تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەرنەسىھەت

ئىكسىرى ئەزەم ۋە رەمۇزى ئەزەمدىكى تېببىي ئەخلاق توغرىسىدىكى بايانلار

1. تېببىي خادىملارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆتىدىل بولۇشى لازىم. ئەگەر بۇ مىزاج تەبىئىي ھالدا مۆتىدىل بولمىغان بولسا، مۇۋاپىق ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسى، ئالىم، پەيلاسوپ ۋە ئۇستازلارنىڭ نەسىھىتى ۋە تەنقىدىي تەربىيىسى ئارقىلىق مۇتىدىللەشكەن مىزاج بولسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق مىزاج ئېغىر- بېسىق بولۇش بىلەن بىللە جىددىي ۋە تەشەببۇسكار بولۇش، ھېسسىياتقا بېرىلمەيدىغان چىداملىق بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2. تېببىي خادىملار يەڭگىل تەبىئەتلىك، ئالدىراڭغۇ، ئاچچىغى يامان، سۆز ۋە مۇئامىلىسى قوپال، ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنىچىلەردىن بولماسلىقى شەرت.
3.تېببىي خادىملارنىڭ ئەخلاق ئىستىلى توغرا، راستچىل، سۆزى تۇتۇملۇق، ساددا، ئاق كۆڭۈل، تىلى بىلەن دىلى ئوخشاش، يالغان سۆز يالغان ۋەدىلەرنى قىلمايدىغان، كۆپ سۆزلىمەيدىغان، ئوچۇق چىراي بولۇشى ھەمدە ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچى بولماسلىقى لازىم.
4.تېببىي خادىملار تۆۋەندىكى تۆت خىل ناچار ئادەتتىن ساقلىنىش لازىم. يەنى: زىرىككەكلىك، تېرىككەكلىك، كۆڭۈلچەكلىك، ئىرىنچەكلىكتىن خالىي بولۇشى كېرەك.
5.تېببىي خادىملار  ئەمەلىي خىزمەتلەردە جىددىي ھەم قەيسەر، كېسەللەرگە قارىتا يوۋاش ۋە مېھرىبان بولۇشى شەرت.
تېببىي خادىملار خىيالپەرەس بولماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق ئىشنى ئەقىل ۋە تەپەككۇر، ئەمەلىي تەجرىبە ۋە ئىلمىي كۆرسەتمىلەر بىلەن ئىشلەش لازىم. خىيالپەرەسلەرنىڭ، ئالدامچى، يالغانچى، تۇرمۇشتا چۇۋالچاقلارنىڭ خىزمىتى تەرتىپسىز كېلىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى ئەقىل، تەپەككۇر ۋە ماددىي ئەمەلىيەت ئۈستىگە قۇرماستىن ئۆز خىيالى دۇنياسى ۋە شەخسىي ئارزۇسى ئۈستىگە قۇرىدۇ. نەرسىلەر ۋە ھادىسىلەر ھەققىدە ئەقىل ۋە تەپەككۇر ئىشلەتمەستىن، خىيال ۋە ھېسسىياتنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئادەملەر داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىش ۋە خەتەرلىكلەرگە يولۇقۇشتىن خالىي بولالمايدۇ.
6.تېببىي خادىملار گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل ئىستىللىق ۋە ياخشى سۈپەتلىك بولۇش لازىم. ھاراقكەشلەر، نەشىكەشلەر، ھەددىدىن ئاشقان ئويۇن- تاماششاچىلار، شەھۋانىيلار، پاھىشىۋازلار، ئەقىلدىن ئازغانلارنىڭ ۋە داۋاملىق چالا مەس يۈرۈيدىغانلارنىڭ تېببىي خادىم بولۇش سالاھىيتى بولمايدۇ. چۈنكى تېببىي خادىملارنىڭ ئاساسىي كەسپى ئىنسانىيەتنى روھىي ۋە جىسمانىي ئىللەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت شارائىتىدا داۋاملىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە- مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن تېببىي خادىملارنىڭ ئەقىل- ئەخلاق، ياخشى سۈپەت، پاكىزلىق، تەرتىپلىك ۋە ياۋاش- مۇلايىملىق جەھەتلەردىن باشقىلارغان نەمۇنە بولۇشى ۋە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
7.تيببىي خادىملار داۋاملىق ئۆز ئىلىم- تەجبىرىسىنى ئاشۇرۇش ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كويىدا بولۇشى لازىم. تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە نەتىجە قازىنىشتا باشقىلارنىڭ يار- يۆلەكچىلىكى ۋە ياردىمىگە يۆلۈنىشنى ئويلىماستىن، ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان قابىلىيەت، ئىلىم ۋە ئىقتىدار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان بولۇشى لازىم. تېببىي خادىملار تاماخور، پارىخور بولماسلىقى، باشقىلاردىن پايدىلىنىش يەنى ئۇلارنىڭ كۈچىدىن، پۇلىدىن، يۈزىدىن پايدىلىنىشنى ئويلىماسلىقلىرى، تېببىي خادىملار پارا ئېلىش ۋە پارا بىرىش ئارقىلىق ھەر قانداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى لازىم.
8.تېببىي خادىملاردا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى كۈچلۈك بولۇشى لازىم. كېسەل بولغۇچىلار قايسى مىللەتتىن بولسۇن، دوست ياكى دۈشمە بولسۇن، تونۇش ياكى ناتۇنۇش بولسۇن، تۇغقان ياكى يات بولسۇن، پادىشاھ ياكى گاداي بولسۇن ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، ھەممىگە كۆيۈمچان، ھەممىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشى لازىم. بولۇپمۇ ئاجىز، كەمبەغەللەر، مۇساپىر- غېرىپلارغا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلىش لازىم. ئاجىز، كەمبەغەل بىمارلارغا ئىمكانقەدەر ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بىرىش ۋە ئەرزانراق دورىلار بىلەن داۋالاش لازىم. جىددىي كېسەللەر كەلسە ئۇنىڭدىن دەرھال ھەق ئېلىشنى چىڭ تەلەپ قىلماي، ئالدى بىلەن كېسەلنى قۇتقۇزۇش، ھېسابنى كېيىن قىلىش لازىم.
9.تېببىي خادىملار ئېلىم- مەرىپەت ئېلىشقا ئامراق بولۇشى، قەدىمكى ۋە كېيىنكى، ھەرخى ساھەدىكى تېببىي ماتىرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تۇرۇشلىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نەشر قىلىنغان تېببىي گېزىت ۋە ژورناللار، خەلقئارالىق تېببىي ئۇچۇرلاردىن، يېڭى دورا- سايمانلاردىن ھەر ۋاقىت ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇشلىرى لازىم.
10.تېببىي خادىملار ئۆزلىرىنىڭ ياشراق ۋاقتىدا تېگىشلىك ئىلىم ۋە نەزەرىيەتلەرنى ئوبدان ئىگەللىۋېلىشى لازىم. ياش چوڭايغاندا ئوقۇغان- بىلگەنلىرىنى ئەستە ساقلىمىقى قىيىنغا توختايدىغان بولۇپ، داۋالاش ئىشلىرىدا ھەمىشە كىتابلارغا ئېسىلىۋېلىش، ھە دىسىلا كىتابقا قاراپ ئىش قىلىش ۋە ھەمىشە كىتابنى قولتۇقلىۋېلىش ياخشى ئىش ئەمەس. ئىلىمنىڭ ئەستە بولۇشى، كىتابتا بولۇشىدىن ئەۋزەل.
11.تېببىي خادىملار پەقەت نەزەرىيەچى ۋە كىتاب- ماتېرىيالچى بولۇپ كەتمەسلىكى، ئۇلاردىن پايدىلىنىش، ئەمما ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى لازىم. ئەمەلىيەتتە تەسىرى كۆرۈلمىگەن نەزەرىيە ۋە تەجرىبە ھەرقانچە زور بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.  شۇنىڭدەك ئىلىم ۋە نەزەرىيەلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئۇنى ئۆگەنمەسلىك، پەقەت بىر مەزگىل ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ھاسىل قىلغان چەكلىك نوقۇل تەجرىبىلەرگىلا ئېسىلىۋالماسلىق لازىم. بۇ ئاقىۋەتتە قاتماللىققا ئېلىپ كېلىدۇ. ياكى خالتا كوچىغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ. تەجرىبىلەردىن قانۇنىيەت چىقىرىش ۋە ئۇنى باشقا نەرسىلەرگە تەدبىقلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەشتۈرۋېتىدۇ.
12.تېببىي خادىملاردىن بىرەر كېشى ئۆز مىزاجىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىدە قانداق كېسەل ئەھۋالى بالرىقىنى سورىسا ياكى بىرەر قانداق تېببىي مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سورىسا، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىر ئاز بايقاپ چىققاندىن كېيىن ئىلمىي ئىزاھاتلاپ جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئاساسسسىز ياۋا گەپلەرنى قىلماسلىق لازىم. بىلمەيدىغان ئىشنى ياكى چالا بىلىدىغان بىرەر ھۈنەرنى بىلىمەن دەپ كىشىلەرنى ئالدىماسلىق لازىم. ئالدىدىن بىرەر قېتىم تەجرىبە بولۇپ ئۆتمىگەن ئىشلارغا ھەرگىز قاراملىق بىلەن قول تىقماسلىق لازىم.
13.تېببىي خادىملار ئۆزى داۋالاۋاتقان كېسەللەرنىڭ داۋالاش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرى ۋە بىرىلگەن دورىلارنىڭ ۋە قىلىنغان چارىلەرنىڭ ياخشى- يامان تەسىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ۋە كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم ۋە ئەسلىدە قويۇلغان دىئاگىنوزنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بىلىنىپ قالسا، دەرھال داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بولۇپمۇ جىددىي كېسەللەردە دەسلەپكى باسقۇچ، كېسەللىكنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش باسقۇچى ۋە تۆۋەنلىشىش باسقۇچلىرىنى دىققەت بىلەن بايقاش مۇمكىن بولسا ئالدى بىلەن ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاخىرقى نەتىجىدە ھاسىل بولغان كلىنىكا تەجرىبىلىرىنى غەلبە قىلغان ياكى مەغلۇپ بولغان ئەھۋال خاتىرىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى توغرا خۇلاسە قىلىپ كېسەل تارىخىغا يېزىپ قويۇشنىڭ سىرتىدا ئۆز خاتىرىسىگىمۇ يېزىۋېلىشى لازىم. مانا بۇ جانلىق ۋە ئەمەلىي ئۆگىنىش بولىدۇ.
14.تېببىي خادىملار داۋالاۋاتقان كېسەللەرنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق مۆلچەرلىگەن ئەھۋالنىڭ نەتىجىسىنى كېسەلنىڭ يېقىنلىرىغا خەۋەر قىلىپ تۇرۇشى لازىم. ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كېسەلنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، كېسەلگە قارىشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۇرۇشۇش پايدىلىق. ئەگەر كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنسە ئۇنى كېسەلنىڭ يېقىنلىرىغا مەلۇم قىلىش. ئەمما كېسەل كىشىگە ھەرگىز ئېيتماسلىق لازىم. ئۇنىڭ يېقىنلىرى كېسەلنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ياكى باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا رۇخسەت قىلىشى لازىم. بەك قاتتىق ئازابلىنىۋاتقان كېسەللەرگگ مۇخەددىرات(ئاغرىق پەسەيتكۈچى) ۋە ئارام بەرگۈچى دورىلارنى بېرىپ كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما «ئازاب تارتماي جېنى چىقىپ كەتسۇن دەپ» تېز ئۆلتۈرۋېتىدىغان ياكى ئازاپلىماي جان ئالدىغان ھالاك قىلغۇچى دورىلارنى قەتئىي بەرمەسلىك لازىم. بۇ تېببىي ئەخلاققا يات بولۇپلا قالماي بەلكى قانۇنىي جىنايەتتۇر.
15.كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلاشقان ياكى خەتەرلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە تېببىي خادىملار كېسەلنىڭ قېشىدا توپلىشىۋېلىپ، بەك ئالاقزادە بولۇپ تاراق- تۇرۇق قىلماسلىق، چىرايىنى ئۆزگەرتىپ كېسەلگە ۋەھىمە بەرمەسلىك، كېسەلنى دەرھال يۆتكەپ كەتسۇن دەپ ھەيدىمەسلىك، كېسەلنىڭ كېسەلخانىدا جان ئۈزىشىدىن نومۇس قىلماسلىق لازىم.
16.ئېغىر كېسەللەر ئۆزىگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى قىلىمەن ۋە يەيمەن دەپ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، ئاز- تولا رۇخسەت قىلىش كېرەك. پايدىلىق نەرسىلەرنى قاتتىق رەت قىلىپ تۇرۇۋالسا، ئۇنى بىر مەزگىل ئىشلەتمەسلىك لازىم. لېكىن تېببىي خادىملار كېسەلنىڭ ھېسسىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا زۆرۈر بولغان دورا ۋە چارىلەرنى تاشلىۋىتىشى توغرا ئەمەس. بەزى ۋاقىتلاردا تېگىشلىك دورا ۋە چارىلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ تۇرۇشى لازىم. كېسەل ۋاپات قىلىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللىي بىرىش، مەسىلەن: بىز قىلىدىغان ھەممە چارىلەرنى قىلىپ كۆردۇق. ئەمما ئەجەلگە چارىمىز بولمىدى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئېلىش كېرەك. ئەمما كېسەلخانىدا ئۈنلۈك يىغا- زارە قىلىشىپ باشقىلارغا يامان تەسىر بىرىشكە يول قويماسلىق لازىم.
17.كېسەل يوقلاپ كىرگەندە، ناھايىتى ئۇچۇق چىراي بىلەن كىرىپ ئەھۋال سوراش لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كېسەلنىڭ تاماق يېگەن- يېمىگەنلىكىنى ۋە شۇ كىچىدىكى دورا تەسىرىنى، ئالاقىدار باشقا مەسىلىەرنى سوراپ كېسەلگە سەۋرى قىلىش، ئالدىرىماسسلىق توغرىسىدا ياخشى تەسەللىي بىرىش كېرەك. بەزى ئەسەبىي كرسەللەر تىببىي خادىملارغا قاتتىق- يىرىك گەپ قىلسا ياكى داۋالاشقا نارازىلىق بىلدۈرسە، تېببىي خادىملار ئاچچىقلاپ خاپا بولۇپ قالماسلتىن، كېسەللەرگگ سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ بىرىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېسەل قېشىدىن تىزراق چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئۇنداق كېسەللەرگە ئاداۋەت قىلىپ، مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن جىدەل- ماجرا چىقىرىش ئەسلا توغرا ئەمەس. كېسەللەر بىلەن جىدەل- ماجرا چىقىرىدىغان تېۋىپلار ۋە باشقا تېببىي خادىملار تېببىي خادىملىق سالاھىيتىگگ ئىگە بولالمايدۇ.
18.كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق، ئۇنىڭ تامىقىنى يېمەسلىك ۋە سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماسلىق لازىم. يەنە تېببىي خادىملار ئۆزىنىڭ ئارتۇق بىلىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، كېسەللەر قېشىدا ئۇ كېسەلنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مىخانىزىمى ۋە ئۇنىڭ ئاناتومىيىسى، فىزىئولوگىيىسى قاتارلىق گەپ سۆ۔لەرنى قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق ئىشلار تېببىي خادىملارغا قاتتىق ئەيىب- نوقساندۇر.
19.كېسەلنىڭ سىرلىرىنى يۇشۇرۇش كېرەك. ئۇلارنىڭ مەخپىي گەپلىرىنى باشقلارغا دەپ قويماسلىق، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنمۇ ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن باشقىلارغا دېمەسلىك لازىم.
20.تېببىي خادىملار تولا گەپ قىلىدىغان شاللاق، چاقچاقچى بولماسلىقى ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق سۈپىتى ۋە سالاپىتىنى ساقلىشى لازىم.
21.تىببىي خادىملار بەزى تېببىي مەسىلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلالمىسا ياكى داۋالاۋاقان كېسەللەرنى داۋالاشتا تەجرىبىسى يېتەرسىزلىك قىلسا نومۇس ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلماستىن باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراش لازىم.
22.تېببىي ۋە مەمۇبىرىي خادىملار ئويۇن- تاماششا مىجەز، ھاراقخور ۋە شەھۋانىي مىجەز بولماسلىقى كېرەك. بۇنداق ئىشلار تېببىي خادىملارنىڭ ئەقلىنى، ئەخلاقىنى ۋە جىسمانىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
23.تېببىي خادىملار ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان قىز- ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئاچا- سىڭىللىرىدەك كۆرۈش كېرەك. ئۇلارغا شەھۋانىي كۆز بىلەن قارىماسلىق، شەھۋانىي چاقچاچلانى قىلماسلىق، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە قولىنى تۇتماسلىق، يامان غەرەز ۋە يامان نېيەتتە بولماسلىق لازىم. بەقرات بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن. «ئادەملەر، ئاقىل ۋە جاھىل دەپ ئىككە ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەر ئىككىسىدە مەلۇم كەمچىلىك بولىدۇ. ئاقىللار ئۆز كەمچىلىكىنى تونۇيدۇ. جاھىللار ئۆز كەمچىلىكىنى تونۇمايدۇ.»
24.تېببىي خادىملار تېببىي كېتابلارغا ئامىراق بولۇشى ۋە ئۆز تىلىدىن باشقا ئېھتىياجلىق چەتئەل تىللىرىدىن 1-2 خىلنى ئۆگىنىشى كېرەك. يالغۇز تېببىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپلا قالماي بەلكى پەلسەپە، پىسخىلوگىيە، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، ئاستىرونومىيە، بوتانىكا، مەدەنىيەت، بولۇپمۇ مورفولوگىيە پەنلىرىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشى لازىم. بىلىم دائىرىسى قانچىكى كەڭ بولسا كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
25.تېببىي خادىملار شەخسىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ئەخلاق، تىببىي ئەخلاق ۋە تېببىي قانۇنلارنى ئوبدان ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئىجىرا قىلىشتا باشقىلارغا نەمونە بولۇشى كېرەك.
26.تېببىي خادىملار سەبداشلىرى بىلەن ئېتىپاق ئۆتىشى، ئاداۋەت ۋە زىدىيەتلىك كەيپىياتتا بولماسلىقى، ھۆرمەت ۋە غەمخورلۇقنى لاياقىدە ئورۇندىشى، ئۆگىنىش ۋە ياردەملەردە بولۇشى، خىزمەتداشلارنىڭ ۋە بىمارلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
27.تېببىي خادىملار ئۆزىنىڭ تەن- سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسرىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەرتىپلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشى، تېببىي ئىلىملەردىكى ساغلاملىق قائىدىلىرىگە رىئايا قىلىشى لازىم. ئىسراپخور بولماسلىقى، كىينىش، يەپ- ئىچىش ئادەتلىرىنى نورمال بولۇشى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىكى، قۇرۇق پاراڭ ۋە ئورۇنسىز مېھماندارچىلىقلاردىن ئۆزىنى تارتىشى، كىنو ۋە تېلېۋېزىيەگە بېرىلماسلىكى لازىم.
28.تېببىي خادىملار ئۆزىنىڭ گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتلىرىدە تەبىئىيلىكنى ساقلىشى، جىددىي ۋاقىتلاردا جىددىي بولۇش، ھاجەتمەنلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى، ئىچكى دەردىنى تولۇق چۈشۈنەلەيدىغان بولۇشى، جىددىي ئەھۋاللادا جىددىي مۇئامىلە قىلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى كېرەك.


# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button