ئىچى قېتىش-ـ قەۋزىيەت ھەققىدە

ئىچى قېتىش مەخسۇس بىر خىل كېسەللىك بولماي، بەلكى سەۋەبى مۇرەككەپ بولغان بىر خىل ئالامەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئارقى تەرەت ئاز ۋە قۇرۇق، قاتتىق كېلىدۇ ياكى بىر نەچچە كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇ ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئادەتتىكى تۇيۇقسىز ئىچى قېتىش، يەنە بىرى ئادەتلەنگەن ئىچى قېتىشتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئۈچەي مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە سۇسلۇق پەيدا بولۇش، ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىش، ئۈچەيلەردىكى غىزا جەۋھەرلىرىنى شۈمۈرۈپ قانغا ئەۋەتكۈچى كۈچنىڭ خىزمىتى ئارتىپ كېتىش، ئۈچەيدىكى ھۆللۈك ئازىيىش، جىگەردىكى سەپرا ماددىسى ئازىيىش، ئۈچەي سپيازمىلىنىش، ئۈچەي پالەچلىنىش، تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ھورۇنلۇق قىلىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، بەدەن چىنىقتۇرماسلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش، بەك قويۇق چاينى كۆپ ئىچىش، تەرەتنى ۋاقتىدا قىلماي يىغىپ يۈرۈش، سۇنى كەم ئىچىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلاردا باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ. ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، خۇسۇسەن ھامىلدار ئاياللاردا قەۋزىيەت كۆپرەك بولىدۇ. بەزى ئاياللاردا قەۋزىيەت سەۋەبىدىن بالىياتقۇ ئۆز جايىدىن قوزغىلىپ ئېگىلىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش:
1. بىر ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا بەدەن شۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. بۇ ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق.
2. تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە خالىغان ۋاقىتتا تاماقلانماي، بەلگىلىك ۋاقىتتا تاماقلىنىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.
3. تەنھەرىكەت قىلىش،مەسىلەن: يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، سەيلە قىلىش ۋە باشقىلار قەۋزىيەتكە پايدىلىق.
4. تاماكىنى كۆپ چىكىش مېڭە-ئەسەب ۋە ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەۋزىيەتكە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى



