ئوزۇقلۇق ئىلمىئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

بىر قىسىم ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرى

خام خىلىتلارنىڭ بەدەندە كۆپىيىشىدىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق

​     ئالامىتى: بۇ كۆپرەك بەلغەمنىڭ خام بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇنداق كىشىلەر ھۇرۇن، كەم ھەرىكەتلىك كېلىدۇ، ئەمگەك قىلمايدۇ، كۆپ دەم ئېلىپ ياتىدۇ. نەتىجىدە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
داۋاسى: تەنتەربىيە ۋە مۇۋاپىق جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، مۇنچىغا كىرىپ تۇرۇپ، بەك ياغلىق تاماقلارنى يېمەسلىك، خالىغان چاغدا تاماق يېيىش ئادىتىنى بەلگىلىك ۋاقىتتا تاماق يېيىشكە ئۆزگەرتىش لازىم.

جىگەر خىزمىتى بۇزۇلۇشتىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق

ئالامىتى: ئاشقازان ئۇچەي خىزمەتلىرى ياخشى بولماسلىق، جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىپ كۆڭلى ئېلىشىش، تاماق خالىماسلىق، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلار بولىدۇ.ئۆت كېسەللىرىدىمۇ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش يۇز بېرىدۇ.بىمار تەدرىجىي ئۇرۇقلايدۇ.
داۋاسى: جىگەر ۋە ئۆت كېسەللىرىدە كۆرسىتىلگەن داۋالاش چارىلىرى قىلىنىدۇ. تال خىزمىتى دەخلىگە ئۇچراشتىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق ئالامىتى تال ساھەسىدە يېقىمسىزلىق بولىدۇ. بىمار كەم ماغدۇر، كەم قان بولۇپ، قورسىقى ئاچمايدىغانلىقىدىن زارلىنىدۇ. تۇتۇپ كېكىرگەندە بەزىلەرنىڭ تىلى چوڭايغان بولىدۇ.
داۋاسى: سەۋەبچى بولغان ئاساسىي كېسەلنى داۋالاش، مۇمكىن بولسا قەي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرۇپ ئۇرۇقى، زاغۇن، سېرىق چېچەك ئۇرۇقلىرى ھەسەل قوشقان سىركە سۈيى بىلەن ئىچكۈزىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىسكەنجىۋىل بۇزۇرى بېرىلىدۇ. قۇشۇمچە ئىشتىھانى ئاچقۇچى باشقا دورىلارنىمۇ بېرىش كېرەك. تىل چوڭىيىش ۋە قان ئازلىق ئەھۋاللىرى بولسا، تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ چارە كېلىش لازىم.

مېڭە ئەسەب خىزمىتىدىكى بۇزۇلۇشتىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق

ئالامىتى مېڭە ئەسەب (نېرۋا) ئاجىزلاش ۋە روھىي كېسەللىكلەر ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن : غەم ئەندىشە قېلىش، بىئاراملىق، قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇ-ھەسرەت، غەزەپلىنىش، مالىخۇلىيالىقيىن ئىبارەت ئەسەبى ۋە روھى ئەھۋاللار ئېغىر دەرىجىدە بولغاندا ئاشقازان خىزمىتى ئاجىزلىشىپ ئىشتىھا تۇتۇلۇپ تاماقنى ئاز يەيدىغان ياكى تاماك خالىمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋاللار ئۇزارسا بىمار ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ. داۋاسى ئاساسىي سەۋەبىنى يوقىتىش، ئاساسىي كېسەلنى ئېنىقلاپ داۋالاش كېرەك. مېڭە، ئەسەب ۋە يۈرەكنى قۇۋەتلەندۈرگۈچى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىللە قۇشۇمچە ئىشتىھا ئاچقۇچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.

ھەرخىل تەپلەردىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق

ئالامىتى: ھەرخىل تەپ كېسەللىرىدە بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىللە يۇقىرى قىزىتما ۋە كېسەللىك زەھەرلىرى تۈپەيلىدىن ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن : يۇقۇملۇق قىزىتما(تەپى ۋەبائى)، قىزىل، ۋابا، تائۇن (چۇما)، ئەسۋىلىك كېزىك (تەپى ئەسپە)، كۈنلۈك قىزىتما (تەپى رەۋمى)، خىلىتلىق قىزىتمىلار (تەپى خىلىتى)، جۈدەتكۈچى قىزىتما تەپى دىققى)، كېزىك (تەپى موھرىقە)، قايتىلانما قىزىتما (تەپى رۇبئى دائىرە -ئۆرە كېزىك)قاتارلىق كېسەللىكلەر.
داۋاسى: ئاساسىي كېسەللىكنى داۋالاش بىلەن بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلەتكۈچى، يۈرەكنى قۇۋەتلەندۈرگۈچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغۇچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ۋە ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ ھەم شۇ خىل چارە -تەدبىرلەر قىلىنىدۇ.

سەرەتان (راك)، سەرسام (مېڭە پەردە ئىششىقى) ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق

ئالامىتى ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كېسەللىكلەرنىڭ بىر قاتار ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن : ئاشقازان راكىدا، ھەزىم ئەزالىرىدا بولىدىغان ھەزىم بۇزۇلۇش، ھېق تۇتۇش، تاماق سىڭىش تەسلىشىش، تاماقتىن كېيىنلا قۇسۇس ئەھۋاللىرى بولىدۇ. داۋاملىق دېگۈدەك ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. بىمار كۈندىن -كۈنگە ئۇرۇقلاشقا باشلايدۇ. كېينچە رەسمىي ئاشقازان راكى كېسىلىنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرى نامايان بولىدۇ. بەزىلىرىدە ئاشقازان، ئۈچەي ۋە باشقا ئەزالاردا ھېچقانداق ئېنىق بىر كېسەللىك ئالامىتى بولماي تۇرۇپ داۋاملىق ھالدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى تاماق تارتماسلىق كۆرۈلىدۇ. بىمار ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ. كېيىنچە مەلۇم بىر ئەزادا راك بارلىقى بىلىنىدۇ. دېمەك ئىشتىھاسىزلىق مۇھىم بىر ئالامەت بولۇپ كېلىدۇ.
سەرسام كېسىلىدە بولىدىغان جىددىي ئالامەتلەر، مەسىلەن : قاتتىق باش ئاغرىش، قاتتىق قۇسۇش، قاتتىق ئىسمداش، گەجگە گۆشلىرى قېتىۋېلىش ۋە باشقا ئالامەتلەر بىلەن بىللە بىردىنلا تاماقتىن قېلىپ، ئىشتىھا يوقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋە ئېغىر دەرىجىدە جاراھەتلىنىش ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش،, , ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا قېلىش قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىشتىھاسىزلىق ياكى ئىشتىھا يوقىلىشلار بولىدۇ.
داۋاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلىرىگە قاراپ ئاساسىي كېسەللىكنى داۋالاش ھەمدە ئۇنىڭغا قۇشۇمچە ھالدا ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلار، يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋان قىلغۇچى چارىلەرنى قىلىش لازىم.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button