خام دۇرىلار

ئەنبەر

ئەنبەر مېڭە، يۈرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەنبەر
ئەرەبچە نامى ئەنبەر ئەشھەب
ئىنگلىزچە Ambergris, Grdno Ambra
شەكلى رەڭگى قوڭۇر رەڭ
چىقىش ئورنى ئامېرىكا، ياپونىيە، بېنگال، ھىندىستان
خەنزۇچە نامى 龙涎香long xiang xing
پارسچە نامى ئەنبەر
ئوردۇچە نامى ئەنبەر
تەمى تەمى ئاچچىقراق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

 

تونۇش

ھايۋان ئىسغىرەم ۋىل ناملىق بىر خىل قارا كىتنىڭ ئۈچەي ئاجرالمىلىرىنىڭ قۇرۇتۇلمىسى

 

چۈرۈك، جىسمى يېنىك، چاينىسا شامدەك چىشقا چاپلىشىدۇ، خۇش پۇراققا ئىگە.

ئائىلىسى

قارا كىت ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئىسغىرەم ۋىل ناملىق بىر خىل قارا كىتنىڭ ئۈچەي ئاجرالمىلىرىنىڭ قۇرۇتۇلمىسى.

 

ئۈنۈملۈك تەركىبى

 ئەنبەرنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %25 ئەنبىرئىن (Anbrein) بار.  يەنە ئۇچۇچان ماي ۋە ئانئورگانىك تۇزلار بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈنى جاۋارىش ئەنبەر، قۇرۇسى ئەنبەر بارىس قاتارلىقلار.

خۇسۇسىيىتى

مېڭە، يۈرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

 

ئەكىس تەسىرى

جىگەر ۋە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

 

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلسە جىگەر ۋە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

 

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

 1.  مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كىچىك دوزىسى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. چوڭ دوزىسى تورمۇزلايدۇ.

2. نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: يۈرەكنى قوزغىتىدۇ، ئەنبەر تىنكىتورىسى توشقان ۋە ئىتنىڭ كۆك قان تومۇرىغا كىرگۈزۈلگەندە، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

3. بالىياتقۇغا بولغان تەسىرى: بالىياتقۇنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوزغىتىدۇ. ھامىلىدار بولغانلار، ھامىلىدار بولمىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ.

4. باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى: ئەنبەر تىنكىتورىسىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغىنى تەجرىبە نەتىجىسىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلايدۇ. بۇنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى پىنىل بوكازولدىن كۈچلۈك.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. ئەنبەرنى يېنىدا ساقلاپ دائىم پۇراپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ.

2. ئىپار 1 گرام، ئەنبەر 2 گرام، پەنەرمايە 10 گرام، سۆلەپ مىسىرى 20 گرام، خولىنجان 10 گرام، مەستىكى 5 گرام. سوقۇپ ھەب تەييارلاپ، كۈندە بىرقېتىم 2 دانىدىن ئىچسە، سۈرئىتى ئىنزالغا شىپا بولىدۇ. نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. ئۈستقۇددۇس 10 گرام، بىستىپايەنج 10 گرام، ئەنبەر 2 گرام، ئىپار 1 گرام، قۇندۇز قەھرى 2 گرام، زەپەر 2 گرام، ھەسەل 60 گرام. مەجۈن تەييارلاپ يىسە زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.

ساقلاش

يىغىۋالغاندىن كېيىن ئېغىزى ھىم شىېشىلەردە ساقلىنىدۇ.

 

كېسەللىك مىسالى

مېڭە، نېرۋا ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى، بولۇپمۇ يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، بوغۇم ئاغرىقى، ئومۇمىي بەدەن سوۋۇپ كېتىش، باھ ئاجىزلىقى، بىھوشلۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button