ساغلاملىق بىلىملىرى

زۇكام،يۆتەلنى داۋالايدىغان ئەپچىل ئۇسۇللار

زۇكامداپ باش ئاغرىغاندا: 2 چىنە شورپا گۈرۈچ قاينىتىپ، سۇڭپىيازدىن 10 تال،سامساقتىن 3 تال سېلىپ يەنە قاينىتىپ،ئىسسىق پېتى بىر قېتىمدىلا ئىچىش،ھەمدە قېلىن ياتقاندا ھىم  پۈركۈنۈپ تەرلىنىش كېرەك.
زۇكامداپ باش ئاغرىغان،قىززىغان،ئەمما تەر چىقمىغاندا:
ياڭاق مېغىزى،سۇڭپىياز،خام زەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن 25 گىرام،چايدىن 15 گىرام ئېلىپ بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ،سۈزۈپ بىر قېتىمدىلا ئېچىش،ھەمدە شامالغا چىقماسلىق كېرەك.
زۇكامداپ يۆتەلگەن،ھەمدە كۆپۈكلۈك خەپرۈك كۆپ كەلگەندە:
بىرتال تۇرۇپنى 3 چىنە سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ،ئۇستىگە 15 گىرام زەنجىۋىل،6 تال سۇڭپىياز سېلىپ بىر چىنە قالغىچە قاينىتىپ،سۈزمەي ھەممىنى بىراقلا ئىچىش كېرەك.
يۆتەل قۇرۇق يۆتۈلۈپ خەپرۈك ئاز كەلگەندە:
بىر ئىستاكان شاكىراپ قايناقسۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئىچىش لازىم.2. بىر دانە نەشپۈتنى 50 گىرام ھەسەل بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئچىش لازىم .3.كۈنجۈتتىن 200 گىرام ئاق شىكەردىن 50 گىرام ئېلىپ قورۇپ دائىم يېيىش كېرەك

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button