ئىسسىق (قان ۋە سەپرا) دىن بولغان زاتىررىيە
ئالامىتى
كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت ئېغىر باشلىنىدۇ، قىزىيدۇ ۋە قىزىتما دائىملىق بولىدۇ. بەزىدە قىزىتما ئېگىز-پەس بولىدۇ، بىمار كۆپ يۆتىلىدۇ. نەپەس قىستاش ئەھۋالى ئېغىر بولىدۇ، كۆكسى چىڭقىلىدۇ. ئېغىزىدىن ئىسسىق ھور چىقىدۇ. كۆكرەكنىڭ يۇقىرى تەرەپلىرىدە ئېغىرلىق، قاداق، ئاغرىق ھېس قىلىدۇ. بەزىدە ئىككى تارغاق ئوتتۇرىسىدا ئاغرىق بولىدۇ. بەزىلەردە ھەمىشە ئاغرىسا، بەزىلەردە يۆتەلگەندە ئاغرىيدۇ. كۆزنىڭ ئىچى ۋە يۈزى قىزىل بولۇپ، قىزىتما غالىب كەلگەن ۋاقىتلاردا كۆز ۋە يۈزلىرى ئىششىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بەزىدە كۆزى چاپاقلىشىدۇ. بەزىدە كۆزى ئېچىشقاندەك ھېس قىلىدۇ. كۆز ئالمىسى پۇلتىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بەزىدە قورساق كۆپىدۇ. يۆتەل كۈچلۈك بولۇپ بىمارنى بەك ئازابلايدۇ. بەزىدە ھەمىشە ياكى قاتتىق يۆتەلگەندە كۆكرەكلىرىدە، ئوقۇرەك سۆڭەك ۋە ئەمچەك تېگىدە لوقۇلداپ ئاغرىش سېزىلىدۇ. بىمار يېنىچە ياتسا دېمى سىقىدۇ. شۇڭا ئوڭدا ياتىدۇ. تىلى ئاۋۋال قىزىرىدۇ، كېيىن قارىيىدۇ ۋە قېلىنلىشىپ، چاپلاشقاق شىلىمشىقلار پەيدا بولىدۇ. يۇقىرى قزىتما تەسىرىدىن ھاسىرايدۇ، كۆكسىدە قىزىقلىق ھېس قىلىدۇ. تېز ۋە يۇقىرى نەپەس ئالىدۇ. بەك ئۇسسايدۇ. بەزى بىمارلاردا بويۇنلىرى زورىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. تومۇر ھەرىكىتى دولقۇنسىمان بولۇپ، بەزىدە بىر كېڭىيىش بىلەنلا ناتەكشى سالىدۇ. بەزىدە تومۇر ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بەزەن بىر كېڭىيىش ھەرىكىتىدە قوش سوقىدۇ. بىمار سالقىن ھاۋانى خالايدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا پۈتۈن بەدەندە ئېغىرلىق ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ. بەزى بىمارلار قاتتىق ئۇخلاپ كەتسە، بەزى بىمارلار پەقەت ئۇخلىيالماي ئەكسىچە قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىدۇ، جۆيلۈپ سۆزلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ پۇت-قوللىرى سوۋۇپ كېتىدۇ. زاتىررىيەنىڭ خەپرۈكى زاتىلجەنبىدىكىگە ئوخشاش ھەر كۈنى ھەر خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كېسەللىك جەريانى ۋە ساقىيىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە كېسەللىك يەڭگىلرەك ئۆتىدۇ. بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن كېيىن ئۆپكىدىكى ئىششىقلار تارقاپ كېتىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن بىمارنىڭ قىزىتمىسى قايتىپ، خەپرۈكنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاسانلىشىدۇ. يۆتىلى ئازىيىپ، نەپەسلىنىش ئەھۋالى ياخشىلىنىپ ساقىيىشقا يۈزلىنىدۇ. بىمارنىڭ ئېغىزى تاتلىق تېتىشقا ئۆزگىرىدۇ، ئشتىھاسى ياخشىلىنىدۇ. بەزىلەردە ئۆپكىدىكى ئىششىق يىرىڭلىق ئىششىققا ئايلىنىپ نەپەس قىستاش، كۆكسى ئېغىرلىشىش، كۆكسى ئاغرىش، قىزىتما (بولۇشتەك ئەھۋاللار) كۈچىيىپ، ئېغىزدىن سېسىق بېلىق پۇرىقى كېلىدۇ. ئېغىزى ئاچچىق-چۈچۈك تېتىيدۇ، بۇ چاغدا چوقۇم يىرىڭلىق خەپرۈكنىڭ چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يىرىڭنى تازىلاش، قىزىتما چۈشۈرۈشكە تەدبىر قىلىش زۆرۈر. بىمار قۇۋۋەتلىك بولسا كېسەللىك ماددىسىنىڭ تېز پىشىپ يېتىلىپ يىرىڭنىڭ خەپرۈك ئارقىلىق چىقىپ تازىلىنىشىغا، ماددىنىڭ تارقاپ كېسەلنىڭ تېزرەك ساقىيىشىغا ياردىمى بولىدۇ. ماددا پىشىپ (يېتىلىپ) سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىشقا باشلىسا (يەنى سۈيدۈكتە چۆكمە بولسا)، خەپرۈكمۇ ئاسان چىقسا بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. ئەگەر بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يۆتەل، دەم سىقىش، قىزىتما ۋە كۆكسى ئاغرىشتەك بەلگىلەر يەڭگىللىمەي بەلكى ئېغىرلاشسا، ماددا خەپرۈك بىلەن ئاسان ئاجرىلىپ چىقمىسا، سۈيدۈكتە چۆكمە بولمىسا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىمارنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا كېسەللىك جەريانى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. كۆكرەك بوشلۇقىغا يىرىڭ يىغىلىشنى ياكى زاتىلجەنبە، سىل كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زاتىلجەنبە قوشۇلسا گەرچە دەم سىقىش يەڭگىللىشىپ قالسىمۇ، ئەمما سانجىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. سىل كېسىلى قوشۇلسا، يۈزنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ پارقىراقلىقى يوقىلىدۇ، دائىملىق بوش قىزىتما پەيدا بولىدۇ. قول-پۇتنىڭ بارماقلىرى قىزىرىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال كۆپىنچە بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاشقانلىقىغا، كېسەللىك جەريانى 40 كۈندىن ئاشسىمۇ ماددا تازىلانماي قالدۇق يىرىڭ ئوفۇنەتلىنىپ ئۆپكىنى زىدە قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
داۋاسى
بىمارنى ياتقۇزۇپ ئوبدان ئارام ئالدۇرۇش، ئۆينىڭ تازىلىقى، ھاۋاسى، نەملىكى، ئىسسىق-سوغۇقلىقى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش زۆرۈر. بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولسا، زۆرۈر تېپىلغاندا دەسلەپتىلا قارشى تەرەپتىكى باسلىق تومۇردىن قان ئېلىش لازىم. ئەھۋالغا قاراپ بىمارنىڭ تەبىئىتىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن چىلان، سەرپىستان، نېلۇپەر، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە، بابۇنىلەرنى قاينىتىپ، سۈيىگە خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىن قوشۇپ ئىچكۈزۈش ياكى چوڭ تەرەتنى يۇمشاتقۇچى ھۆقنە قىلىش لازىم. بۇ چارىلەرنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاشقا بولىدۇ. نەپەس قىيىنلىشىش ئېغىر بولسا، ئىسپىغۇل لوئابىغا بىر ئاز شېكەر سېلىپ ئىچكۈزۈلىدۇ. كۆكرەك ئەتراپىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنىڭ تەسىرى ياخشى.ئانار شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى ۋە باشقا ئەرەقلەرنى بېرىش بىلەن بىللە بەك چۈچۈمەل بولمىغان سىركەنجىۋىل بېرىش لازىم. بۇنىڭ ماددىنى كۆكرەكتىن تازىلاش، قىزىتما پەسەيتىش، تەشنالىقنى قاندۇرۇشقا پايدىسى بار. ئەگەر ئۆپكىدە يىرىڭلاش ئەھۋالى بولسا تېشىلىپ ئېقىپ، بەلغەم ئارقىلىق كېلىشتىن ئىلگىرى بىمارنى ئاغرىق تەرىپى بىلەن ياتقۇزۇش لازىم. چۈنكى، بۇنىڭ بەلغەمنىڭ تېشىپ ئېقىشىغا ۋە ئاجرىلىپ بەدەن تېشىغا چىقىشىغا ياردىمى بار. ئەگەر بىمارنىڭ ئىسسىقلىقى كۈچلۈك بولسا، ھەسەل سۈيىگە ئارپا سۈيى قوشۇپ ياكى سۇيۇق ھەسەل سۈيىنىلا ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئەگەر ئىسسىق كۈچلۈك بولماي بىمارنىڭ قۇۋۋىتى جايىدا بولسا، زۇپا، تاغ جەمبىلى، ئەنجۈر، ھەسەل قوشۇپ قايناتقان سۇغا گۈلى سەۋسەن يىلتىزى قوشۇپ قايناتقان ئارپا سۈيىنى ئىچكۈزسە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆپكە يىرىڭلىغان ۋاقتىدا بىمارنىڭ تامىقى ئۈچۈن ھەسەل سۈيىگە نان چىلاپ يېگۈزۈش، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم بېرىش لازىم. تاماقنىڭ ئالدىدا يېيىشكە تاتلىق بادام مېغىزى بەرسە بولىدۇ. ئارپا ئۇنى، نوقۇت ئۇنى ۋە باقىلە ئۇنىدىن تەييارلانغان، بادام، شېكەر، ھەسەل قوشۇپ تەييارلانغان سۇيۇق تاماقلارنى بەرگەن ياخشى.
يىرىڭنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن زۇپا شارابى ئىچكۈزۈش، قوشۇمچە بەدەن تېشىدىن كۈچلۈك دورىلارنى تېڭىش لازىم. ھەسەل سۈيىگە خەردەل قوشۇپ ئىچكۈزسىمۇ بولىدۇ. يىرىڭ چىقىش، خەپرۈك ئارقىلىق يىرىڭ چىقىش ۋاقتىدا ئىسسىتمىداش، جۆيلۈش، ھوشىنى يوقىتىش ئاھۋاللىرى كۆرۈلمىسە تەرياق ئىچكۈزۈشنىڭ پايدىسى بار. تامىقىغا تۇزلۇق بېلىق قوشۇپ بېرىش، ئۇخلاش ئالدىدا ھەببى ئايارەج ۋە شەھمەنزەل گۆشىدىن تەييارلانغان ھەبلەرنى بېرىش لازىم. يىرىڭنىڭ ياخشى تازىلىنىشى ئۈچۈن زۇپاغا چۈچۈكبۇيىنىڭ ئاقلانغان يىلتىزى، ھاۋا رەڭ گۈل سەۋسەن يىلتىزى قاتارلىق دورىلار چۈشكەن قايناتمىنى ھەسەل شارابى بىلەن ئىچىشكە بەرسە بولىدۇ. نوقۇت ئۇنى ۋە چامغۇرلار بىلەن سۇيۇق تاماق قىلىپ بېرىلىدۇ. ياۋا يېسمۇق ئۇنى قوشسىمۇ بولىدۇ. ياۋا يېسسىمۇق ۋە ياۋا پىيازدىن تەييارلانغان يالانجۇق دورىلارمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى