يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى،داۋالاش،ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
1. يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى
يەل تارقاتقۇچى ۋە يەل كۆيدۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش تىبابىتىمىزنىڭ يەلدىن بولغان كېسەللىكلەر(ئەمرازى رىيھى)نى داۋاشتىكى مۇھىم داۋالاش پىرىنىسىپى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى . ھەر قايسى تۈردىكى يەللەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورگانىزىمغا بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا ھەر قايسى نورمالسىز يەللەر پەيدا قىلغان كېسەللىكلەرنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى شۇنداقلا يەل تارقاتقۇچى دورىلارنىڭ تۇرلىرى ھەم ھەر قايسى تۈردىكى دورىلارنىڭ يەل تارقىتىش جەريانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
1.1. قويۇق يەلنى تارقىتىش
قويۇق يەلنىڭ تۈرلىرى ،ئالاھىدىلىكى ،كېسەل قوزغاش خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنى تارقىتىش پىرىنىسىپى ۋە ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
1.1.1. ھەزىم ئەزالىرىنىڭ سوۋۇپ كېتىشىدىن بولغان يەلنى تارقىتىش
بۇ خىلدىكى قويۇق يەلنى تارقىتىشتا ئاشقازان ئۈچۈينى قىزىتىپ ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازان ئۈچەينىڭ چىقىرىش كۈچى(قۇۋۋىتى دافىئەسى ) نى كۈچەيتىپ ، قويۇق يەلنى پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىش تەدبىرى قوللىنىلدۇ . تەستە سىڭىدىغان، يەل قوزغايدىغان يېمەك ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇش، ئىچكى تەرەپتىن بەدىيان ، جۇۋىنە،پىننە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ،شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، جاۋارىش كۇمۇنى،جاۋارىش كۇندۇر ، جاۋارىش ئەنبەرنىڭ قايسى بىرى بولسا ، ئەرەقى بەدىيان بىلەن ئەرەقى نانىخۇا بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم ، بۇ دورىلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق كەيپىياتى ۋە ھەزىمنى ياخشىلاش تەسىرى ئارقىلىق ھەزىم ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈپ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەركىتىنى تېزلىتىپ قويۇق يەلنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
1.1.2. يەللىك غىزالادىن بولغان يەلنى تارقىتىش:
بۇ خىلدىكى يەلنى تارقىتىشتا ، ئالدى بىلەن ھەزىم ئەزالارنىڭ ھەزىم قۇۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازان ئۈچەي ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قويۇق يەلنىڭ ئۈچەي دىۋارىدىكى قان تومۇرلار ئارقىلىق ئۈچەي بوشلۇقىغا سىرغىپ كىرىپ ئۈچەي ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلدۇ. بۇ مەقسەتتە ئىسسىق تەبىئەتلىك يەل تارقاتقۇچى دورىلاردىن چايلىق بېرىش بىلەن بىرگە، مەجۈنى بادى شىكەن،ھەببى تەنىكارلارنىڭ قايسى بىرى بولسا ئەرىقى رەۋەن بىلەن بىرگە يەل تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەزىم ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش جالىنۇس ، جاۋارىش مىشكى قاتارلىق دورىلارنىڭ مەلۇم بىرى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلدۇ. بۇ دورىلارمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش جەريانلار ئارقىلىق يەل تارقىتىش تەسىرنى كۆرسىتىدۇ.
1.2. سوغۇق يەلنى تارقىتىش
1.2.1. سوغۇق تەبىئەتلىك يەللىك غىزالاردىن بولغان يەلنى تارقىتىش :
سەۋەب بولدىغان ئامىلنى يوقىتىش بىلەن بىرگە ئىچكى – تاشقى تەرەپتىن بەدىنىگە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ، روچنى جانلاندۇرۇپ ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، ھەزىمنى كۈچەيتىپ يەللەرنىڭ تارقىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى قولىنىلدۇ. بۇ مەقسەتتە ئىچكى تەرەپتىن ئالدى بىلەن سوغۇقنى ھەيدەپ ھەزىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن ماددەتۇل ھايات، جاۋارىش جالىنۇس،جاۋارىش ئەنبەرگە ئوخشاش قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتىكى سوغۇق يەلگە قارشى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىلدۇ. سىرىتقى تەرەپتىن قۇستى يېغى ،سۇزاپ يېغى، بابۇنە يېغى ،دارچىن يېغى،زەيتۇن يېغى قاتارلىقلار بىلەن يەرلىك ئورۇن ياغلىندۇ. ياكى تۇز،،سېرىق چېچەك،كېپەك،سوزاپ ئۇرۇقى ،جۇۋۇنا قاتارلىقلارنى رەخىتتىن تىكىلگەن خالتىغا سېلىپ ئىسسىتىپ سىرىتتتىن ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىزاجدىكى سوغۇقلۇق يوقىلىپ ھەزىم پائالىيىتى تېزلىتىلىپ ئارتۇقچە يەللەرنىڭ ھاسىل بولىشى تىزگىللىنىپ ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. ئىسىقلىق كەيپىياتقا يولۇقۇپ پارچىلىنىپ ئورنىدىن قوزغالغان سوغۇق يەللەر، بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئۈچەي يوللىرىغا سىرغىپ كىرىپ ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەركىتى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. يەل پەيدا قىلغان ئالامەتلەر يوقالغاندىن كېيىن ھەزىم ئەزالىرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پىننە گۈلقەنتى، جاۋارىش ئامىلە، ئامىلە نۇشدارىغا دورىلار ئىچكۈزىلىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرىشنى بىرلەشتۇرگەندە بەدەندىكى سوغۇق يەلدىن بولدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ.
2.2.1. روھ ۋە قۇۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشدىن ھاسىل بولغان يەلنى تارقىتىش :
روھنىڭ ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش،تۆت ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ سوغۇق يەللەرنىڭ تارقىتىلىش ۋە چىقىرىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى قوللىنىلدۇ. بۇ مەقسەتتە بىمارنىڭ روھى ۋە ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە روھنىڭ ھاسىل بولىشىنى تېزلىتىپ ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەيدىغان دورىلاردىن ھالۋائى بىيزە،داۋا ئىلمىشكى، ھالۋائى سۆئلەپ،مەجۈنى كۇركۇم قاتارلىقلارنىڭ بىر ياكى ئىككىسى، يەل تارقىتىش تەسىرى كۈچلۈكرەك بولغان دورىلاردىن جاۋارىش كۇمۇنى،جاۋارىش پۇدىنە،مەجۇنى ۋەج(ئىگىر مەجۇنى) قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قوشۇپ ئەرقى دارچىن بىلەن ئىستېمال قىلدىرىلدۇ.
1.3. ئىسسىق يەلنى تارقتىش
1.3.1.ئىسىق تەبىئەتلىك يەل قوزغىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەيدا بولغان يەلنى تارقىتىش :
ئىسىق تەبىئەتلىك يەل قوزغىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ھەزىم سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتۇقچە ھارارەتنى پەسەيتىش ، ئاشقازان،ئۈچەي يوللىرىنى يۇمشۇتۇش،بۇ ئارقىلىق ھەزىم قالدۇق ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق يەل تارقىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلدۇ. غىزاسىغا كۆك يۇمغاقسۈت،سېمىز ئوت، پەمۇدىرلار كۆپرەك ئىشىتىلدۇ. دورىلاردىن مەتبۇخى خىيارشەنبەرلەرنىڭ بىرسىنى ئىشلىتىپ ھەزىم يوللىرىنى بوشاتقاندىن كېيىن مېۋىلەر شەربىتى، پىننە تەركىبلىك ئانار شەربىتى، ئاپېلسىن شەربىتى پىننە تەركەپلىك سىركەنجىبىنلەرنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىنى ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەزىم ئەزالىرىدىكى ئارتۇقچە ھارارەت پەسەيتىلىپ ھەزىم ئاپالىيىتى ئىگىرى سۈرىىلىدۇ.نەتىجىدە ئىسسىق يەلللەرنىڭ تارقىلىشى ۋە چىقىرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىسىق يەل پەيدا قىلغان كېسەللىكلەر تەدرىجىي ياخشىلىنىپ سالامەتلىك ئەسلىگە كېلىدۇ.
2.3.1.خىلىتلارنىڭ بۇ خاراىتىدىن پەيدا بولغان يەلنى تارقىتىش:
ئارتۇقچە ھارارەتنى پەسەيتىپ، خىلىتلار قويۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئورگانىزىمنىڭ تارقىتىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىسسىق يەلنى تارقىتىپ خىلىت ۋە مىزاج تەڭپۇڭلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنىڭ نورمال داۋام ئېتىلىشىنى كاپالەتلەندۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلدۇ. بۇ مەقسەتتە بىمارغا سوۋۇتقۇچىلاردىن لىمون شەربىتى، ئاچچىق ئانار شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى، بيە شەربىتى ،ئەينالۇ مۇرابباسىغا ئوخشاش دورىلار ئىچكۈزىلىدۇ. ئارقىدىنلا قان- تومۇر ۋە توقۇلما ئارقىلىق بوۇشلۇقلاردىكى بۇس- بۇخاراتلەرنى پەرچىلاش ھەمدە ھەزىمنى ياخشىلاپ ئۈچەي ئىچكى بېسىمنى- تۆۋەنلىتىپ يەل تارقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولغان دورىلاردىن جاۋارىش ئۇد تۇرۇش، جاۋارىش زىرشىكى، جاۋارىش ئامىلگە ئوخشاش دورىلارنىڭ مەلۇم بىرى ئەرىقى رەۋەن، ئەرىقى ئەنبەر بارىتلار بىلەن قوشۇلۇپ تاكى ئىسسىق يەل پەيدا قىلغان ئالامەتلەر يوقۇلۇپ مىزاج تەڭشەلگەنگە قەدەر ئىشلىتىلدۇ .
3.3.1. زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا ىلغان يەلنى تارقىتىش :
داۋالاشتا ئالدى بىلەن سېزىمچانلىق پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش، تىنىچلاندۇرغۇچى، سەزمەس قىلغۇچى دورىلارنى ئىشىلىتىپ سېزىمچانلىق ھادىسىىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئارقىدىن كۈچلۈك زەھەر قايتۇرۇپ يەل تارقىتىش تەسىرىگە ئىگە تەرياق تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىسسسق يەلنى تارقىتىپ بەدەن ئىچكى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش ئاساسىي داۋالاش پىرىنسىپى قىلىندۇ. بۇ مەقسەتتە ئالدى بىلەن بىمارغا ھەببى شىپا ياكى قۇرسى خەشخاشقا ئوخشاش دورىلارنى ئىشلىتىپ، سېزىمچانلىق ھادىسىسى پەسەيتىلىدۇ. ئارقىدىن زەھەر قايتۇرۇپ يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاپ ئاشقازان ئۈچەي ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ يەل تارقىتىش تەسىرىگە ئىگە دورىلاردىن تەرياقى كەبىر، تەرياقى فارۇق، تەرياقى سەمانىيەگە ئوخشاش دورىلارنىڭ مەلۇم بىرى مەتبۇخى ھېلىيلە بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلدۇرىلدۇ.
4.3.1. يۇقىرى قىزىتما پەيدا قىلغان يەلنى تارقتىىش:
ئاساسلىقى قىزىتمىنىڭ سەۋەبىى ئېنىقلاپ قىزىتمىنى قايتۇرغاندىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى كۈچلەندۇرۇش، ھەزىمى ياخشىلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلدۇ. بۇ مەقسەتتە قىزتما يانغاندىن كېيىن جاۋارىش بەسباسە، جاۋارىش دارچىن ، ئىتتىرفىل كەبىرگە ئوخشاش دورىلار زىرە، پىننە،بەديان، قارمۇچتىن تەييارلانغان چايىلىق بىلەن بىرگە ئىچىشكە بېرىلدۇ.
1.4. ئۆلۈك يەلنى تارقىتىش
1.4.1. قان خىلتىنىڭ كۆيۈشىنىڭ ھاسىل بولغان ئۆلۈك يەلنى تارقىتىش :
قان خىلتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ كۆيۈش يولى بىلەن ئۆلۈك يەل تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە قان تازلاش ئارقىلىق قان خىلتى تەركىبىدىكى يات ماددىلار ۋە ئۆلۈك يەللەرنى تازلاش پىرىنسىپى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قائىدە بويىچە قان خىلتىنىڭ تەڭشۈگىچىسىنى بېرىپ قان خىلتىنىڭ ئارتۇقچە ھارارىتى پەسەيتىلىپ، قىيامى تەشەلگندىن كېيىن قۇرسى گۈل، جاۋارىش ئۇدى تۇرۇش،مەجۇنى دەبىدىل ۋەردلەنىڭ مەلۇم بىرى ئەرىقى چۆبىچىن ياكى ئەرىقى ئۆشبە بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.
2.4.1. سەپرا ، بەلغەم، ۋە سەۋدا خىلىتلىرنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ئۆلۈك يەلنى تارقىتىش:
قايسى خىلىت كۆيۈپ ئۆلۈك يەلنى پەيدا قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن شۇ خىلتنىڭ مۇنزىجى بىلەن غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىجىنى بىرلەشتۇرۇپ بېرىپ بەدەندە ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە مەتبۇخى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ تەبىئىي مىزاجىنى ئاساس قلىپ يەل تارقاتقۇچى دورىلاردىن مەجۈنى بادىشىكەن،جاۋارىش كۇمۇنى ، جاۋارىش نانىخۇا ،ھەببى تەنىكار(ھەببى كۆرسىنگى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئىتتىرفىل بەدىيان،ئىتتىرفىل مۇقەل مۇلەيييبىن قاتارلىقلارنىڭ بىر ياكى ئىككىسنى ئەرىقى بەديان، ئەرىقى پۇدىينە، ئەرىقى رەۋەن، ئەرىقى نانىخۇا،ئەرىقى دارچىنلارنىڭ بىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە خىلىتلار تەڭپۇڭلىقى ئەسلىگە كېلىپ مىزاج تەڭشىلىپلا قالماستىن، يەنى ئلۈك يەلنى تارقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
1.5. تېرىك يەلنى تارقىتىش
1.5.1.قان خىلتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشدىن ھاسىل بولغان تېرىك يەلنى تارقىتىش:
قان تازلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇفۇنەتلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ زەھەرلىك ئاجرالمىلىرنى (تېرىك يەلنىمۇ ئۆز ئىچگە ئالىدۇ) نى ئۈنۈمسىزلەندۈرۈپ بەدەن سىرتىغا چىرىپ تاشلاش رولىغا ئىگە دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئومۇمىي بەدەننى كۈچلەندۇرۇپ بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى تازلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلدۇ. بۇ مەقسەتتە بىمارغا ئالدى بىلەن قان تازلىغۇچى دورىلاردىن مەتبۇخى شاھتەررە،مەتبۇخى ھېلىيلە قاتارلىق دورىلارنى مەجۇنى ئۆشبە، مەجۇنە چۆبىجىن، مەجۇنى ئەفئىگە ئوخشاش دورىلار بىلەن بىرلەشترۈپ بېرىپ مىزاج تەڭشەلگەندىن كېيىن جاراسىملار ئاجىرتىپ چىقارغان زەھەرلىك يەللەرنى تارقىتىش مەقسىتىدە ھەببى شىڭرىپ ، مەجۈنى زەرنىخ،مەجۇنى ئەقرەپ ئوخشاش دورىلار بىلەن ئەرىقى مۇرەككەپ مۇسەييىخۇن بىلەن بىرگە ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
2.5.1. سەپرا خىلتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدن ھاسىل بولغان تېرىك يەلنى تارقىتىش :
ئالدى بىلەن مۇنزىج، مۇسھىل بېرىپ ماددىنى تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قۇرسى شاھتەرە، قۇرسى كافۇر، سۇپۇپى سەرتان قاتارلق دورىلارنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىنى، يەل تارقۇتقۇچى دورىلاردىن ئىتتىرفىل بەديان، ئىتتىرفىل كەشنىيىز، مەجۈنى بادىشىكەن قاتارلىق دورىلارنىڭ مەلۇم بىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ .
3.5.1 بەلغەم خىلتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان تېرىك يەلنى تارقىتىش :
بۇ خىل يەلنى تارقىتىشتا، ھەببى كىبرىت، مەجۇنى لوغانزىيا ، مەجۇنى سوم قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىرىگە يەل تارقاتقۇچى دورىلاردىن جاۋارىش كۇمۇنى، جاۋارىش مىشكى، مەجۇنى ۋەج، جاۋارىش بەسباسەلەرنىڭ بىرى قوشۇپ ئەرىقى بەدىيان بىلەن بېرىلىدۇ.
4.5.1. سەۋدا خىلتىنىڭ ئۇفۇنىتىدىن ھاسىل بولغان تېرىك يەلنى تارقىتىش
ئىتىرفىل ئۇسىقۇددۇس، مەجۇنى زەرنىخ، مەجۇنىي ئەفئى كەبىر، مەجۇنى ئەفئى سەغىرلەرنىڭ بىر ياكى ئىككسىنى ئىسىق تەبىئەتلىك يەل تارقۇتقۇچى دورىلاردىن ھەببى ئەنىسۇن،ھەببى ئەنزورۇت ،ھەببى تەنىكار ، ئىىتىرفىل كەبىر، ئىتتىرفىل سانالارنىڭ بىرى بىلەن قوشۇپ ئەرىقى پۇدىنە ياكى ئەرىقى نانىخۇا مىشكى بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ . يۇقىرىقى ئۇسۇل پىرىنسپلارنى قوللانغاندا كۆيگەن سەپرا، بەلغەم سەۋدا خىلىتلىرنى بەدەندىن تولۇق تەنقىيە قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۇلارنىڭ كۆيۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن تېرىك يەللەرنى تارقىتىپ ئۇلارنى پەيدا قىلغان كېسەللىكلەرنى تۈپ يىلتىزدىن داۋالاپ ساقايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 2004-يىلى 3- سانىدىن ئېلىندى
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى