ھۆججەتلىك فىلىم (سامسارا)
2011-يىلى ئىشلەنگەن رون فىرىكنىڭ يەنە بىر ھۆججەتلىك فىلىمى :
فىلىم تۈرى: ھۆججەتلىك
ئېمدىبى نومۇرى : 8.5 نومۇر
- دۆلەت / رايۇن: ئامېرىكا
بۇ فىلىم رېژىسور روبىن فىرېكى (Ron Fricke) نىڭ «ئىلتىجا(Baraka)» فىلىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، فىلىمدىكى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى سۆرەتكە ئېلىش ئۈچۈن جەمئىي 5 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، 25 دۆلەتنى كېزىپ چىققان.
فىلىم ئىسمى زاڭزۇ تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇددا دىنىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2012-يىلى دۇبلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ نادىر ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
70 مىنۇتلۇق بۇ فىلىم 5 قىتئەدىكى 25 دۆلەتتە سۈرەتكە ئېلىنغان ، سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتى تەخمىنەن 5 يىل داۋاملاشقان بولۇپ . سامسارا بىزنى مۇقەددەس تۇپراق ، ئاپەت رايونى ، سانائەت ئەسلىھەلىرى ۋە تەبىئىي مۆجىزىلەرنىڭ ئوخشىمىغان دۇنيالىرىغا ئېلىپ بارىدۇ – جىمجىت يەر شارى تارىخى مەدەنىيىتىگە ئۆزگىچە سەپەر قىلغۇڭىز بولسا بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چىقىڭ .
توربىكتىمىزنى قوللاڭ ۋە دوستىلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ !