خام دۇرىلار

ئىپار

ئىپار بولسا ئىپار كېيىكىنىڭ ئەرلىك جىنسىي پۇراقلىق بەز خالتىسىدىكى ئاجرالمىسى بۇلۇپ،  تەبىئەتنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سپازما بوشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئىپار
ئەرەبچە نامى مىشكى ، مۇشكى
ئىنگلىزچە Forest musk
تونۇش ئىپار كېيىكىنىڭ ئەرلىك جىنسىي پۇراقلىق بەز خالتىسىدىكى ئاجرالما
جىسمى پۇرىقى خۇش بۇي، سەل مايلىشاڭغۇ بولىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 麝香
پارسچە نامى مىسكى
ئوردۇچە نامى شوددو، كىستورى
شەكلى رەڭگى قىزىلغا مايىل قوڭۇر رەڭ
تەمى تەمى ئاچچىق – چۈچۈك

چۈشەندۈرۈشى

ئىپارئىپار بولسا بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئىپار كېيىكىنىڭ ئەرلىك جىنسىي پۇراقلىق بەز خالتىسىدىكى ئاجرالما بۇلۇپ،رەڭگى قىزىلغا مايىل قوڭۇر رەڭ،پۇرىقى خۇش بۇي، سەل مايلىشاڭغۇ بولىدۇ،تەمى ئاچچىق – چۈچۈك،قىش ۋە ئەتىياز،كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىيازدا ئەركەك كىيىكنى ئوۋلاپ قورساق تېرىسى بىلەن قوشۇپ پۇراقلىق خالتىسى كېسىپ ئېلىنپ يىغۋىلىنىدۇ.جۇڭگو، نىپال، بېرما، رۇسىيە، ۋېيتنام، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسىيتى

رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، تەبىئىي ھارارەتنى كۈچەيتىش، ئىچكى ۋە تاشقى سەزگۈ قۇۋۋەتلەرنى قوزغىتىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سپازما بوشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مېڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كىچىك دوزىسى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. چوڭ دوزىسى تورمۇزلايدۇ.

2. نەپەسلىنىش ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئىپار يۈرەكنى قوزغىتىدۇ، ئىپار تىنكتورىسى توشقان ۋە ئىتنىڭ كۆك قان تومۇرىغا كىرگۈزۈلگەندە, قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ. نەپەس قېتىمىنى تېزلىتىدۇ.

3. بالىياتقۇغا بولغان تەسىرى: ئىپار بالىياتقۇنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوزغىتىدۇ. ھامىلىدار بولغانلار ھامىلىدار بولمىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ.

4. باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى: ئىپار تىنكتورىسىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغىنى تەجرىبە نەيچىسىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلايدۇ، بۇنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى لىنپىل بوتازولدىن كۈچلۈك.

ئۆنۈملۈك تەركىبى

ئىپار تەركىبىدە تەخمىنەن %15~ 23 سۇ ۋە كۈل ماددىسى بار. ھەم ئازوتلۇق بىرىكمىلەردىكى ئازوتنىڭ مىقدارى تەخمىنەن %9 كېلىدۇ. يەنە خولېستېرول، يىرىك تالا، ماي كىسلاتاسى، ئىپار كىتونى (Mocone)، موسكو پىرىدىن (Muscopyridine)، قۇرۇتۇلغان ئىپارنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە %50~70 سۇلۇق ئېرىتمە، %1~15 ئىسپىرتلىق ئېرىتمە بولىدۇ.

ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى

1. ئىپارنى پۇرىسا، مېڭىدىن كېلىدىغان سۇنى توختىتىدۇ ۋە ھوشىغا كەلتۈرىدۇ. سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئىپارنى يېنىدا ساقلاپ پۇراپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭىگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ. نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3. زەيتۇندىن يېغى 50 مىللىلىتىر، قۇندۇز قەھرى 10 گرام، ئاقىرقەرھا 5 گرام، ئىپار بىر گرام. ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ، ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرىخا، سەرئى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى
150~50 مىللىگرام.
ساقلاش

سايىدا قۇرۇتۇلىدۇ، بۇ ئىپار كىنىدىكى دەپ ئاتىلىدۇ، خالتا ئىچىدىن ئېلىنغان دانىچىلار ئىپار جەۋھىرى دېيىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى
ئەينۇلا، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، مەستىكى رومى، كافۇر.
ئورۇنباسارى
قۇندۇزقەھرى، سازەچ ھىندى
ۋەكىل خارەكتىرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
مەجۈنى داۋائى مىشكى
كېسەللىك مىسالى
يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، مالىخولىيا، سەرئى، ھىستېرىيە، تارتىشىپ قېلىش، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، پالەچ، لەقۋا، بىھوشلۇق، تىتىرىمە پالەچ، كۆك يۆتەل، پەي ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر )
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى،


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button