روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى

مېڭە ئاجىزلىقى

تونۇش

مېڭە ئاجىزلىقى –غەيرى  تەبىئى روھىي كەيپىياتنىڭ ئۇزاق مۇددەت  مېڭىگە تەسىر  قىلىشىدىن ئادەم  داۋاملىق  روھىي جىددىلىك ئىچىدە ياشىغانلىقتىن چوڭ مىڭە پوستىلاق قەۋىتى ۋە ئۇنىڭدىكى نورمال روھىي پائالىيەتلەر قوزغىلىشى ۋە تورمۇزلىنىش  جەرياندىكى خىزمەت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ،نورمال روھىي پائالىيەتلەر  قالايمىقانلىشىپ ئۇيقۇسىزلىق، زېھىننى يېغالماسلىق، تولا چۈش كۆرۇش، چۈشىنى ئېسىگە ئالالماسلىق، باش ئاغرىش ياكى باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ ،ئۇنى بەزىلەر نېرۋا ئاجىزلىقى دەپ ئاتايدۇ.

سەۋەبى :

1. غەيرى  تەبىئىي روھىي  كەيپىياتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئەقلى ئەمگەك بىلە شۇغۇللىنىپ داۋاملىق ئشلىرى جىددى ئۆتۇش، روھىي جەھەتتىن ئېغىر  زەربىگە ئۇچراش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت سەۋەبىدىن ئارام ئېلىشىنىڭ  ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا  بەدەندىكى ھورمۇنلار بولۇپمۇ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستىلاق  ماددىسى ئاجرتىىپ چىقارغان ئادرېنالىننى  ۋە نۇر ئادرېنالىن قاتارلىقلارنىڭ قاندىكى  بېزى قويۇقلۇقى ئېشىپ قان تومۇرلارنى جىدديلەشتۇرۇپ  ، قان تومۇر لارنى تارايتىپ ، رەئىس ئەزالار  خىزمتىنى  قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، مىڭە ۋە يۈرەك  قاتارلىق  ئەزالارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ. ۋە شۇ جەرياندا  روھىي  جىدديلىك ئۈزلۇكسىز داۋاملىشىۋەرگەنلىكتىن  روھنىڭ تەدرىجىي   خورىشىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىپ ، قۇۋۋەتلەر  خىزمىتىگە  تەسىر  كۆرسىتىپ ، پىسخىك  خاراكتىرلىك  روھىي نورمالسىزلىقلاردىن  قايسىبىرى  پەيدا  بولۇپ ، تەدرىجىي مىڭە ئاجىزلىقىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ.

2.ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك  ۋە قان ئازلىقتىن  كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت  ئاچ قېلىش،  ھەر خىل سەۋەبلەردىن كۆپ مىقداردا قان يوقىتىش ، جەلەق  ئادىتى، قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن مىڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ، يەنە  مېڭە ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.

3.بەدەننى جۇدىتىش خاراكتىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرشدىن كېلىپ چىقىدۇ.

دىئابىت كېەللىكى، تۇبىركىليۇز كېسلى، ھەزىم ئەزالىرىدىكى ئۆزگىرشلىرى،  قان ئىشلەش ئەزالىرنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە راك كېسەللكلرى  بىلەن ئاغرىغاندا ، بۇ بىرلەمچى كېسەللكلەرنىڭ  تەسرىدىن بىمارنىڭ روھى جەھەتتىن  ئازابلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىپ ، مىڭە ئاجىزلىقغا سەۋەب بولىدۇ.

4. غەيرى تەبئىي بەلغەم خلىتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەدەندە بەلغەم مىقدارى  كۆپىيىپ كەتكەندە  ياكى سۈپەت  جەھەتتىن ئۆزگىرپ  قويۇلۇپ قالغاندا بۇ نورمالسىز بەلغەم خىلتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق مېڭىگە  بېرىپ قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرۇپ ، مېڭىنىڭ  تەبىئى ھۆللۇكنى ئاشۇرۇپ ، مېڭنىڭ  نورمال  ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشش چىقىرىندا  ، قالدۇق  مەھسۇلاتلىرى  مېڭىگە كېلەلمەي ، تەدرىجىي مېڭە ئاجىزلىقغا سەۋەب بولىدۇ

5.غەيرى  تەبىئىي سەۋدا  خلتىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

6.زەھەرلىك چېكىملىكلەر  بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىنىش ۋە ھەر خىل مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن:

خىروئىن، نەشە ، ئەپيۈن، ھاراق، تاماكا قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا  ئالدى بىلەن  ئەزالارنى زەھەرلەپ  نورمال ماددا  ئالماشتۇرۇپ   پائالىيىتنى توسقۇنلۇققا   ئۇچرىتىش بىلەن ، قان  تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقنىى تۆۋەنلىتىپ ،قان تومۇرنى تارايتىپ مېڭىگە  كېلىدىغان ئوكسىگىن  ۋە ئۇزۇقلۇقنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتپ ئوكسىگېننىڭ روھ  بىلەن بىركىشىنى توسۇپ  روھنى  ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ھەم مېڭە  ۋە جىگەر ھۈجەيرلىرنى زەھەرلەپ، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك  خاراكتىرلىك مېڭە ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چقىرىدۇ.

كىلنىك ئىپادىسى

بىمار يالغۇزلۇقنى خالايدۇ . ئاسان ھاياجانلىنىدۇ.  ۋاراڭ –چۇرۇڭ خالىمايدۇ.  كىچىككنە تاۋۇشلارغا  مەسىلەن : سائەتنىڭ چىكلدىغان ئاۋازى، ئىشىكنىڭ يېپىلىپ-ئېچىلغان ئاۋازى، قارتارلىقلارغا  ناھايتى  سەزگۈر بولۇپ، بۇ ئاۋازلار گويا قۇلقىنىڭ تۈۋىدە چىقىۋاتقاندەك  تۇيۇلىدۇ. مىجەزى ناھايتى چۇسلىشىپ ، كىچىككنە ئىشلار ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئاسانلا تەگىشىپ قالىدۇ. ئاخشىمى ئۇيقۇسى كەلمەي ناھايىتى كۆپ  خىيال قىلدۇ.  ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۇرۇش ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆزىنى باشقىلار بوزەك قىلۋاتقاندەك  ھېسياتتا بولۇش، ئۆزىنى قاتتق ھارغىنلىق ھېس قىلىش، گەجگە ۋە باش قىسمى ئاغرىش سۆزلىگەندە ئادەتتىكى چۈشىنىشلىك سۆزلەرنىمڭ يىپىدىن –يىڭنىسىغىچە چۇشەندۇرۇپ كېتىدۇ. سۆزلىرىدە بەك كۆپ تەكرارلىق بولۇش ئالامەتلىرى  كۆرۇلىدۇ.

دىئاگىنوزى :

كىلنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز  قويۇلىدۇ.

2.كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بەدەن تەكشۈرۈش  ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ

ئەگەر بىماردا ئۇنۇتقاقلىق بىلەن بىرگە كۆپ ئۇخلاش، باش ئېغىر  بولۇش، كۆز ۋە بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى ھۆل تۇرۇش، ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىش، 2-3  كۈن بۇرۇن بولغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش  كۇرۇلسە بۇ كېسەللىكنىڭ غەيرى تەبئىي بەلغەم خلىتىدىن بولغانلىقى بىلدۇرۇلىدۇ.

ئەگەر بىمارنىڭ ئۇيقۇسى ئاز،بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى قۇرغاق 2-3  كۈن بۇرۇنقى ئىش ، گەپ سۆزلەر  ئېسىدە تۇرۇپ ، ھازىر بولغان ئىش گەپ سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالسا  ، بېشى ئېغىر ،چىرايى توپا رەڭ، تومۇرى قاتتىق كىچىك سالسا، بۇ كېسەللىكنىڭ غەيرى  تەبىئىي سەۋدا خىلتىدىن بولغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى :

1.ئادەتتىكى  ھېرى چارچاشتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.

2.خامۇشلۇقتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.

3.ھېستىريەدىن  پەرىقلەندۇرلىدۇ.

4.مېڭە قان تومۇر قېتىشىدىن پەرىقلەندۇۇرلىدۇ.

5.قالقانسىمان بەز  خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىشىدىن پەرىقلەندۇرلىدۇ.

6.مالېخۇلىيادىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.

ئاقىۋېتى :

مېڭە ئاجىزلىقى ئۆز ۋاقتدا  توغرا دىئاگنوز قويۇلۇپ، توغرا  داۋالاش ئېلىپ بېرىلماي  تەرەققى قېلىۋەرسە، تەدرىجىي  پسخىك خاراكتېرلىك روھې نورمالسىزلىقلاردىن قايسىبىرى  ياكى بىر قانچىسى مېڭە ئاجىزلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.  يەنىمۇ تەرەققى قىلسا ، قوشۇلۇپ قالغان  پىسخىك خاراكتېرلىك روھىي نورماسىزلىقلارغا ماس ھالدىكى  مالېخۇلىيا ياكى كېسەللكىگە  گىرپتار  بولۇپ قالىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى :

بىمار ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن خۇشال –خۇرام تۇتۇشى، سەيلە-ساياھەت قىلىپ تۇرۇش. ياخشى دەم ئېلىش، ياخشى قېنىپ ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

2.بىمار تۇرغان ئورۇن پاكىز  ، ھاۋاسى ساپ بولۇشى، ھەم مېڭىنى مۇۋاپىق دەم ئالدرۇشقا  ئەھمىيەت بېرىشىم لازىم.

3.مۇۋاپىق جسمانىي ھەرىكەت قىلىپ ، يېمەك ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى تەرتىكە سېلىشىمز لازىم.

4.بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلغان غەيرى تەبىئىي خلىتنى ئېنقلاپ ، شۇ  خلىتلارنى تازىلاش ، مېڭىدكى توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇش  مەقسىتدە دورا ئىشلتىش لازىم .

5.مېڭە ئاجىزلىقىنى   پەيدا قىلىدىغان سەۋەب بىرەر كېسەللىك ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ، مەسىت قىلغۇچى ئىچىملىكلەر بولسا ، ئۇنى  يوقتىشقا تىرىشش لازىم.

داۋالاش ئۇسۇلى :

دەسلەپتە كېسەللىك  پەيدا قىلغان ئاساسىلىق سەۋەبىنى ئېنقلاپ چىقىپ  شۇ سەۋەبىنى يوقىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرستىش لازىم .

2.ئەگەر غەيرى  تەبىئى  بەلغەم  خلىتىدىن بولسا  غەيرى تەبئىي  بەلغەم خلىتىدنى پىشۇرۇش  مەقسىتىدە تۆۋەندىكى مەتبۇغ تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

تەركىبى: بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى ،  كەرەپشە يىلتزى، كەپە يىلتىزى، ئارپىبەدىيان، رۇم بەدىيان، ئۇرۇقسز ئۈزۈم، ئەنجۇر قېقى، قىزلگۇل ئون  گرام، شېكەر 100 گرام، دورىلارنى 1500 مىللىتىر قايناقسۇدا  ئالتە سائەت  چىلاپ قاينىتىپ  500 مىللتىر مەتبۇغ ئېلىپ كۈندە  ئۈچ قېتىم  ھەر قېتىمدا  60 مىللىتىر دىن  تاماقتىن كېيىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

3.ئەگەر غەيرى  تەبىئىي سەۋدا خلىتىدىن بولغان بولسا ، غەيرى  تەبىئىي سەۋدا  خلىتىنى  پىشۇرۇش مەقسىتدە تۆۋەندىكى  مەتبۇغ  تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

تەركىبى:ھىندى، بالەنگو ئۇرۇقى، رەيھان يۇپۇرمىقى،  قىزىلگۇل،  قاتارلىقلارنى 1500 مىللىتر قايناقسۇدا  قاينىتىپ كۈندە ئۇچ قېتىم  60 مىللىتىردىن ئېچىشكە بېرلىدۇ.

4.ئەگەر ئۇزۇقلۇق قان يىتشمەسلىك ، قان ئازلىقتىن بولغان بولسا ، ئومۇمى بەدەننى

قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش ، مەقسىتدە  تۆۋەندىكى  مائۇللەھىمى تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

تەركىبى :

قۇشقاچ گۆشى 25 دانە،  كەپتەر  گۆشى بەش دانە، پاختەك گۆشى ئىككى دانە ، پاقلاننىڭ قارا گۆشى ئىككى كىلوگرام، دارچىن، گۇلدارچىن، ئاق بەھمەن،  قىزىل بەھمەن، سۆئىلەپ مىسىرى، شاقاقۇل مىسرى، ئادەمگىياھ، جويۇز، سۇمبۇل ھىندى، قىزىلگۇل 12 گرام، دورىلاردىن گۆشلەرنى زىققا ئۆتكۈزۈپ، چالا پىشۇرۇپ كاۋاپ قىلىپ، قالغان دورىلارنى چالا سوقۇپ  50 لېتر قايناق سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ كاۋاپ بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئەرەق تارتىش قازىنىغا سېلىپ  قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىپ 20 لېتر ئەرەق ئېلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم  ھەر قېتمدا 100 مىللىتىردىن ئېچىشكە بېرلىدۇ.

ئۇندىن باشقا  ئانار شەربىتى، ئەنجۇر شەربىتى، پەنجىنۇش شەربىتى، مائۇلئۇسۇل شەربىتى، نارپىننە شەربىتى قاتارلىقلار تاللاپ ، كۈندە ئۇچ قېتىم  ھەر قېتىمدا  50 مىللىتىردىن ئىچىشكە ياكى نان  بىلەن يېيىشكە بېرلىدۇ.

يەنە مەجۇنى ئامىلە نوشىدارى، مەجۇنى خۇبسىلىھەدىد، جاۋارىش ئامىلە، مەجۇنى پىروزى، مەجۇنى مۇقەۋۋى قاتارلىق دورىلارنىڭ بىر ئىككىسىنى  كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئون گىرامدىن  ئىچىشكە بېرىلدۇ.

دىققەت قىلدىغان ئىشلار:

قاننى سوۋۇتقۇچى ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك –ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلشىتىن ساقلىنىش لازىم

.

(ئۇيغۇر  تىبابىتى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىدىن ئېلىندى )


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button