پىشقەدەم ئۈستازلار
يۈسۈپ ھاجى قەشقەرى
(مىلادى 1876~1961)
يۈسۈپ ھاجى قەشقەرشەھەر ئۆستەڭبۇيى مەھەللىسىدىكى قادىر ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، قەشقەردىكى داڭلىق مەدرىسلەردە ئوقۇغان. رۇسىيە پاكىستان ھىندىستان قاتارلىق ئون دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان.
ۋەتەنگە قايتىپ قەشقەردە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرگە تىبابەتچىلىكتىن دەرس ئۆتۈپ نۇرغۇن تېۋىپلارنى يېتىشتۈرگەن ، ‹‹تەرىقۇل ئىلاج›› ، ‹‹تېببىي ئەكبەر›› ، لەرنى پارىس تىلىدىن تەرجىمە قىلغان . ‹‹سەپەرنامە›› قارتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان .