ئاياللارساغلاملىقى

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش

چۈشەنچە

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن ھەيز مەزگىلىدە ياكى ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۆۋەنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىپ ياكى باشقا بىئاراملىقلار بولۇپ، كۈندىلىك پائالىيەتلەر ۋە ئەمگەككە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھەم ئالامەت ھەم كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئۆزىدە ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزالاردا ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ مەۋجۇۇلۇقى سەۋەبىدىن (بالىياتقۇ بوينى بەك تار ياكى بالىياتقۇنىڭ ئورنى نورمال بولماسلىق، بالىياتقۇ تولۇق تەرەققىي قىلالماسلىق، بالىياتقۇدا ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا ئۆسمە ۋە ياللۇغلۇق ئۆزگىرىشلەر بولۇش) كېلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئالامەت، مىزاج بۇزۇلۇش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.

سەۋەبى

1. خىلىتىسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرى

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشخىلىتىسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات ئومۇمىي بەدەنگە جۈملىدىن بالىياتقۇغا تەسىر قىلىش بىلەن بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇلى نورمالسىز سىپازمىلىنىدۇ، نەتىجىدە يەرلىك ئورۇندىكى قان ۋە ماددا ئالمىشىش راۋان بولماي ماددا ئالمىشىشنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ھەمدە بالىياتقۇ بوينى، بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ رېفلېكسلىق قىسقىرىپ، بوشىشى نورمالسىزلىشىدۇ. شۇنىڭدەك نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ نورمالسىز بېسىلىشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى كۈچىيىپ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

2. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرى

خىلىتىسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئومۇمىي بەدەنگە جۈملىدىن بالىياتقۇغا تەسىر قىلىش بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ئارىلىق ماددىلىرىدىكى ھۆللۈك ئېشىپ، ئىچكى پەردە قېلىنلاپ، ھەيز كېلىش مەزگىلىدىكى ئىچكى پەردىنىڭ سويۇلۇپ چۈشۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئۇندىن باشقا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە توقۇلما ئارىلىقلىرىدىكى سۇيۇقلۇق كۆپەيگەنلىكتىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى قىلقان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ ھەيز ھاسىل قىلىشى جەريانىدا نېرۋىلارنىڭ نورمالسىز بېسىلىشىنى پەيدا قىلىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى

سەۋدا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە بالىياتقۇ ياكى پۈتۈن بەدەننىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇلى، بالىياتقۇ بوينى ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاسىل بولغان ھەيزنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇ بوينىنىڭ بوشىشىشى (كېڭىيىشى) ھەمدە بالىياتقۇنىڭ رېفلېكسلىق قىسقىرىپ بوشىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ھەيز قېنى قويۇق، بالىياتقۇ بوينىنىڭ بوشىشىشى يېتەرسىز بولغاچقا بالىياتقۇ مۇسكۇلى بەك كۈچىنىپ قىسقىرىش، بوشاش جەريانىدا كۈچىنىش نەتىجىسىدە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش كۆرۈلىدۇ.

4. پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى ۋە زىيادە چارچاش

روھى-كەيپىيات، چارچاش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ھەيز ئاجرىتىپ چىقىرىش جەريانىدا بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ رېفلېكسلىق پائالىيەتلىرى، يەرلىك ئورۇندىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نېرۋىلىق تەڭشىلىشى قالايمىقانلىشىشتىن ياكى زىيادە قورقۇش، جىددىيلىشىشلەردىن ھەيز مەزگىلىدىكى خاتا سېزىم پەيدا بولۇشتىن ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

5. قان ئازلىق

قان ئازلىق يۈز بەرگەندە، قاننىڭ بەدەندىكى بارلىق ئەزا توقۇلمىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا مېڭە ۋە جىنسىي ئەزالارنىڭمۇ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى ھەمدە روھنىڭ ھاسىل بولۇشى قىسمەن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە مېڭىنىڭ سەزگۈ، ھەرىكەت ئەسەبلىرى ۋە باشقۇرۇش، تەڭشەش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاپ، جىنسىي ئەزالار پائالىيىتىنىڭ تەڭشىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، جىنسىي ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ھەيز ھاسىل قىلىدىغان قەۋىتىنىڭ نورمال ئۆسۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ رېفلېكسلىق قىسقىرىپ بوشىشى قالايمىقانلىشىدۇ ۋە كۈچىيىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش كېلىپ چىقىدۇ.

6. جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بالىياتقۇ يېتىلىشى ناچار بولۇش، بالىياتقۇ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئېگىلىش، بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى تارىيىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىيي ئورۇنلىشىش كېسىلى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئورنىنىڭ كەينىگە جايلىشىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

ئاغرىش كۆپىنچە ھەيز مەزگىلىنىڭ 1-، 2-كۈنلىرى ياكى ھەيز كېلىشتىن بىر نەچچە سائەت ئاۋۋال پەيدا بولۇپ، 3 ~ 2 كۈن داۋاملىشىپ يوقىلىدۇ. تۆۋەنكى قورساق ساھەسى تۇتقاقلىق مۇجۇپ، كۆپۈپ ياكى ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىق بەزىدە بەل توققۇزكۆز قىسمى ۋە ئىككى يوتا قىسىملىرىغا تارقىلىدۇ. ئاغرىش بەك قاتتىق بولغۇچىلارنىڭ چىرايى سارغىيىش، تۆت مۈچە مۇزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر غەيرىيي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ھەر قېتىملىق ھەيزدا ئۇدا ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.

دىئاگنوزى

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىلگىرى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە سەۋەبچى بولغان كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە ھەيز مەزگىلىدىن ياكى ھەيز كېلىشتىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ. باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بىرگە كېلىدۇ.

2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. قان ئازلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا قان تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. ئاغرىق توختىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قاننى جانلاندۇرۇش، سپازما بوشىتىش، تىنچلاندۇرۇش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

4. باشقا كېسەللىكتىن بولسا، شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشسەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە دورىلاردىن خىيارشەنبەر، سېرىقچېچەك، ئۇبھەل قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 20 ~ 10 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگە قەدەر ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ ياكى ئۈستقۇددۇس شەربىتى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، ئىترىفىل كەبىر قاتارلىقلار ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. خىلىتىسىز قۇرۇق سوغۇقتىن كېلىپ چىققان بولسا گرېلكا بىلەن دوۋسۇن ساھەسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى قۇرۇق ھورداش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. خىلىتىسىز ھۆل سوغۇقتىن كېلىپ چىققان بولسا قارىمۇچ، قەلەمپۇچ، پىلپىل، خەشخاش پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام ئېلىپ، تالقانلاپ ئىسسىق ھالەتتە دوۋسۇن ساھەسىگە تېڭىلىدۇ. گىرېلكا بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، قۇرۇق ھورداش ئۇسۇلىمۇ ئوبدان ئۈنۈم بېرىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەيز راۋان قىلىش مەقسىتىدە داۋائى كۇركۇم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ سىركەنجىۋىل بۇزۇرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ مائولئۇسۇل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. قان تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۈزۈم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى قارا شېكەردىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 20 گرام ئېلىپ دەملەپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە ھەببى شىپا كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، 5 ~ 3 دانىدىن، بەرشىشا كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 3~5 دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى خەشخاش پوستى، خەشخاش ئۇرۇقى، گۈل بىنەپشە، قىزىلگۈل، ئىكلىلمىلىك، سوزاپ ئۇرۇقى، بەزرۇلبەنجى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ، گۈل يېغى ياكى خەشخاش يېغى ياكى زىغىر يېغى بىلەن دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ. رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ھەيزنى راۋان قىلىش مەقسىتىدە داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھېلىلە مۇرابباسى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قىزىلگۈل قەنتى كۈندە 3 ~ 2 قېتىم، تاماق ۋاقتىدا ھەر قېتىمدا 15 ~ 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىش بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە سىڭىدىغان، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ۋە چوڭ-كىچىك تەرەتنى، ھەيزنى راۋان قىلىدىغان غىزائى داۋائىلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ كاۋىپى، توخۇ گۆشى شورپىسى، كەپتەر شورپىسى، ئامىلە مۇرابباسى، ئەنجۈر مۇرابباسى، سوقماق، شويلا قاتارلىقلار.

3. روھىي جەھەتتىن غەم-ئەندىشە قىلىش، زىيادە قورقۇش، غەزەپلىنىش، ھەسرەت-نادامەت چېكىش قاتارلىق پاسسىپ پسىخىكا ئامىللىرىدىن يىراق بولۇش، ھەيز مەزگىلىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە ھېرىپ-چارچاشتىن، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ھەمدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، ھەيز مەزگىلىدە قەتئىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

4. بالاغەتكە يېتىش يېشىدىكى قىزلار بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدىكى بەدەندە بولىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆگىنىۋېلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، يېنىك دەرىجىدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۆزىدە بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەندە قورقۇپ جىددىيلەشمەي، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

 


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button