تاشقى كېسەللىكلەر

ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى

ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى-ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، بەدەندىكى ھەرخىل غەيرىي نورمال ئاناتومىيەلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

كېسەللىك ھەققىدە

سەۋەبى:

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، رېماتىزم ۋە باشقا كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ، شۇنداقلا بەدەندىكى ھەرخىل غەيرىي نورمال ئاناتومىيەلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

ئالامىتى: ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گىرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گىرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: سانا 40 گىرام، سۆرۈنجان، شاترەنج ھىندى 15 گىرامدىن، زەپەر ئۈچ گىرام، شېكەر تەڭ نىسبەتتە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن، قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: ئاچچىقتاۋۇز 75 گىرام، تاغ پىيىزى، غارىقۇن، سوقمونىيا، قارا خەربەق، ئۇشەق، ئۈسىقۇدىرىيۇن 12 گىرامدىن، سېرىق ئوت، مۇقەل، سەبرە سۇقۇترى، كامازىرىيۇس 5. 7 گىرامدىن، ھاشا (تاغ يالپۇزى) ، رۇمبەدىيان، سازەج ھىندى، ياۋا تاغ كۈدىسى ئۇرۇقى، پەرپىيون، ھۇماما، زەنجىۋىل، جوئدە، سەلىخە، ئاقمۇچ، جاۋاشىر، قۇندۇز قەھرى، سۇمبۇل، پەتەر ئاساليۇن، ئۇزۇن زىراۋەندە، ئەمەن ئوسارىسى ئالتە گىرامدىن، جېنتىيانا، ئۈستقۇددۇس ئۈچ گىرامدىن، ھەسەل 840 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھاۋاسى ساپ ئورۇندا قىرىق كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يەتتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button