خام دۇرىلار

لاچىندانە ھىندى

لاچىندانە ھىندى

ئۇيغۇر تىبابەت سېستىمىسى
2020 – يىلى 6-ئاينىڭ 09-كۈنى

لاچىندانە ھىندى بولسا ئۆسۈملۈك لاچىندانە (Elettaria Cardamomum Maton)  نىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى بۇلۇپ،قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش رولى بار .

چۈشەندۈرۈشى

لاچىندانە ھىندى بولسا  زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك غوزا مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى دەسلەپ كۆك، پىشقانسېرى سېرىققا مايىل بولىدۇ.  خۇش پۇراق، تەمى بىر ئاز ئاچچىق بولىدۇ.كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە پىشىشقا يېقىنلاشقان، ئەمما تولۇق پىشمىغان مېۋىسى ئۈزۈۋېلىنىپ يىغۋىلىنىدۇ(تولۇق پىشقاندا قۇرۇغاندىن كېيىن ئاسان يېرىلىپ، ئۇرۇقى تۆكۈلۈپ دورىلىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ) . سىرلانكا، ھىندونوزىيە، تايلاند، ۋېيتنام، ھىندىستان، قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسىيتى

مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

كۆكرەك ۋە ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

1. ئۆت سۇيۇقلىقىنى ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.

2. زىققىنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.

ئۆنۈملۈك تەركىبى

مېۋىسى تەركىبىدە %8-%3 گىچە ئۇچۇچان ماي بوۇلۇپ، مـايـنـىـڭ تـەركـىـبـىـدە terpineol-4، terpineol –α، terpinylacetate، cineol قاتارلىقلار بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

لاچىندانە ھىندى1. لاچىندانە ھىندىدىن 5 گرام ئېلىىپ ، 3 گرام پىلپىل بىلەن قوشۇپ سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركىسە، چۈشكۈرتۈپ، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. 10گرام لاچىندانە ھىندىنى گۇلاب بىلەن قاينىتىپ، سۈيىنى سىركەنجىۋىل بىلەن ئىچسە، جىگەر توسۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. سۇمبۇل ھىندى، گاۋزىبان، ئۈستقۇددۇسلاردىن 3 گرامدىن، لاچىندانە ھىندى  ۋە رەيھان ئۇرۇقىدىن 6 گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

4. قارىـمـۇچ، پىـلپىـل، زەـنجىۋىـل، لاچىندانە ھىندىلاردىن10 گراممدىن، ئارپىبەدىياندىن5 گرام ئېلىپ  چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، يەل تارقىتىدۇ.

كېسەللىك مىسالى

مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر ئاجىزلىقى، ئېغىز پۇراش، قورساق ئېسىلىش، ھەزىم بۇزۇلۇش، قورساق ئاغرىقى، كۆڭۈل ئېلىشىش، ھەزىم ئاجـىـزلـىقـى، ھـېـق تـۇتـۇش، سوغۇقتىـن بـولغـان يـۈرەك چالاڭـغۇراش قاتارلىقـلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر )
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button