ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى
مېڭە سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى
مەزكۇر باش ئاغرىقى مېڭە تۇيغۇسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان باش ئاغرىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئەسەبىي (نېرۋا) مىزاج كىشىلەردە ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى
تولا ئويلىنىش، قۇرۇق پىكىر- خىيالنى كۆپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى
مېڭىنىڭ خىزمىتى نورمال بولىدۇ. ئەمما روھىي جەھەتتە ئازراقلا ئۆزگىرىش بولسا ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىقىدا مېڭە ئارتۇق خىلىتلاردىن خالىي بولغاچقا، كۆزدىن چاپاق، بۇرۇندىن ماڭقا چىقىشتەك كېرەكسىز ئاجرالمىلار كۆپىيىپ كەتمەيدۇ ياكى بولمايدۇ.
داۋاسى
بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق نەسىھەت قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش، خىزمەت، ئەمگەك، تەنتەربىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق تەربىيىسى، دەم ئېلىشنى ئۆز- ئارا بىلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تاپىلاش لازىم. مېڭىنىڭ تۇيغۇسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن كاللا- پاچاقنى ئارپا بىلەن پىشۇرۇپ يېيشنى بۇيرۇش لازىم. بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى كالا گۆشىنى ياكى كاللا- پاچاقنى ئېزىلگۈدەك پىشۇرۇپ، شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ ئەتىگەندە يېسە ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوسۇڭ، سېمىز ئوت، ھۆل يۇمغاقسۈتلەرنى كالا گۆشى بىلەن سەي قىلىپ ئىستېمال قىلىش لازىم. لېكىن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلارغا كۆكتات شورپىسى بېرىشلا كۇپايە قىلىدۇ. يۇقىرىقى چارىلەر بىلەنمۇ مېڭە ئارام ئالمىسا ۋە ئۇنىڭ جىددىيلىكى پەسەيمىسە، خەشخاش شەربىتىنى ئىچىشكە بۇيرۇش لازىم. بۇلاردىن باشقا سۇمبۇل شەربىتى، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلارمۇ مەزكۇر كېسەللىككە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور