە نىسبەتەن قىزىقىش،ئىشەنىچ قىزغنىلىقى تۆۋەنلەيدىغان، لېكىن ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشىچانلىقى ياخشى بولغاچقا ، باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان كىلنىك ئىپادىسى كۆرۇلىدۇ.
ئەگەشمە ھالىتى:
1.قورقۇنچاقلىق كېلىپ چىقىدۇ.
.كېكەچلىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئاقىۋىتى : ئۆىنى كەمسىتىش تەرەققى قىلىپ ، مىڭە ئاجىزلىقى ، مالىخۇلىيا ۋاستىلىك ھالدا تەرەققى قىلىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا جۇنۇن كېلىپ چىقىدۇ.
داۋالاش پىرىنسپى :
1. پىسخىكىلق داۋالاش
1.بىمارنى ئۆزنى ئەركىن تۇتۇش ، ئۆزىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىش ، ساقىيىشقا ،دورىغا ، دوختۇرغا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش لازىم
2.بىمارنى ھاۋالىق ،پاكىز مۇھىتتا ياخشى ئارام ئالغۇزۇش لازىم.
3.،مۇۋاپىق جىسمانى ھەرىكەت ۋە ئەمگە ككە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچسىنى تۇرغۇزۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىش پىرىنسىپى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بىرلىدۇ.
4.بىمارنى كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇپ ، كۆڭلىنى ئېچىش ئارقىلىق ئىشەنىچ تۇرغۇزۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، روھنى كۈچەيتىش مەقسىتدە پەرەنجىسمىكى ، گاۋزىبان ،قىزلگۇل، قەلەمپۇر، گۇلدارچىن 15 گىرام، پوستى تۇرۇنجى ئون گرام ،سازەچ، لاچىندانە ھىندى 5 گرام
6.سىرتىدىن روھقا خۇشاللىق يەتكۈزۇش مەقستىدە دارچىن يېغى ،قەلەمپۇر يېغى، بىلسان يېغى قاتارلىق ياغلار خۇشاللىق ئىككى چېكە ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلدىغان ئىشلار :
بىمار زەھەرلىك ناركوتىك بۇيۇملارنى، ھاراق ، تاماكا ئىستېمال قىلىشىنى چەكلەش ،روھنى خۇشال –خۇرام تۇتۇشقا دىققەت قىلش لازىم .
(ئۇيغۇر تىبابىتى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى دېگەن كىتابتىن ئېلىندى )
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى