ئابدۇللا داموللام ھەققىدە
تېۋىپ – ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﻳﯧﯖﯩﺌﺎﯞﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ ،ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ «ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ» ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯧﯟﯨﭗ ـ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . 1898-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ » ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1912-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1916-ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ – ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﺍﯞﯗﻟﭙﯩﻨﺪﻯ ، ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ ، ﺩﯦﮭﻠﻰ ، ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ مەﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﻨﯩﯔ «ﻻﻛﯩﻨﻮ» ﺩېگەﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﻻﻛﯩﻨﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ئۈنۋېرسىتى» ﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩﻳﻮﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ 14 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎب ، ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ ، ﺩﻭﺭﺍ ﺩەﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﮬﻪﺟﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ» ﻣﻪﺩﺭىسىدە ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻐﺎﭺ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپتىمۇ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1956-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎخىرﯨﻐﯩﭽﻪ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻧﻪﭘﻪﺭﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېباﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮىنچىسى ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ، ئىككىنچىسى ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢﮬﺎﺟﯩﻢ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﺭﻩﺏ ، ﭘﺎﺭﺱ ، ﺋﻮﺭﺩﻭ ، ﮬﯩﻨﺪﻯ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﺭﻩﺏ ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ، ﺋﻮﺭﺩﻭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰﺍﻥ ﺗﯩﭗ ، ﺗﯧﺒﺒﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﺋﯧﻠﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﻳﯩﺖ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﯨﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﻣﻪﺗﺘﯘﺭﺳﯘﻥ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﮬﯧﺒﯩﺒﯘﻟﻼ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﻣﻪﺗﺘﻮﺧﺘﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪخەﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، «ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ»، ﮬﯧﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﻣﻪﯞﻟﯩﯟﻯ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﺳﻰﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪربىيىلەپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﯩﻚ ﻣﯘتەخەسسىسلىرىنىڭ ﻛﯚﭘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﯞﯨﺮﺍﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﺩﯗﺭ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1975-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ 86 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى