خام دۇرىلار

كەھرىۋا

تونۇش

كەھرىۋا ئۇۋاقچىلىرى دەرەخنىڭ يېلىمى بولۇپ، بۇ دەرەخ ئەرەبچىدە«خۇز» دېيىلىدۇ، ناھايىتى سوغۇق جايلاردا ئۆسىدۇ، مۇشۇ دەرختىن سىزىپ چىققاندىن كېيىنكى يېلىمىنى يەرگە بىر يىلىدىن ئارتۇق كۆمۈپ قويغاندا، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى تاشقا ئوخشاش قاتىدۇ، بەزىدە تامغان بۇ يېلىمغا سامان، ئۇششاق تاش ۋە ھاشاراتلار ئارىلىشپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ قېتىشما «كەھرىۋا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

پىناتىسىيە دەيدىغان بىر خىل چوڭ دەرەخ.

دورىلىق ئورنى

دەرەخ يېلىمى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

كەھرىۋا تەركىبىدە ئاساسلىق دەرەخ يېلىمى ، ئۇچۇچان ياغ بار.

چىقىش ئورنى

مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇاڭشى، گۇيجۇ، فۇجيەن، شەنشى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، پولشا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

سۈپىتىنى ئېنىقلاش

كەھرىۋانىڭ دەرىخى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى رۇمى يەنى (ياۋروپانىڭكى)، يەنە بىرى «يەرلىك» دۇر، بۇنىڭ ياخشىراقى «رومى» بولۇپ، قاتتىق، سۈزۈك، پارقىرىما، تىللا رەڭدە سېرىق بولىدۇ، ئوتقا سالسا ئۇزۇندا ئېرىدۇ، ئەگەر بۇنى قولغا سۈركىسە قىزىپ، ئۇنىڭدىن لىمون سۈيىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ، ئۇششاق سامانلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ، پاختا ۋە يىپنىمۇ تارتىدۇ، بۇ يېلىمنى كەھرىۋا يەنى ساماننى تارتقۇچى دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئەمما يەرلىكتە يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلەر بولمايدۇ، ئۇ قۇۋۋەتتە «رۇمې» دىن ئاجىزراق.

كېسەللىك مىسالى

قان تۈكۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، بۇرۇن، قاناش، بوۋاسىر قاناش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئىچى سۈرۈش، قان تولغاق، يۈرەك چالاڭغۇراش، قۇسۇش ۋە باشقا قاناشلىق كېسەللىكلەر، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، سۇنۇق، ھەر خىل زەخمىلىنىش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. باكتىرىيەلەرگە قارشى تەسىرى: ئالتۇن رەڭلىك شارسىمان باكتېرىيە، كىزىك تاياقچە باكتېرىيسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيلەرنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.

2. مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.

3. يارا پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

4. ئىلان زەھىرىنى قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

قان توختاتقۇچى دورا

ئورۇنباسارى

سۇندۇرۇس، شادىنەج، مارۋايىت

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىقچان كىشلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بىنەپشە

فارماكولوگىيىلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

قوروسى كەھرىبا، سوفوفى كەھرىبا.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. كەھرىۋانى يۇمشاق سوقۇپ سالايە قىلپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا چىلانغان پاختىغا مىلاپ بۇرۇنغا تىقىپ قويسا، بۇرۇندىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.

2. كەھرىۋادىن 1.5 گرام، تاباشىردىن 2 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە، كۆكرەك ۋە ئۆپكىدىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.

3. كەھرىۋا 2 گرام، مەرۋايىت 5 گرام، ئاق سەندەل 3 گرام، قائىدە بويىچە سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن ئىچسە، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. كەھرىۋا 1.5 گرام، مەستىكى 3 گرام، داچىن 5 گرام، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

5. 1.5 گرام كەھرىۋانى سوقۇپ، سەبرى يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدە زىماد تەييارلاپ، بوۋاسىرغا چاپسا، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى يوقىتىدۇ.

6. 2 گرام كەھرىۋانى سوقۇپ سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرپ، سۇنۇققا چاپسا، سۇنۇقنىڭ تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ساقلاش

يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، قۇتىغا سېلىپ ساقلايمىز.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button