ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىيۈرەك مېڭە- قان تومۇر

مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى

سەۋەبى

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات ئىچكى ياكى سىرتقى تەرەپتىن يۈرەككە زىيادە تەسىر قىلغاندا قۇرۇقلۇق تەسىرى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىسسىقلىق كەيپىيات بىلەن يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، روھىي ھايۋانىي ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىينىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گەرچە يۈرەك ھەرىكىتى تېز بولسىمۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ كېڭىيىشى ياخشى بولمىغاچقا يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قان بىلەن تولۇشى يېتەرلىك بولماي، يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل ئىسىسق كەيپىيات يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيادە تەسىر قىلغاندا ھۆللۈك كەيپىياتى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسسىقلىق كەيپىياتى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك ھەرىكىتى تېز بولسىمۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئېشىپ كەتكەچكە ئۈنۈملۈك قىسقىرىپ قان سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيادە تەسىر قىلسا ھۆللۈك كەيپىياتى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، سوغۇقلۇق كەيپىياتى بىلەن يۈرەك ھەرىكىتىنى ئىشلىتىش نەتىجىسىدە روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا ھەم يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يۇقىرى بولغاچقا يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىتىپ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيادە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق كەيپىياتى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ سوغۇق كەيپىياتى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ. يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى ئاستا ھەم يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەن بولغاچقا، يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قان خىلىتى ئازىيىپ كەتكەندە يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى يۈرەك مۇسكۇلى توقۇلمىلىرى بىلەن قان تومۇر ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ يۈرەك زەئىپلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

7. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك زەئىپلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

8. تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئي بەلغەم خىلىتى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ ھەمدە بەدەندىكى تەبىئىي ھارارەتنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، يۈرەك زەئىپلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

9. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى يۈرەككە تەسىر قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇلىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ ماددا ئالمشىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

كۆپ ھەرىكەت قىلىش، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىش، جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، قان يوقىتىش، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، ھەر خىل زەھەرلىنىش … قاتارلىقلار قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ئالامىتى

ئېگىزگە چىققاندا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، يۈرەك سالىدۇ، يۈرەك چالاڭغۇرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا باش قايىدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ، كۆپ غەم-ئەندىشە قىلىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ، ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىل كەيپىيات ياكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كەيپىيات ياكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ غالىپلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك زەئىپلىشىشتە تومۇر ئىنچىكە، تېز سالىدۇ. نەپەس چوڭقۇر بولۇپ، ھاسىراش بولىدۇ، كۆكرەك ئۇدۇلى پات-پات قىزىپ تۇرىدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، يۈرەك ئەتراپىدا ئېچىشىش بولىدۇ، روھىي جەھەتتىن چېچىلاڭغۇ بولىدۇ، ئورۇقلايدۇ، سوغۇق نەرسىلەر ۋە سوغۇق ھاۋانى ياقتۇرىدۇ، ئىسسىقلىقتىن قاچىدۇ، سۈيدۈكى سارغۇچ كېلىدۇ ھەمدە قەۋزىيەتلىك بولىدۇ.

2. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا تومۇرى ئاستا، توم سالىدۇ، پۇت قولى سوغۇق بولىدۇ، چىرايى تاتىراڭغۇ، غەمكىن بولىدۇ، ھورۇن، بوشاڭ بولۇپ قالىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن ئازراق كۆكىرىپ، ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ.

3. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تومۇرى توم ھەم تېز، ھارارەتلىك بولىدۇ، كۆكرەك ئۇدۇلى قىزىشقاندەك سېزىم بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق، تېرىلىرى يۇمشاق بولىدۇ، ئىسسىق نەرسىلەردىن بىزار بولىدۇ، سوغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ.

4. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ كېلىپ چىققان بولسا، تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا سالىدۇ، ئېغىزى قۇرۇپ، ئۇسسۇزلىقى كۆپ بولىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، بەدەن ئورۇقلايدۇ، تېرىلەر قۇرغاقلىشىدۇ، ئاسان چۆچۈيدۇ، قورقۇنچاقلىق ئېغىر بولىدۇ، سۈيدۈكى ئازىيىدۇ.

دىئاگنوزى

ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئېگىز بىنالارغا چىققاندا نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سېلىش، يۈرەك چالاڭغۇراش، باش قېيىش، غەم-ئەندىشە كۆپ بولۇش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

سېلىشتۇرما

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

قان ئازلىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا قوشۇمچە تەكشۈرۈشتىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ (RBC) نىڭ سانى ئازىيىش، سېلىشتۇرما ھەجىمى كىچىكلەش، ھىموگلوبىننىڭ سانى (Hb) ئازىيىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاقىۋىتى

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ئورگان خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ھەرخىل قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا سوۋۇتۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

سەندەلنى ئەرقى گۈلگە سۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا كافور قوشۇپ، يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

قۇرۇق يۇمغشاقسۈت 12 گرام، تاماشىر، قىزىلگۈل توققۇز گرامدىن، كافۇر 0.4 گرام، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئىككى گرامغا 30 مىللىلىتىر ئالما شەربىتى ياكى لىمون شەربىتى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

قىزىلگۈل، تاباشىر ئون ئىككى گرامدىن، قۇرۇق يۇمغاقسۈت توققۇز گرام، بىخ مارجان، تېشىلمىگەن مەرۋايىت، كەھرىۋا يەتتە گرامدىن، كافور ئىككى گرام، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئىككى گرامنى 50 مىللىلىتىر ئەرقى بىدىمىشكى ياكى سەندەل شەربىتى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

ئاق موم بەش گرام، ەرخەمەك سۈيى، سېمىز ئوت سۈيى، ئەرقى گۈل، ئەرقى سەندەل 10 مىللىلىتىردىن، كافۇر 0.4گرام ئېلىپ، قوشۇپ، زىماد تەييارلاپ كۆكرەككە چېپىلىدۇ.

موم بەش گرام، تەرخەمەك سۈيى، سېمىز ئوت سۈيى، ئەرقى گۈل، ئەرقى سەندەل 10 مىللىلىتىردىن، كافۇر 0.4 گرام ئېلىپ، قوشۇپ، زىماد تەييارلاپ كۆكرەككە چېپىلىدۇ.

ئاچچىق ئانار سۈيى 30 مىللىلىتىر، ئىسپىغۇل لوئابى 10 مىللىلىتىر، تاباشىر بەش گرام ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە كەچتە بىر قېتىم 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

لىمون شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىم 50~30 مىللىلىتىردىن؛ نارجىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ سەندەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئاچچىق ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ مىللىلىتىردىن؛ بېھى مۇرابباسى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن؛ ئەرقى بىدىمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى تۆۋەندىكى قۇرسى كافۇر كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن بېرىلىدۇ.

قۇرسى كافۇر نۇسخىسى:

تاباشىر ئون ئىككى گرام، قاپاق ئۇرۇقى توققۇز گرام، قىزىلگۈل ئون ئىككى گرام، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گرام، نېلۇپەر ئون ئىككى گرام، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى ئالتە گرام، سېمىزئوت ئۇرۇقى توققۇز گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ئالتە گرام، ئىككى خىل تەرخەمەك ئۇرۇقى توققۇز گرامدىن، ئاق سەندەل بەش گرام، قورۇلغان سەرتان تۆت گرام، رۇببىسۇس تۆت گرام، زەپەر 0.1 گرام، كافۇر 0.1 گرام، ئەرەب يېلىمى 0.5 گرام، كەتىرا 0.5 گرام، تەرەنجىبىن ئالتە گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، بېھى ئۇرۇقىنىڭ لوئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، قۇرس تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق ۋە ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

كەھرىۋا، بىخ مارجان، ھىڭ، قەلەمپۇر 10 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، مەجۇن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 9~6 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ھەسەل 500 مىللىلىتىر، ئەرقى گۈل 250 مىللىلىتىر، قەلەمپۇر، سۇمبۇل، ئۇد ھىندى 15 گرامدىن، قەلەمپۇر، سۇمبۇل، ئۇد ھىندى، زەپەر مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئەرقى گۈلنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ، دورا تالقانلىرىنى داكىغا يۆگەپ سېلىپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سۇمبۇل، قۇستە، ئۇبھەل، سەئدى كوفى، دارچىن، قەلەمپۇر 10 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئالما سۈيى ياكى بېھى سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

زەپەر ئۈچ گرام، سۇمبۇل، قىزىلگۈل، دارچىن، سەئدى كوفى ئالتە گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن زىماد تەييارلاپ، يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان يېرىم گرامدىن، زورەنبات، سۇمبۇل، بەسباسە، قەلەمپۇر، سازەج ھىندى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، گاۋزىبان، لاچىندانە ھىندى تۆت گرامدىن، ئۆشنە 0.5 گرام، زەنجىۋىل 0.5 گرام، ئىپار 0.5 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان قاتارلىقلارنى قاپاق ئەرقىگە چىلاپ، سوقۇپ، باشقا دورىلارنى ئايرىم سوقۇپ، تاسقاپ، ھەسەلنى چەككىلەپ، دورا تالقانلىرىنى قوشۇپ يۇغۇرۇپ، مەجۇن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

گاۋزىبان ھىندى، گاۋزىبان گۈلى، پىلە غوزىسى، بادىرەنجى بۇيا يوپۇرمىقى ئون بەش گرامدىن ئېلىپ، بىر كېچە مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا چىلاپ، ئەتىسى بىرئاز قاينىتىپ، سۈزۈپ، قەنت بىلەن قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا قىزىلگۈل شەربىتىدىن 20 مىللىلىتىر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

گاۋزىبان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىلمىشكى ھار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن چىققان بولسا قان تولۇقلاش مەقسىتىدە، ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئالما شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئۈزۈم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەنجۈر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئامىلە نۇشدارى لۆلىۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى خۇبسىل ھەدىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلاردىن چىلان شەرىبىت كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ لىمون شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەينۇلا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئالقات شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەينۇلا مۇرابباسى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن؛ ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى نېلۇپەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن بادىرەنجى بۇيا، ئۆشنە، نارمىشكى، بىدىمىشكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن، 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى تازىلىنىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن رەيھان ئۇرۇقى، بىدەمىشكى، ئۆشنە، بادىرەنجى بۇيا قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 7~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تەمسىز بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ئۆشنە، نارمىشكى، بىدەمىشكى، رەيھان ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن، 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى تازىلىنىدۇ.

مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئالما شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مۇپەررىھىر ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن؛ خىمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تۇزلۇق، زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى، كەكلىك گۆشى، كىيىك گۆشى، مائۇللەھمى، ئۈگرە، شورپا، نوقۇت ئېشى، كۆك ماش، ئاش، شويلا، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سېمىز ئوت، چامغۇر، سەۋزە، نەشپۈت، ئالما، ئانار، ئامۇت، ئەينۇلا، تەمرى ھىندى، ئەنجۈر قاتارلىقلار مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاش ۋە غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، زىيادە ئىسسىق  ياكى زىيادە سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، مەنزىرىلىك جايلارنى سەيلە-ساياھەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

ئاقىللار گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button