تېرە كېسەللىكلىرى

ئاق كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىم

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابت دوختۇرخانىسىدىن ئوبۇلقاسىم ئەخمەت 

 

    قىسقىچە مەزمۇنى : ماقالىدە ئاق كېسەللىكنى كېلىنكىلىق داۋالاپ كۈزۈتۈش جەريانىدا بايقانغان كېسەللىك سەۋەبى ۋە داۋالاشپرىنسىپى جەھەتتىكى يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قويىلىدۇ

   ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ؛ ئاق كېسەللىك، داۋالاش پرىنسىپ

   ئاق كېسەللىك كىشىلەر ئارىسىدا ئاۋالاق، پىسە دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان بەدەن تېرىسى مەلۇم قىسمى ياكى پۈتۈنقىسمى يۈزىنىڭ رەڭگى ئاقىرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، تاشقى گۈزەللىكنى بۇزۇپ ئادەمنى روھى جەھەتتىن ئازاپلايدىغان، دىئاگۇنۇزقويۇش ئاسان، داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن بولىۋاتقان تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. ئىلگىرى ئۆتكەن تىببىي ئالىم  ۋە ھۆكۈمالىرىمىزبۇ كېسەللىكنىڭ بەزىلىرى بەدەندە غالىپ كەلگەن قويۇق بەلغەم ماددىسىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولسا، يەنە بەزىلىرى ئېرسىيەت خاراكتېلىكپەيدا بولىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى داۋالش پرىنسىپلىرىنى تۈزۈپ، بەدەنگە ئىچىكى، تاشقى جەھەتتىن دورائىشلىتىپ داۋالاش بىلەن بىرگە، يەنە تېخىنىكىلىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنش ئارقىلىق خېلى يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىنى قولغاكەلتۈرگەن. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان مەن ئاق كېسەللەقنى داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا كېلىنكىلىك كۈزۈتۈش، ئىلمىي مۇلاھىزەقىلىش ئارقىلىق ئىلگىركى تىببىي ئالىم، تىببىي ھۆكۈمالىرىمىزنىڭ ئاق كېسەللىك توغرىسىدىكى يەكۈنلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە توغرىلىقىنى يەنەبىر قېتىم ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ، بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپرى جەھەتتە تۆۋەندىكىلەرنى ھېس قىلدىم :

   كېسەللىك سەۋەبى جەھەتتە :

    1 ) رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن يەنى مېڭە، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالار خىزمىتىنىڭ بەدەندىكى ئىچكى،تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن تېرە ۋە  باشقا ئەزالارنى ئۇزۇقلۇق بىلەن ئۇزۇقلاندۇرغۇچى ئەزالاردىكىئۇزۇقلۇقلارنى تۇتۇپ تۇرغۇچى، ھەزىم قىلدۇرغۇچى ۋە ھەزىم قىلىنىپ بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى ھەيدەپ چىقارغۇچى قۇۋۋەتلەرنىقالايمىقانلاشتۇرۇپ، نەتىجىدە تېرە رەڭ پىگمىىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراققانلىقتىن ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ

   2 ) بەدەندىكى ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت تۈرلۈك ئامىللار تەسىرىدىن ماددىلارنى ئەزلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگەرتىپ بېرەلمىگەنلىكتىن،بۇ بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆنلىتىپ، ھۆللۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ ئۇزۇقلۇقلارنى ئۆزگەرتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،رەڭ پىگمىنتىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتى سۇسلاشقانلىقتىن ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ

   3 ) يەرلىك ئورۇندىكى تېرە سەزگۈ نېرىپلىرىنىڭ سەۋدا خىلىتىنىڭ زىيادە غىدىقلىشىغا ئۈچرىشى بىلەن تېرە خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ،تېرىنىڭ تەڭ پىگمىنتىنى ئىشلەپچىقىرىشى سۇسلىشىپ ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ

4 ) بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ نورمال مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن بەدەننىڭ ئىنچىكە تومۇرلاردا قان ئايلاندۇرۇش، خىلىتلارنىپىشۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈش خىزمەتلىرى سۇسلىشىپ تەدىرجى  ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ

   5 ) قان ئازلىقتىن، قان تەركىۈىدىكى ماددىلارنىڭ كۆپلەپ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ

   6 ) بەدەنگە ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى، سوغۇق ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك غەلىز تائاملارنى، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى، ھۆل سوغۇقتەبىئەتلىك مېۋىلەرنى كۆپ مىقداردا ئۇزۇن مەگىل ئىستېمال قىلىپ ئادەتلىنىش سەۋەبىدىن ئاشقازاننىڭ ھەزىم خىزمىتى بۇزۇلۇپ، بەدەندەكۆپ مىقداردا خام خلىت پەيدا بولۇش بەتىجىسىدە ئاق كېسەللىك پەيدا بولدۇ

  7 )  ساقلىقنى سەقلاش زۆرۈريەتلىرىگە  تولۇق ئەمەل قىلماسلىق سەۋەبىدىنمۇ ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ

   8 ) كۆيۈك، ئۈششۈك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېرە پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باشقا كسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىنمۇ يەرلىكئورۇندىكى تېرە يۈزىدە ئاق كېسەەلىك پەيدا بولىدۇ

   9 ) بەدەندىك ئىچكى ئەزالاردا يۈز بەرگەن باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بولۇپمۇ ھەزىم يولىدىكى پارازىت قۇرت كېسەللىكىنىڭتەسىرىدىن تېرىدە ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن : شىپاخانىمىزمنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 1993 – يىلنىڭ بېشىدىن 1994 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاق كېسەل بىلەن يېتىپ داۋالانغان 312 نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، كېلىنكىلىك تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ بىمارلارنىڭ ئىچىدىكى 48  نەپەر بىماردا ئۇزۇن يىللىق تارىخىقا ئىگە ئۈچۈي مەددەقۇرت كېسەللىكىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان . بۇ ئومۇمىي بىمار سانىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ

   دااۋلاش پرىنسىپى جەھەتتە :

   ئىچكى تەرەپتىن داۋالاشنى ئاساس، سىرتقى تەرەپتىن داۋالاشنى قوشۇنچە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئامال بار سىرتقى تەرەپتىندورا ئىشلەتمەسلىك . ئەگەر ئىچكى تەرەپتىن ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن سىرتقى تەرەپتىن دورائىشلىتىش ۋە باشقا تېخىنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوشۇمچە قوللىنىش كېرەك

  2 ) ئالدى بىلەن كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلىرىنى ئىشلىتىش. بۇ دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە باشقادورىلارنى قەتئى ئىشلەتمەسلىك يەنى كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسى دورىلار ۋە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنىمۇنزىچ، مۇسھىل باسقۇچلىرىنى تۈگەرتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىش لازىم. بولۇپمۇ سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تېخىمۇ شۇنداققىلىش لازىم. بولمىسا كېسەللىك ماددىلىرى پىشمىغان ۋى بەدەندىن تولۇق چىقىرىلمىغان ئەھۋالدا سىرتتىن ئىشلىتىلگەن دورىلار يەرلىكئورۇندىكى تېرە يۈزىدە سۇلۇق قاپارتما ۋە شەلۋەرەش پەيدا قىلىپ، بۇزۇق ماددىلارنىڭ يەرلىك ئورۇندا چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپچىقىىرش بىلەن تېرە رەڭگىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ

   3 )  ئالدى بىلەن كېسەللىكنىڭ بىرلەمچى ياكى ئىككىلەمچى كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىش، ئەگەر كېسەللىك ئىككىلەمچى كېسەللىكبولسا، ئالدى بىلەن بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى بىرلەمچى كېسەللىكنى تولۇق داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئاندىن ئاق كېسەللىككە قارىتاداۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنداق قىلمىغاندا داۋالاش ئۈنىمىگە تولۇق ئېرىشكىلى بولمايدۇ. يۇقىرقى مىسالدا كۆرسىتىلگەن 312 نەپەربىمارنىڭ ھەممىسىگە دەسلەپتە ئومۇمىي يۈزلۈك ئاق كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدە باشقا قوشۇمچەكېسەللىكى يوق بىمارلارنىڭ كېسەللىكىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكى بىرگە قوشۇلۇپكەلگەن 48  نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىكىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدۇق. كېيىن كېلىنكىلىق كۆزۈتۈش ئارقىلىق بۇ بىمارلاردىكىئاق كېسەللىكنىڭ ئىككىلەمچى كېسەللىك ، ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكىنىڭ بىرلەمچى كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ ئاق كېسەللىكىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان داۋالاشنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ، مەددە قۇرت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر بىربىمارغا ئاچ قورساق ھالەتتە ئەفسەنتىن، سوزاپ ئۇرۇقى، قوغۇق ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 12 گرامدىن، ئۈجمە يىلتىزىقوۋزىقى، شاپتۇل دەرىخى قوۋزىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 18 گرامدىن، بەرەڭگى كابىلى، قەنبىل، فۇفەل، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزىقاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 15 گرامدىن، كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىدىن 30 گرام، مورمەككىدىن توققۇز گرام ئېلىپ، ئەفسەنتىن، سوزاپئۇرۇقى، بەرەڭگى كابىلى، فۇفەل، ئۈجمە يىلتىزى قوۋزىقى، شاپتۇل دەرىخى قوۋزىقى قاتارلىقلارنى چالا سوقۇپ، 700 مىللىلېتىرقايناقسۇغا بىر كېچە چىلاپ، سۇنىڭ 500 مىللىلېتىر قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ 150 گرام شېكەر بىلەن قىيام قىلىپ،قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ بۇ قىيامغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 250 گرامنى ئىستېمال قىلدۇرۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن، سانادىن15 گرام، خىيار شەنبەردىن 30 گرام، قىزىلگۈلدىن 12 گرام ئېلىپ، 300 مىللىلېتىر قايناقسۇغا دەملەپ، تولۇق تەمى چىقىرىلغاندەملىمىدىن 150 مىللىلېتىر ئىستېمال قىلدۇرۇپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن يۇقىرقى دورىلارنى تەرتىپ بويىچە يەنە قايتا بىر قېتىمدىنئىستېمال قىلدۇردۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاق كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ باردۇق. نەتىجىدە بۇ 48  نەپەر بىماردىن ئاق كېسەللىكىتولۇق ساقايغىنى 22 نەپەر، 75 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئۈنۈم بولغىنى 14 نەپەر، 50 پىرسەنتتىن يۇىقرى ئۈنۈم بولىشىنى 12 نەپەر بولدى

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكۇمى ئىلمىي ژۇرنىلى ( 1999 –يىللىق 1 – ئاي نەشىرىدىن ئېلىندى. )


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button