يۈرەك مېڭە- قان تومۇر

ئۆتكۈر خارەكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى

سەۋەبى

قان خىلىتىنىڭ تەسىرى

قان خىلىتىغا تارقىلىشچان زۇكام جاراسىمى، ئۆپكە ياللۇغى جاراسىمى ۋە ھەرخىل زەمبۇرۇغلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق يۈرەك قېپىغا تەسىر قلىپ، يۈرەك قېپىنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرى

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ تەدرىجىي كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆپكە سىلى ۋە كۆكرەك پەردە سىلىنىڭ تەسىرى

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى ئادەتتە 41% تى مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە كانايچە لىمفا تۈگۈنچە سىلى، ئۆپكە ياكى كۆكرەك پەردە سىلى ئاجرىتىپ چىقارغان جاراسىملارنىڭ بىۋاسىتە يامراپ يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلىشى ياكى قان لىمفا قانىلى ئارقىلىق تارقىلىپ يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلىشىدىن يۈرەك قېپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن

چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى ئاجرىتىپ چىقارغان ئۇفۇنەتلىك ماددىلار بىۋاسىتە يۈرەك قېپى تەرەپكە يامراپ يۈرەك قېپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

رېماتىزم سەۋەبىدىن

رېماتىزم كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلاردا يەرلىك ئورۇندىن ئاجرىلىپ چىققان ئۇفۇنەتلىك ماددىلار يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلىپ يۈرەك قېپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا يۈرەك قېپى ئارىلىقىغا سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار ئاز بولغاچقا ئۆزلۈكىدىن سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىن

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدا يۈرەك مۇسكۇللىرى نىكروزلىنىپ يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت قىپىغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە يۈرەك قېپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل راك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن

ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى، لىمفا ئۆسمىسى، ئاق قان كېسىلى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ يۆتكىلىپ يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلىشىدىن يۈرەك قېپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن

سىستېمىلىق بۆرە چاقىسى، تۈگۈنچە خاراكتېرلىك كۆپ ئارتېرىيە ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، تېرە مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار ئاجرىتىپ چىقارغان ئۇفۇنەتلىك ماددىلارنىڭ قان ئېقىمى ئارقىلىق يۈرەك قېپىغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە يۈرەك قېپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

رادىئاكتىپلىق نۇرغا يولۇقۇش سەۋەبىدىن

كۆكرەك ياكى يۈرەك قېپى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچراشقاندا، يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ ھەمدە يۈرەك قېپى ياللۇغى بۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ئۆپكە ياللۇغى ياكى كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

ئالامىتى

ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا قىزىش، تەرلەش، چارچاش، تاماقتىن سەسكىنىش، تەشۋىشلىنىش كۆپ بولۇش، غەمكىنلىك، قالايمىقان جۆيلۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. سىل خاراكتېرلىك بولسا چۈشتىن كېيىن قىزىيدۇ ياكى داۋاملىق تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ، كېچىسى تەرلەيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، يىرىڭداش خاراكتېرلىك بولسا توڭۇپ تىترەيدۇ، يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ.

ئاغرىش بولىدۇ.

ئاغرىش يۈرەك ئالدى رايونى ياكى تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا بولىدۇ. ئاغرىش خاراكتېرى سانجىلىپ ئاغرىش ياكى تېلىپ ئاغرىش خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ ھەمدە ئاغرىق سول مۈرە، سول بىلەك، سول تاغاق رايونى، بۇيۇن ياكى يۇقىرى قورساق قىسمى قاتارلىقلارغا تارقىلىدۇ.

نەپەس قىيىنلىشىدۇ

بۇ يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئالامىتىدۇر. نەپەس قىيىنلىشىپ، ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەپەس ئۈزە، تېز بولىدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، تىنچسىزلىنىدۇ، كالپۇكلىرى كۆكىرىدۇ، يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىپ كانايچە ۋە ئۆپكە ۋېناسىنى باسقانلىقتىن ئۆپكە قان ئايلىنىشتا قان قىيىپ ئۆپكە ھاياتلىق ھەجمى كىچىكلەپ نەپەس قىيىنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىشنىڭ باشقا ئەزالارنى باسقاندىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

كانايچىنى بېسىش سەۋەبىدىن سىپازما خاراكتېرلىك يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېكىردەك قايتقۇچى نېرۋىسى بېسىلسا ئاۋاز پۈتۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ بېسىلسا يۈتۈش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەدەن تەكشۈرگەندە يۈرەك قېپىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

يۈرەك قېپىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى ئەڭ ئوچۇق ئوچۇق ئاڭلىنىدىغان ئورۇن تۆش سۆڭەك سول قىرى 3-، 4-قوۋۇرغا ئارىلىقىدا بولىدۇ. يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى يوقىلىدۇ. يۈرەك تاۋۇشى يىراقلىشىپ، ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىدۇ. يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ. يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى چېگرىسى ئىككى تەرەپكە قاراپ كېڭىيىدۇ. بەدەن ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، يۈرەك قېپىنىڭ ئۇرۇلۇش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلاپ ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇندىن باشقا ئاساسلىق قان ئايلىنىشتىكى ۋېنالارغا قان تولۇپ قىلىش بەلگىسى كۆرۈلىدۇ. يەنى بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ، جىگەر چوڭىيىدۇ، جىگەر ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ، قورساققا سۇ چۈشىدۇ، تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. يۈرەك قېپىغا كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق يىغىلغاندا يىغىلغان سۇيۇقلۇق يۈرەكنى ئارقا تەرەپكە ئىتتىرىپ سول ئارقا ئۆپكىنى بېسىشى سەۋەبىدىن، سول تاغاق بۇلۇڭ ئاستى رايونىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، ئاۋاز تىترەش تاۋۇشى كۈچىيىدۇ، كانايچە نەپەس تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى

كېسەللىك جەريانى ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.
1. قۇرۇق سىزىپ چىقىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى:

1. قۇرۇق سىزىپ چىقىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى: كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يۈرەك قېپى ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋەتتە قان تولۇش، ئېتىلىش پەيدا بولۇپ، ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت ئارىلىقىغا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە ئاز مىقداردىكى تېرە ھۈجەيرىلىرى سىزىپ چىقىپ دىۋار قەۋەت ۋە ئەزا قەۋەت ئۈستىگە چاپلىشىش بىلەن يۈرەك قېپى تىۋىت ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ.

2. ھۆل سىزىپ چىقىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى:

2. ھۆل سىزىپ چىقىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى: كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن سىزىپ چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ خاراكتېرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

(1)  شىلىمشىق سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ، سامان رەڭگىدە بولۇپ، مىقدارى 100ml دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

(2)  قانلىق سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ. سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق ئىچىدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپرەك بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە سىل خاراكتېرلىك، ئۆسمە خاراكتېرلىك سىرتقى زەخىملىنىش خاراكتېرلىكتە كۆپ ئۇچرايدۇ.

(3)  يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ. سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق ئىچىدە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە تۆكۈلۈپ چۈشكەن ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىلىرى كۆپ بولۇپ، سۈزۈك بولمايدۇ، كۆپىنچە 3 ~ 2 ھەپتە ئىچىدە سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

يەرلىك ئورۇندىكى شەكىل ئۆزگىرىش ۋە خىزمەت ئۆزگىرىشى.

يۈرەك قېپى بوشلۇقىدا ياللۇغلىنىشتىن كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق يىغىلغاندا ياكى سۇيۇقلۇق يىغىلىش سۈرئىتى تېز بولغاندا يۈرەك قېپى ئىچكى پەردە بېسىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ يۈرەك بېسىلىشىغا ئۇچرايدۇ. يۈرەك بوشلۇقى ئىچكى بېسىمى ئاشقانلىقتىن ئېچىلىش دەۋرىدە يۈرەكنىڭ كېڭىيىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ ۋېنادىن يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى ئازىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋېنادا قان قىيىپ ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تولۇشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، يۈرەكنىڭ قىسقىرىش دەۋرىدە قان چىقىرىش مىقدارى ئازىيىدۇ. قىسقىرىش دەۋرىدىكى قان بېسىمىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. قىسقىرىش بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشى بەزىدە ئىنتايىن روشەن بولىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەك قېپىغا تېز سۈرئەتتە سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىققاندا ياكى يۈرەك قېپى قاناپ جىددىي يۈرەك سالغاندا شوك بىلەن قان بېسىمىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. يۈرەك  بېسىلىش بەلگىسى ئېنىق بولغاندا بىمارنىڭ تومۇر ھەرىكىتى نەپەس ئالغاندا ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ، نەپەس چىقارغاندا ئەسلىگە كېلىدۇ. نورمال كىشىلەر نەپەس ئالغاندا كۆكرەك قەپىزىدىكى تەتۈر بېسىم چوڭىيىپ بېسىم كۈچى تۆۋەنلىگەنلىكتىن كۆكرەك قەپىزى ئىچىدىكى قان تومۇرلارنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ، ئوڭ دالانچە بىلەن ئەتراپ ۋېناسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ، ۋېنادىن يۈرەككە قايتىدىن قان مىقدارى ئاشىدۇ. ئوڭ قېرىنچىنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ۋە ئۆپكە ئارتېرىيىدىكى قان مىقدارىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ. ئۆپكە ئارتېرىيە قان مىقدارى بىلەن ئۆپكە قان تومۇرنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سول قېرىنچىنىڭ تولۇش مىقدارى ۋە چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ئەمما يۈرەك قېپىغا يىغىلغان سۇيۇقلۇق يۈرەكنى باسقاندا نەپەس ئالغاندا گەرچە ئۆپكە سىغىمچانلىقى ئاشقان بولسىمۇ، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئېچىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئوڭ يۈرەك دالانچىسى بىلەن ئەتراپ ۋېنا ئوتتۇرىسىدىكى ۋېنا بېسىم پەرقى كىچىكلەپ، يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى ئازىيىش بىلەن ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئۆپكە ۋېناسىنىڭ قايتىش مىقدارى ۋە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تولۇش مىقدارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىدۇ. نەتىجىدە سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ئازىيىپ ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەپ لەيلىمە تومۇر كېلىپ چىقىدۇ.

دىئاگنوزى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىيۈرەك ئالدى رايونىدىن يۈرەك قېپى سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىش، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى يوقىلىش، يۈرەك تاۋۇشى يىراقلىشىش، يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى چېگرىسى بەدەن ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلاش، ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەش، تومۇر بېسىم پەرقى كىچىكلەش، غەيرىي تومۇر شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆپكە سىلى، ئۆپكە ياللۇغى، رېماتىزم قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن
1. رېنتگېندە تەكشۈرۈش:

ئۆتكۈر سىزىپ چىقىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغىدا يۈرەك قېپىغا يىغىلغان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى ~300 250 مىللىلىتىردىن ئاشقاندا يۈرەك سايىسى ئىككى تەرەپكە كېڭىيىپ، كولبا شەكىلگە ياكى ئۈچبۇلۇڭ شەكىلگە ئۆزگىرىپ ھەر قايسى ئەگمىلەرنىڭ دائىرىسى يوقىلىدۇ، يۈرەك سايىسى بەدەن ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. يۇقىرىقى كاۋاك ۋېناسى كېڭىيىدۇ، يۈرەك دىئافراگما بۇلۇڭى قىرلىق بولىدۇ.

2. ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش:

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىدا كۆپىنچە قوشۇمچە يۈرەك قېپى، ئەزا قەۋەت ئاستى يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى بولغانلىقتىن دائىم ئېلېكتروكردىئوگراممىدا كەڭ دائىرىلىك يۈرەك مۇسكۇلى زەخىملىنىشنىڭ ئىپادىلىرى بولىدۇ. تىپىك بولغانلىرىدا aVR ئۇلانمىدىن تاشقىرى باشقا ئۇلانمىلاردا S-T بۆلىكى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يايى دۈمبىسى تۆۋەنگە قارايدۇ. T دولقۇن ئېگىز ئۇچلۇق بولۇپ، بىرقانچە سائەتتىن بىرقانچە كۈن داۋاملىشىدۇ، كېيىن ST بۆلىكى تەڭ ئېلېكتر سىزىقىغا چۈشىتدۇ. T دولقۇن پەس ياكى تەتۈر بولۇپ، بىرقانچە ھەپتىدىن بىرقانچە ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇندىن تاشقىرى دائىم سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش ۋە QRS دولقۇن ئۇچىنىڭ ئېلېكتر بېسىمىدا تۆۋەنلەش بولىدۇ. تاسادىپىي ۋاقىتلىق خاراكتېرلىك يۈرەك دالانچىسى تىترەش كۆرۈلىدۇ.

3. يۈرەكنى B چاۋدا تەكشۈرۈش:

يۈرەكنى B چاۋدا تەكشۈرگەندە چوڭ-كىچىكلىكى بىردەك بولمىغان سۇيۇقلۇق تەكشىلىكىنىڭ قايتۇرۇش دولقۇنى كۆرۈلىدۇ.

ئولترا ئاۋازلىق يۈرەك ئېلېكتر رەسىمدە تەكشۈرگەندە يۈرەك قېرىنچىسى قىسقىرىش ۋاقتىدا يۈرەك سول قېرىنچا ئارقا دىۋارى بىلەن ئوڭ يۈرەك دىۋارى قەۋىتى ئارىسىدا سۇيۇقلۇق خاراكتېرلىك قاراڭغۇ سايە كۆرۈلىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق مىقدارى 500 ~400 مىللىلىتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يىغىلغان سۇيۇقلۇق 200 ~300 مىللىلىتىر بولغاندا ئالدىنقى يۈرەك قېپى بوشلۇقىدا سۇيۇقلۇق قاراڭغۇ سايە كۆرۈلىدۇ.

4. قان تەكشۈرۈش:

يىرىڭلىق يۈرەك قېپى ياللۇغىدا ئاق قان ھۈجەيرە سانى ۋە نىتروفىل ھۈجەيرە سانى كۆپىيىدۇ، سىل خاراكتېرلىك بولسا نورمال بولىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوز

يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىدىكى يۈرەك بوغۇق تاۋۇش سول چېگرىسى بىلەن يۈرەك ئۇچىدىكى سوقۇش ئورنى بىردەك بولۇش، يۈرەك تاۋۇشى ئوچۇق بولۇپ، تەكرار رىتىم بولۇش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە، يۈرەك شار شەكىللىك بولۇپ، ئۆپكىدە قان قېيىش ئىپادىسى بولۇش، يۈرەك دىئافراگما بۇلۇڭى گال بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئوڭ يۈرەك قېلىنلاشتىن پەرقلەندۈرۈش

ئوڭ يۈرەك قېلىنلاشتىكى يۈرەك بوغۇق تاۋۇش سول چېگرىسى بىلەن يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى بىردەك بولۇش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە يۈرەك دالانچە قېرىنچىسى چوڭىيىش، ئۆپكىگە قان قېيىش ئىپادىلىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. تىنچ ئارام ئالدۇرۇپ، ئوكسىگېن پۇرىتىلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

2. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

4. يۈرەكنىڭ بېسىلىشىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە يۈرەك قېپىغا فۇنكسىيە قىلىپ سۇيۇقلۇق تارقىلىدۇ.

5. كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولسا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

6. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ

داۋالاش ئۇسۇلى

بىمارنى ھاۋاسى ساپ ئۆيدە تىنچ ياتقۇزۇپ، ئارام ئالدۇرۇلىدۇ، ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش بولسا ئوكسىگېن پۇرىتىلىدۇ.

ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ھەببى ئەپيۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بىر دانىدىن؛ خېمىرى خەشخاش كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن؛ ھەببىي شىپا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن؛ ھەببى بەزرۇلبەنجى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلشىقا بولىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردىكى خەشخاش يېغى بىلەن سىرتىدىن باغلاپ بېرىلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~80 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا  80 ~60 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

شاھتەررە 25 گرام، گۈلبىنەپشە، بادىيان يىلتىزى، قەسبۇزەرىرە، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرامدىن، كىشمىش ئۈزۈم 50 گرام، ئەفتىمۇن 20 گرام، چىلان 50 دانە، تەرەنجىۋىل 140 گرام، مامىرانچىنى 15 گرام، سەرسىبىل 27 گرام، دورىلاردىن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، بابۇنە گۈلى، ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~80 مىللىلىتىردىن 75 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ ئۈچۈن بېرىلگەن دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~60 مىللىلىتىردىن 5 ~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

يۈرەكنىڭ بېسىلىشىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە سول ئالدىنقى كۆكرەك سەككىزىنچى قوۋۇرغا ئارىلىق بوشلۇقىنىڭ يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى سول قېرىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى بىر ئىككى سانتىمېتىر جايدىن ياكى خەنجەرسىمان ئۆسۈكچە بىلەن سول تەرەپ يېتىم قوۋۇرغا ئاستى قىرى كېسىشكەن بۇلۇگىدىن يىڭنە كىرگۈزۈپ، تەخمىنەن 100 ~1000 مىللىلىتىرغا قەدەر سۇيۇقلۇق تارتىپ ئېلىنىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولسا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق يۈرەك قېپىنى يېرىپ ئاققۇزۇۋېتىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~80 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~30 مىللىلىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~30 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىلمىشكى بارىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~3 دانىدىن؛ خىمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~3 دانىدىن؛ خىمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم؛ تاماقتىن ئىلگىرى؛ ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بو لىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، مايلىق، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ئۈگرە، شويلا، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سېمىزئوت، پالەك، ئالما، ئانار، نەشپۈت، چىلان قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قورقۇشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاكاما چېكىشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە-ساياھەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش لازىم.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button