تۆت تادۇ
قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشى
تۆت چوڭ ماددا ئوخشىمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت – قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا- ھۆل ئىسسىق؛ سۇ- ھۆل سوغۇق؛ تۇپراق- قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئۇلار جىسىم، كەيپىيات، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى زىت بولسىمۇ ئەمما بىر – بىرنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار كائىناتتا ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت كەيپىياتنىڭ قارىمۇ – قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ. مىزاجلار چوڭ جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق مىزاجلارغا بۆلۈنىدۇ، دەپ قارايدۇ.
تارىخى ھەم ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى
تۆت ماددا
تۆت ماددىلىق ساددا ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراشنى ئادەم بەدەن تۈزۈلمىسىنى ۋە بۇ تۈزۈلمىدىكى ھاياتلىق پائالىيەتتىن تارتىپ تاكى ئىستېمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە دورا – دەرمەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۆت ماددىلىق دۇنيا قاراشنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە تېبابىتىمىزنى ئىلمىي باسقۇچقا كۆتۈرۈپ تېبابىتىمىزنىڭ تۆتىنچى باسقۇچ − ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمى باسقۇچىنىڭ تارىخىنى باشلىۋەتتى ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئەنئەنىۋى تېبابەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدۇردى.
ئاسىيا تېبابەتچىلىكى (ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى)
يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى، مەركىزى ئاسىيا تېبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش، جەسەت موميالاش، تېڭىقچىلىق، سامساق، ھاراق، ئاچچىق تاش دېزىنفېكسىيىسى، باش سۆڭىكىنى ئېچىپ خالتىلىق قۇرت ئېلىش، كۆز ئوپېراتسىيىسى، ئىلغا، قان ئېلىش، تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش، ھەرخىل گىياھلىق، پارلاندۇرۇلغان، قىياملىق، زەھەرلىك دورىلار ئىشلەش، گۇڭگۇرت تىزابى، بروم تىزابى چىقىرىش، چېچەك، كېزىك، كۆزگە پەردە چۈشۈرۈش، ئاشقازان ياللۇغى، قان تولغاق، زۇكام ، جاراھەتلىنىش، داغ چۈشۈرۈش، قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا زور نەتىجە قازانغان. 633- يىلى چىمەتقۇلى تاڭ گاۋزوڭ (لى شىمىن) نى دەۋۋار كېسىلىدىن داۋالاپ ساقايتقان. 1400- 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان «تۇرپان تېكىستلىرى» دېگەن رىسالىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت 198 پارچە رېتسىپ خاتىرىلەنگەن. «تۈركى تىللا دىۋانى» دا بىر قاتار كېسەللىكلەر، دورا ماتېرىياللىرى ۋە تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نامى كۆرسىتىلىشىتىن باشقا تېببىي مەزمۇندىكى ئەقلىيە سۆز ۋە نەزمىلەردىن پارچىلار بېرىلگەن.
مىلادىيىدىن ئىلگىرى
مىلادىيىدىن ئىلگىرى يېزىلغان «ئەۋلىيا تېرىقچى نامىغا يېزىلغان شىپالىق گىياھلار» ناملىق كىتابتا مەركىزىي ئاسىيا دورىلىرى ھەققىدە توختالغان.
سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋىردە «غەربىي يۇرت ھۆكۈمالىرىنىڭ رېتسېىپلىرى»، «غەربىي يۇرت مەشھۇر تېۋىپلىرىنىڭ تۆت جىلدلىق مەخپىي رېتسېىپلىرى»، سۇڭ سىماۋ يازغان «بىباھا دورا نۇسخىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە مەركىزى ئاسىيانىڭ تۆت چوڭ ماددا (تۆت تادو) ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك پەلسەپەسى ۋە شىپاگەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان، ئېيتىش كېرەككى، بۇنداق «تۆت چوڭ ماددا» (توت تادو) ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك ئەنئەنىسى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 7- ، 8- ئەسىرلەردە قارا دېڭىز ساھىلىدا ھەرىكەتلەنگەن مەركىزىي ئاسىيالىق سىكىتايلار(ساك، سىكىف) ئارقىلىق قەدىمقى يۇنان(گرېتسىيە) تېبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ھىپۇڭراتنىڭ«تۆت فزىس» قارىشى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ھەر قانداق بىر ئىلىم بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، تەدرىجىي تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈرگىنىگە ئوخشاش«تۆت چوڭ ماددا» (تۆت تادو) تەلىماتىمۇ بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ تاكى 9- ، 10- ئەسىرلەرگە قەدەر خېلى زور دەرىجىدە سىستېمىلىشىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشتى. ئەمما تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتە ئىلمىي بولغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تولۇق تاماملاندى. ئەمما ئوتتۇرا ئەسىر تېبابەتچىلىك تارىخىدا يېڭى – يېڭى تېببىي ئالىملار مەيدانغا كېلىپ كۆپ قېتىملىق سىناق، تەجرىبىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، داۋالاش تەدبىرلىرى تېپىپ چىقىلدى. شۇ قاتاردا ئەلى فارابى، ئىبنىسىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك يىتۈك زاتلار تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش جەريانىدا ئىزچىل ھالدا كېسەللىكلەر ھەققىدە ئىزدىنىش بىلەن بىرگە «تۆت چوڭ ماددا» (تۆت تادو) تەلىماتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىلمىي بولغان بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.
ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتېلى(ئەبۇناسىر فارابى)
ئىلىم پەن يولى تەپەككۇر گۈلزارلىقىدىكى ئۇلۇغ باغۋەن، جاھان پەلسەپە تارىخىدا ئارستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» ، «ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتېلى» نامى بىلەن ئاتالغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر قارلۇق ئىلمى مەشھۇر پەيلاسوپ، تىلشۇناس، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ ئەبۇناسىر فارابى(870- 950- يىللار) نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىكنى يېڭى ئۇل بىلەن تەمىنلەپ، «تۆت چوڭ ماددا» (تۆت تادو) ھايات ۋە مۇھىت، جىسىم ۋە روھ، تاشقى ۋە ئىچكى سېزىش ھەم تەپەككۇر ئەزالىرى ئۈستىدە ئاۋۋال پەلسەپىلىك قائىدىلەرنى قويۇشتىن تاشقىرى، ئادەم ئاناتومىيىسى، گالبىن تېبابەتچىلىكى قاتارلىقلار ئۈستىدە خاس ئەسەر ياكى سەھىپىلەر يازدى. بۇ تېبابەتچىلىك ھەققىدە «نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تېبابەت» قاتارلىق ئالتە پارچە مۇھىم ئەسەر يازغان.
فارابى ئارستوتىل پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيە«تۆت ماددا» (تۆت تادو) قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئەنئەنىۋى تەسىرىدە ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىگە ئاساس سالدى. ئۇ ئارستوتىلنىڭ«تۆت چوڭ ماددا» توغرىسىدىكى رەسمىي پەلسەپىۋى بايانلىرىنى ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلىپ ئۇنى راۋاجلاندۇردى. ئارستوتىل ئالدى بىلەن تۆت ئاساسىي سۈپەت خۇسۇسىيەت: ئىسسىق، سوغۇق ۋە ھۆل، قۇرۇقلۇقنى«بىرىنچى سۈپەت» دەپ كۆرسىتىش بىلەن، ئۇلارنى ئىككى قارىمۇقارىشى گۇرۇپپىغا، ئىسسىق سوغۇق گۇرۇپپىسى ۋە ھۆل – قۇرۇق گۇرۇپپىسىغا ئاجرىتىپ، بۇ ئىككى ئاساس سۈپەتلىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىقداردىكى قوشۇلىشىدىن تۆت ماددا شەكىللىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ئارستوتىلنىڭ قارىشىچە، ئىسسىق ۋە قۇرغاقلىقتىن ئوت ھاسىل بولسا، ئىسسىق ۋە ھۆللۈكتىن ھاۋا ھاسىل بولاتتى. سوغۇق ۋە ھۆللۈكتىن سۇ ھاسىل بولسا. سوغۇق ۋە قۇرغاقلىقتىن تۇپراق ھاسىل بولاتتى. فارابى بىر ئۆمۈر ئارستوتىل ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ ئارىستوتېل ئەسەرلىرىگە شەرھى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىلغار كۆز قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۆزلەشتۈرگەن.
فارابىنىڭ تۆت چوڭ ماددا ھەققىدىكى تەلىماتى ئۇنىڭ پۈتۈن ناتۇرال پانېتىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.
فارابى بۇنىڭدىن 10 ئەسىر بۇرۇن يازغان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تىرىك ئورگانىزم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرى توغرىسىدا ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، مېڭە، نېرۋا، يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى «كالا دەربايان ئەزا» (ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى، خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تېببىي ئەسەر)، «مەنانى ئەقىل» (ئەقىل ئىدراك ۋە ئۇنىڭ تاكامۇللىنىشى توغرىسىكى تېببىي ئەسەر)، «روھ ۋە جان توغرىسىدا»، «ساراڭلىق ھەققىدە»، «ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھەققىدە»، «تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقلۇق ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرىدە ناھايىتى ئىلمىي بولغان بىر يۈرۈش قاراشلىرىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان.
ئەبۇناسىر فارابى، تېۋىپلارنىڭ ئەخلاقى، پەزىلىتى، كېسەلگە قانداق يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «تېۋىپ ئۆگىنىشنى ئىرادە قىلغانلار ئەخلاقى ياخشى، ئۆزى ياش، قابىل، زېھنى ئۆتكۈر، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان، مىجەزى خۇشخۇي، مۇلايىم، ئەدەپلىك ۋە راستچىل، سەمىمىي بولۇشى، كېرەك. كىشىلەرگە كۆيۈنمەيدىغان، كېسەللەرنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان، يالغان – ياۋىداق سۆزلەر بىلەن خەلقلەرنى ئالدايدىغان يامان ئىشلاردىن، پەس ئارزۇ – ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇشى، پۈتۈن زېھنىنى بىلىمگە بېغىشلىشى لازىم. چۈنكى ئىلىم ئەھلى ئېلىمدىن باشقىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. مۇنداق پەزىلەتلەر بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان تېۋىپتۇر. بۇلارنى ھەرگىزمۇ ھۆكۈما دېگىلى بولماس» دېگەن.
مەشھۇر تېۋىپ ئەبۇ ئەلى ئىبنىسىنا
ئاتاقلىق پەيلاسوپ، ئىنسىكلوپىدىست، مەشھۇر تېۋىپ ئەبۇ ئەلى ئىبنىسىنا(مىلادىيە980 -1037 – يىللار) فارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيىدە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلەرنى قوشۇپ، يىپەك يولى تېبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ«ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «تېببىي داستان» قاتارلىق ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چىچىپ تۇغان ئالتۇن يۇلتۇزدەك بىر قانچە ئەسىرلەرگىچە شەرق ۋە غەرب تېبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىك قىلىندى.
ئىبنىسىنا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى«تۆت تادو» (تۆت چوڭ ماددا) قارىشىغا ۋارىسلىق قىلدى.ئۇ «ئەلقانۇن فىت تىب» دا: «تەبىئىي ئۇنسۇرلار تۆت، ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئارتۇق ئەمەسلىكىگە تەبىئەت ئالىملىرى ئىشەنسۇن، ئۇلارنىڭ ئىككىسى يەڭگىل، ئىككىسى ئېغىر، يەڭگىلى ئوت بىلەن ھاۋابولۇپ، ئېغىر سۇ بىلەن تۇپراقتۇر. تۇپراق ئاددىي جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىي ئورنى ھەممە جىسىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر… تۇپراقنىڭ تەبىئىيىتى تۇرۇق ۋە سوغۇقتۇر… سۇ سوغۇق ۋە ھۆلدۇر… ھاۋانىڭ تەبىئىيىتى ئىسسىق ۋە ھۆل، ئوت مۇتلەق يەڭگىل … ئۇنىڭ تەبىئىيتى ئىسسىق ۋە قۇرۇق» دەپ يازغان.
ئىبنىسىنا تۆت چوڭ ماددا يوقالمايدۇ، بىرى – بىرىگە ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ شەكىللىرى ئۆزگىرىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئىبنىسىنا ئەلەمنى سۇ، ئوت، تۇپراق ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ماددىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ھاسىل بولغان، ئادەم ھاياتى خاراكتېرى بىر – بىرىگە زىت بولغان ۋە بىر – بىرىدىن تەقەززا قىلىدىغان تۆت خىل ھاياتىي ماددىنىڭ – تۆت خىلىتنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تايىنىدۇ، دەپ تەرەيدۇ. ئىبنىسىناچە سۇ ھۆل سوغۇقلۇقنى، تۇپراق قۇرۇق سوغۇقلۇقنى، ھاۋا ھۆل ئىسسىقلىقنى، ئوت قۇرۇق ئىسسىقلىقنى ئۆزىگە تۇپ ئالامەت قىلغان. ئۇ جۈملىسىدە ھىپۇكرات، ئارستوتېل ۋە فارابىگە ۋارسلىق قىلىپ«تۇپراق» −− زېمىن مەركەزلىك كۆز قارىشىدا چىڭ تۇردى. ئىبنسىنانىڭ كۆز قارىشىچە، تۇپراق ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئورنى جەھەتتىن ھەممە جىسىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. تەبىئىي خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن سوغۇق ۋە قۇرۇق بولىدۇ. سۇ بىلەن ھاۋا تۇپراقنى قورشاپ تۇرىدۇ. سۇ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن سوغۇق ۋە ھۆل بولىدۇ، ھاۋانىڭ تەبئەتتىكى ئورنى ئوتنىڭ ئاستى، سۇنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئىسسىق ۋە ھۆل بولىدۇ. ئۇتنىڭ تەبىئەتتىكى ئورنى باشقا ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئىسسىق ۋە قۇرۇق بولىدۇ. ھاۋا بىلەن ئوت ئادەم بەدىنىنى دەسلەپكى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان نەپەسنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئىنساندىكى روھىي(پسخىك) پائالىيەتكە ياردەم بېرىدۇ.
ئىبنىسىنا تېبابەتچىلىك مەسىلىلىرىنى ناتۇرال پانىتېزملىق تەبىئەت پەلسەپىسى ئاساسىدا ھەل قىلىپ ئىنساننى پۈتۈن ئالەمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پۈتۈن تەبىئەتنىڭ تاشقىي مۇھىتى بىلەن دائىمىي مۇناسىۋەتتە قاراپ، ساغلاملىق ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇقارشى تەرەپنى ئادەم ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى، بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سەۋەبلەرنىڭ كونكرېت كىشىدىكى كونكرېت ئاقىۋىتى سۈپىتىدە چۈشەندۈردى. ئۇ ماددىي سەۋەبلەرنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ سالامەتلىك ۋە كېسەللىكنى تۆت چوڭ ماددا ئاساسىدا ئىزاھلىدى. ئىبنىسىناچە تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە تەسىرى قىلىشىدىن تۆت خىلىت −− قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدا ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىلىتلار داۋاملىق ماددا ئالمىشىشى بىلەن ئالمىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. خىلىتلارنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ياكى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئىبنىسىنا تۆت چوڭ ماددا ئاساسىدا خىلىتلار فىزىئولوگىيىسى كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ كونكرېت جىسمانىي ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، تۆت چوڭ ماددىدىن ھاسىل بولغان تۆت خىلىتنىڭ ھەربىر كونكرېت ئادەمدىكى نورماللىق تەڭپۇڭ نۇقتىسى بىر خىل بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئادەملەر كونكرېت خىلىت تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتىن تۆت خىل مىزاجغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار سەرا، سەۋدا، بەلغەم، خۇندىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. ئۇ«ھايات ئىسسىقلىق بىلەن ئۆسۈش ھۆللۈك بىلەن بولىدۇ»، «ھاياتى قۇۋۋەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى يۈرۈك؛ سەزگۈ ۋە ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى مېڭە؛ ئوزۇقلاندۇرۇش قۇۋۋەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى جىگەر» دەپ قاراپ، بۇ ئۈچ مۇھىم ئەزانىڭ شەخسنىڭ ھاياتنى نورمال تۇتۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىبنىسىنا«ئەلقانۇن» دا بىلىش نەزەرىيىسى ۋە سەۋەبىيات نەزەرىيىسىگە ئاساسەن كېسەللەرنى بايقاپ كۆزىتىش، كېسەلدە ئىپادىلەنگەن مىزاج خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، شۇ ئاساستا كېسەلگە ھۆكۈم قىلىش، كېسەلنى داۋالاش ۋە كۈتۈش قاتارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك مەسىلىلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆز ئەسىرىدە تەبىئەت پەلسەپىسى نۇقتىئىنەزىرىدىن فىزىئولوگىيە، پسىخولوگىيە ۋە نېرۋاتەلىماتى مەسىلىلىرىنى ئىزاھلىغان. ئۇ ئادەم ئورگانىزمدىكى«قۇۋۋەت»، «پائالىيەت»، «تەسىر» ۋە نېرۋا ئىقتىدارى («نەپسانىي قۇۋۋەت») باش مېڭە ۋە نېرۋىلار تەرىپىدىن ئورۇندىلىدىغان، ئىدراك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئىقتىدار ھېسابلانغان. ئۇ نېرۋا ھۈجەيرىسى توغرىسىدا مىكروسكوپ ئىختىراسىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ياخشى ئىزاھات بەرگەن. «ئەلقانۇن» دا: «نېرۋىلار مېڭە ۋە ئارقا مېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان ئاق مەيىن جىسىملار بولۇپ، ئەۋرىشىمدۇر. ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئاجرىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس، نېرۋىلار سېزىش ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل بولۇشىنى تەمىنلەيدۇ» دەپ مۇھاكىمە قىلغان.
ئىبنىسىنا«كىتابۇششىفا» نىڭ 6- جىلىدىدا ئادەم جەسىتىنى يېرىپ ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى يازغان. ئۇ كېسەل تەكشۈرۈشتە ئائىت تومۇر تۇتۇش، مېڭە پائالىيىتىنى كۆزىتىش، شېكەر كېسىلىنى ئېنىقلاش، نەپەس تەكشۈرۈش، نىجاسەت تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بايان قىلغان ھەمدە لوئىد پاستېر (1822-1895) دىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرى ئۆپكە سىلى، خولېرا، كېزىك، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇششاق جاراسىملار(مىكروبلار) تۈپەيلى پەيدا بولىدىغانلىقى قىياس قىلغان.
ئىبنىسىنانىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى بىلەن تېبابەتچىلىك تەلىماتى يىپەك يولى ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيىلىرى ۋە تېبابەتچىلىك ئەنئەنىلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ئۇيغۇر ۋە فارابى ئالەم تۈزۈلمىسى قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولسا، ئۇنىڭ تومۇر تۇتۇش جەھەتتىكى بىر قاتار تەلىماتلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيگەن. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن» ، «دانىشنامە» ، «ئەششىفا» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئۆلىما، ھېكىملىرى ئارسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
ئىبنىسىنا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئەسىرداش ھۆكۈما تېۋىپلارنىڭ تېببىي دورىگەرلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ،يەكۈنلەپ، ھەربىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، تەرەققىيات جەريانى، ئاقىۋىتى، دورا ئەشيالىرىنىڭ خاراكتېرى، ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى ئۆزى مۇستەقىل تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ خۇلاسىلەپ، ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبە نەتىجىلىرى بىلەن تولۇقلاپ، تېببىي ئاساسىي پەنلەر، ھەرقايسى كلىنىك پەنلەر، دورىگەرلىك، ئوزۇقشۇناسلىق، ھىپىزى سىھھەت ۋە باشقا ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ پەقەت تېببىي ساھەدىلا «كىتابۇششىفا»، «ئەلقانۇن فىت تىب» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك ئىلىمىنىڭ نەزەرىيىۋى ۋە كلىنىك داۋالاش جەھەتلەردە يەنە بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان.
ئەلقانۇننىڭ يېزىلىپ چىقىشى دۇنيا مېدىتسىنا پېنىنىڭ يېڭى تەرەققىيات دەۋرىنى ئاچقان. بۇ كىتاب لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ 30~40 قېتىمدىن كۆپ قايتا بېسىلغان. ئۇ .21 ~18 – ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدە مېدىتسىنانىڭ مۇقەددەس كىتابى بولۇپلا قالماي، بەلكى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئاساسىي دەرسلىكلىرىدىن بولغان. ئۇنىڭ تەلىماتى ھازىرقى ياۋروپا مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ، يول ئېچىپ بەرگەن.
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەتچىلىك
كېيىن ئىمامىدىن قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەتچىلىك ئاسمىنى جىلۋىلەندۈرگەن. يەنى قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تېبابەتشۇناس، تېۋىپ ۋە مۇدەررىس ئىمامىدىن قەشقىرى ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇن»، «شەرھى شىپا»ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىبنىسىنانىڭ «ئەلقانۇن» دېگەن كىتابىغا ئىزاھ بەرگەن ھەمدە ئىبنىسىنا قاراشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھى شەكلىدە راۋاجلاندۇرۇپ ۋە بېيىتىپ، ئىبىنىسانىڭ تەلىماتلىرىنى شەرققە تارقىتىش، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى، ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۆھپە قوشقان.
شۇ زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر تېۋىپ مۇھەممەت ئېلى مۇھەممەت ئىمىن ياركەندى «زىيائۇل قۇلۇپ» (جەلب نۇرلىرى) ناملىق تېبابەتچىلىك كىتابىنى يېزىپ چىققان. مەزكۇر كىتابتا ئىبنىسىنانىڭ «ئەلقانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرى قەشقەردىكى ئۆز زامانىسىنىڭ ئالىي ئوقۇش يۇرتى بولغان «مەدرسەئى ساجىيە» (نۇر چاچقۇچى مەدرىس)دە ئوقۇتۇش دەستۇرى قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئاتاقلىق شائىر، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرى، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ )تەخمىنەن 1018 – 1073 – يىللار) فارابى ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى بولۇپ سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى مۇكەممەل قامۇس ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى يېزىپ چىقىپ، فارابى، ئىبنىسىنالار تەرىپىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن «تۆت چوڭ ماددا» ( تۆت تادو) قارىشىنى كلاسسىك پەلسەپىۋى تۈسكە كىرگۈزدى ھەمدە ئارىستوتېل، فارابى، ئىبنىسىنالارنىڭ تۆت چوڭ ماددا ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە ياندىشىپ يەر (تۇپراق)نى سۇ قورشاپ تۇرىدۇ. ئوت بولسا ھەممىنىڭ سىرتىدا ۋە ئۈستىدە دېگەن ماددا تۈزۈلمىسى ۋە ئالەم تەرتىپى قارىشىنى بايان قىلغان بولسا، ئۆز ئەسىرىدە يەنە تۆت چوڭ ماددا، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى، تۆت چوڭ ماددىنىڭ زىددىيىتى ۋە بىرلىكى، تۆت چوڭ ماددىنىڭ تۆت پەسىل ۋە ئىنساندىكى تۆت مىزاجغا بولغان مۇناسىۋىتى، ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كۆرگەن چۈشلىرىنى تۆت چوڭ ماددا ۋە ئۇنىڭ كونكرېت ئادەمدىكى ھالىتى ئاساسىدا ئىزاھلىنىشى لازىملىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭدەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە «قۇتادغۇبىلىك» داستاندا نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىكىگە ئائىت سىستېمىلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىۋى ئىلمى بولغان تۆت خىلىت يەنى سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا ھەققىدە توختالغان ھەمدە كېسەللىكىنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ، ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھلەپ بەرگەن.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسى نەزەرىيىلىرى ئىلمى (خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت ئالى تېخنىكوم دەرسلىكى)
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى