تارىخى شەخىسلەر
قۇتبىدىنشاھ
(مىلادى 1866~1760)
قۇتبىدىنشاھ يەكەن ناھىسىينىڭ ساپال كوچىسىدا ھۇسەينىخان تەجەللى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئۇ تېبابەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرت ، مىسىر سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇپ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتى يەكەندە خەلقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن بىرگە شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.
كېيىن تەكلىپ بىلەن پاكىستان ، ھىندىستان ، ئافغانىستان ، ئىران ، ئىراق ، ھىندونېزىيە ، بۇلغارىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ كېسەل داۋالىغان.قۇتبىدىنشاھنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىدىن ( رىسالە ئېرشادۇسالىھىن )، (سەپەرنامە) ، (شېرىك نامە پەلەك) قاتارلىق قوليازما ئەسەرلىرى بار.
خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتىبابەت دوختۇرخانىسى مۇزىيخانىسىدىن ئېلىنغان .