روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتنىڭ بۇزۇلۇشى
بۇنىڭدا گەرچە تۇيغۇ كۈچلىرى (قۇۋۋەتى ھېسسە) ساق- سالامەت بولغانلىقتىن، ھەر قانداق نەرسىنى توغرا كۆرسىمۇ ۋە بىرەر ئىشنى توغرا ئاڭلىسىمۇ، لېكىن بىر ئازدىن كېيىنلا ئۇنتۇپ قالىدۇ.
سەۋەبى
1. روھىي كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقى، مەسىلەن: كۈچلۈك ئىشقى- مۇھەببەت، غەم- قايغۇ، ھەسرەت- نادامەت، قېرىلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىقلار.
2. ئۇنتۇغاقلىق پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن: كۆك يۇمغاقسۈتنى كۆپ يېيش قاتارلىقلار.
3. تۆت خىلىتنىڭ بۇزۇلۇشى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى شۇكى، سەپرادىن بولسا تۇتۇۋېلىپ ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ. سەۋدادىن بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بەلغەمدىن بولسا تۇتۇۋېلىشى ئاستا، ئۇنتۇپ قېلىشى تىز بولىدۇ.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ئىككى خىل ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىرى، تۇتۇپ تۇرۇش سەۋەبچىسى نورمال بولسىمۇ، ساقلاش ئورنى بولغان ئارقا مېڭىنىڭ سوغۇقلۇق ۋە ھۆللۈكى ئاشقانلىقتىن تۇتۇش قابىلىيىتى بۇزۇلغان بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك مېڭىگە ئورۇنلىشىپ بولغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ قالالمايدۇ.
ئالامىتى
ئۇيقۇ كۆپ، گەجگىسى ئېغىر بولۇپ، ئېغىزدىن داۋاملىق سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ.
داۋاسى
مېڭىنى تازىلاش ئۈچۈن قەنتەرىيۇن دەقىق، مۇقەل، شەھمەنزەل، جاۋاشىر، بۆرە ئەرمىنلىرىدىن تەركىب تاپقان سۇيۇقلۇق (چىلانما) بىلەن ھۆقنە (كلىزما) قىلىنىدۇ. ئىچىشكە ئايارەج پەيقىرا ۋە باشقا مېڭە تازلىغۇچى مەتبۇخلار بېرىلىدۇ. قىچا، سىيادان، ئاقىرقەرھاللارنى قاينىتىپ، ھەسەل قوشۇپ گال چايقايدۇ. تۇربۇت، قۇندۇز قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ، بۇرۇنغا تارتىپ چۈشكۈرتۈلىدۇ. تاشقى تەرەپتىن سەۋسەن يېغىغا ئازراق قۇندۇز قەھرىنى ئېزىپ قوشۇپ، باشنىڭ ئارقا تەرىپى ياغلىنىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلاردىن ئىترىفىل ئۈستىقۇددۇس، سۇفۇپى ھەفىر (ساقلاش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى تالقان) مەجۈنى ماددەتۇلھايات، مەجۈنى ۋەج، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ھېلىلە مۇرابباسى، مەجۈنى لوبۇب قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
يەنە بىرى ئارقا مېڭىنى ئۆتكۈر قۇرۇق سوغۇقلۇق ئىشغال قىلىۋالغانلىقتىن، مېڭە ئۇيۇپ ھىچ نەرسە ئۆزلەشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بۇ خىلى ئاز ئۇچرايدۇ.
ئالامىتى
دائىم ئۇيقۇسىزلىنىدۇ. ئارقى مېڭە قۇرۇق بىلىنىدۇ. سۆزلىشى قىيىنلىشىدۇ، سۆزلىگەندە گېلى سىقىلغاندەك قىلىپ گەپلەرنى ئۇلاشتۇرۇپ ئىتتىك سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
داۋاسى
دورا بىلەن داۋالاشتىن بۇرۇن غىزا بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مېڭىگە ھۆللۈك ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش مەقسىتىدە مىكىيان، توخۇ گۆشنىڭ شورپىسى، باشقا ئۇچار قۇشلار گۆشلىرىنىڭ شورپىسى، باچكا گۆشى ۋە قوزا گۆشلىرىنىڭ شورپىسى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. كالا يىلىكى، تاتلىق بادام يېغى، بابۇنە ياغلىرى، كاللا- پاچاق شورپىلىرى، بابۇنە قايناتمىسى، زىغىر، بىنەپشە شىرنىسى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئارقا مېڭە تەرەپكە تېڭىلىدۇ ياكى ياغلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى